logo

trugen jacn

خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى ئىككىنچى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر دۇنياغا كەلتۈرۈلدى

uyghur-bingtuan-ishlepchiqirish-qurulush

ئۈمىدۋار

ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدا يەنە بىر ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر رەسمىي قۇرۇلۇپ ۋىۋىسكا ئاستى.

قۇرۇمقاش دەپ ئاتالغان بۇ شەھەر ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 14 – دىۋىزىيە،224 – پولكىدا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ خوتەن شەھىرىدىن 70 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلىشىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى قاراقاش، گۇما ۋە چىرا ناھىيىلىرىنىڭ تەۋەلىكلىرى بىلەن تۇتۇشىدىكەن. مەمۇرىي باشقۇرۇش جەھەتتىن 14 – دىۋىزىيە 224 – پولكى، 47 – پولكى ۋە گۇما دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

«خەلق تورى»، «تەڭرىتاغ تورى» ۋە باشقا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 26 – فېۋرال كۈنى224 – پولك مەركىزى جايلاشقان رايوندا شەھەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەھەرنىڭ يوپۇقى ئېچىلغان.

قۇرۇمقاش شەھىرىنى قۇرۇشنى بۇ يىل 7 – يانۋار كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى قارار قىلغاندىن كېيىن،2 – فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەستىقلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇرۇمقاش شەھىرى 1949 – يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگەن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىمى ئاساسىدا قۇرۇلغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى كونتروللۇقىدىكى توققۇز شەھەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇمقاش شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش ئارمىيىسى 14 – دىۋىزىيەسىنىڭ كونكرېت باشقۇرۇشىدا بولۇشىغا قوشۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە. شەھەر نوپۇسىنى 2030 – يىلىغىچە 170 مىڭدىن 200 مىڭغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-yengi-sheher-02282016214657.html

Share
2118 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.