logo

trugen jacn

خوتەن ۋىلايىتىدە 140 مىڭدىن ئوشۇق كادىر ۋە ئامما كوللىكتىپ قەسەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

 

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ۋە نىيە ناھىيىلىرىدە 140 مىڭدىن ئوشۇق كادىر ۋە ئامما «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» كوللىكتىپ قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خوتەن گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،5-ئاينىڭ 29- ۋە 30-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قەسەم بېرىش يىغىنلىرىغا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى، ۋالىي ئېزىز موسا بىۋاستە رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خەلق ئاممىسىنى پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇپ، قۇربان تۇلۇم روھىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشقا، قەھرىمانلارچە ئوتتۇرىغا چىقىپ «ئۈچ خىل كۈچلەر» بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.

ئارقىدىن شۇ جايلاردىكى دىنى زاتلار ۋەكىللىرى، خەلق ئاممىسى، كادىرلار ۋەكىللىرىمۇ ئايرىم – ئايرىم سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلىپ، پارتىيىگە ساداقىتىنى ئىپادىلىگەندىن كېيىن مەيدانلارغا يىغىلغان ئامما بىردەك قول كۆتۈرۈپ «ئۈچ خىل كۈچكە قارشى تۇرۇش» « ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قارشى تۇرۇش» «مۇقىملىقنى قوغداش» ھەققىدە شۇئار توۋلاپ قەسەم بەرگەن.

27-ماي كۈنى قەشقەر دائىرىلىرىمۇ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلاردىن يۈز مىڭ كىشىنى تەشكىللەپ، قەسەمياد يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇنداق «كوللېكتىپ قەسەمياد يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەت كادىرلىرىغا «ئوچۇق خەت»ئېلان قىلدۇرۇش دولقۇنىنىڭ رامىزان مەزگىلىدە يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم بولماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/kolliktip-qesem-06012017181642.html

Share
1332 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.