logo

trugen jacn

خوتەن ۋىلايىتىدە يەنە 221 نەپەر يەرلىك كادىرنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان

 

بۈگۈن، يەنى 15-ماي كۈنى «خوتەن گېزىتى» مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەرنىڭ يەنە 221 نەپەر كادىرنىڭ «مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك دائىرىلەر كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش دەرىجىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ۋىلايەت بويىچە يەنە 221 نەپەر كادىرنىڭ مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنغان 221 كادىر ئىچىدە 11 نەپىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلاردىن، 23 نەپىرى خوتەن ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلاردىن، 93 نەپىرى شەھەر-ناھىيە ۋە يېزا دەرىجىلىك ئورگانلاردىن كەنتلەرگە ئەۋەتىلگەن كادىرلار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە كەنت كادىرىدىن 88 نەپىرى، كەنت ساقچىسىدىن 6 نەپىرى بار ئىكەن.

مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنغان يۇقىرىقى 221 نەپەر كادىرغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش قاتارلىق تۈرلۈك جازالار بېرىلگەن.

خەۋەردە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىپ جازالانغان 221 نەپەر كادىرنىڭ مۇئاۋىن نازارەت دەرىجىلىكتىن تاكى بۆلۈم ۋە كەنت كادىرى دەرىجىسىگىچە بولغان كادىرلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خوتەن ۋىلايىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىۋاتقانلىقىنى، يۇقىرىقى 221 نەپەر كادىرنىڭ يېقىندىن بۇيان خوتەندە زەربە بېرىلگەن يەنە بىر تۈركۈم كادىرلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

Share
1057 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.