logo

trugen jacn

خوتەن ۋىلايىتىدە ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئون نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدار كادىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان

 

«خوتەن گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خوتەن شەھىرى ھەمدە خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ھەرقايسى ناھىيىلەردىكى ئاساسىي قاتلاملاردا پارتىيە ۋە خەلق قوراللىق قىسىملىرىدا رەھبىرىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئون نەپەر ئۇيغۇر كادىر «ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سېلىشتىكى تىپىك دېلو» سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئون نەپەر ئۇيغۇر كادىر ھەرقايسى يېزىلاردىكى پارتىيە ياچېيكا سېكرېتارلىرى، خەلق قوراللىق قىسىمنىڭ مۇدىرى، يېزا باشلىقلىرى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئىككى يۈزلىمىچى ئەمەلدارلارنى تازىلاش» ھەمدە «پارتىيەگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش» ھەرىكەتلىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى موللاق ئاتقۇزماقتا ئىكەن. ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، «ئىقتىسادىي مەسىلىنى باھانە قىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ھازىرقى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ كۆپ قىسمى دۇچ كېلىۋاتقان قىسمەت» دەپ كۆرسەتمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kadir-07042017123724.html

Share
961 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.