logo

trugen jacn

خوتەن ناھىيەسىنىڭ «چەتئەلگە چىققۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدۋېلى»گە يەرلىك ئەمەلدارلار پىكىر قىلدى

c5169f92-7ea7-48a6-8450-18f008ddad72

ئەركىن

خوتەن ناھىيەسىنىڭ لاڭرۇ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، «خۇسۇسى ئىش بىلەن چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدۋېلى» ھەققىدە ئۇچۇر ئىگىللىدۇق. يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، سىياسى مەسىلىسى بار، دىنيى تىندىنسىيەسى كۈچلىك كىشىلەرگە تامغا بېسىپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: جەدۋەلدە ساقچىدىن، يېزىدىن نۇرغۇن تام – رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەككەن، قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش كېرەك؟

ساقچى : ساياھەت ئىدارىسىدىن بىر جەدۋەل بېرىدىكەن بۇلارغا، ئۆتكلەندە بىرسى كەپتىكەن ساقچىخانىغا، مەن بۇرۇن جەدۋەنى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇ شۇنداق گەپلەرنى قىلدى. لېكىن نۇپۇسى بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدە بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدە بولسا تامغا بېسىپ بېرىمىز، بولمىسا باسمايمىز.

مۇخبىر: جەدۋەلدە نۇرغۇن يەرنىڭ ئىسمى باركەن، ئۇلارنىڭ بىرى ساقچىخانا دەپتۇ؟

ساقچى: شۇ، نۇپۇسى بىزنىڭ تەۋەلىكىمىزدە بولسا بولىدۇ. ۋاقىتلىق ئولتۇرىۋاتقنا بولسا بولمايدۇ. نۇپۇسى چوقۇم لاڭرۇ تەۋەلىكىدە بولۇشى كېرەك.

مۇخبىر: ئۇ قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك تامغا بېسىپ بېرىش ئۈچۈن؟ ساقچىخانا مەسىلىسى بولۇپ قالسا بېسىپ بەرنمەيدىغان ئىشمۇ بولامدۇ؟

ساقچى: مەسىلىسى بولۇپ قالسا بېسىپ بەرمەيدۇ. يەنى بىرەر قېتىم جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان بولسا تامغا بېسىپ بەرمەيدۇ. نورمال ئادەم بولسا، تەۋەيىمىزدە سىياسى – ئىجتىماىي مەسىلىسى يوق، دەپ تامغا بېسىپ بېرىدۇ.

مۇخبىر: دىندار، يالىق ئارتىپ يۈرىدىغان كىشىلەرگە قانداق قىلىدۇ؟

ساقچى: خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭغا جىق ئېسىلىۋالمايدۇ.

مۇخبىر: مەسىلەن، يۈزىنى يۆگەپ، بۇرۇن جەرىمانە يىگەن ھىجاپلىق ئايللارغا بولسا قانداق قىلىسىلەر؟

ساقچى: ئۇنىمايدۇ، بۇ يەردە ئۇنىڭغا. ئۇنىمايدۇ. بىزنىڭ سىياسىتىمىزدە نورمال بولسا گەپ يوق تامغا بېسىپ بېرىدۇ. لېكىن بايام دىگەندەك پەۋقۇلاددە بىرەر ئىش قىلىپ سالغان بولسا، مەسىلەنك تۈرمىگە كىرىپ ياكى سىياسى ئىشلارنى قىلىپ قويغان بولسا تامغا باسمايدۇ. بۇنداقلارنىڭ يېشىل كارتىغىمۇ باسمىدۇق.

مۇخبىر: سىياسى جەھەتتىن دىگەندە، دىنيى ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەڭلار؟

ساقچى: ئالىدۇ، لېكىن ئۇنىڭغا ئۇنىمايدۇ بىزنىڭ بۇ يەردە. تامغا باسمايدۇ ئۇنداق ئادەملەرگە. دۆلەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەملەرگە بېسىپ بېرىدۇ.

مۇخبىر: ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟

ساقچى: ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغانلار نورمال، ئىش چىقارمىغان، سىياسەتكە، تۈزۈمگە بوي سۇنغان ئادەملەر.

مۇخبىر: چەتئەلگە چىقىش ھەر ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى تۇرسا نىمىشقا چەكلەيدىلەر بۇنى؟

ساقچى: خوتەننىڭ شارائىتى شۇنداق ھازىر. ئاشۇنداق بولسۇن ئەمىسە.

لاڭرۇ يېزىلىق خەلق ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ بىر خادىمى، تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۈرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىپ چەتئەلگە چىققۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلى توختۇتۇپ قويىلىدۇ.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ ئۆلچىمىڭلار نىمە؟ تامغا بېسىپ بېرىش ئۈچۈن قانداق شەرتلىرىڭلار بارسىلەرنىڭ؟

كادىر: ئىقتىسادى جەھەتتە باشقا چەكلىمە يوق، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچىمىدە تۆۋەن تۇرمۇش پۇلىنى ئىقتىسادى ناچار ئائىلىلەر ئالغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى توشمايدۇ، ئۇلار ھەرەمگە بارسا بولمايدۇ، دەپ ئۇلارغا تامغا بېسىپ بېرىلمەيدۇ.

مۇخبىر: تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئالغانلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا بولامامدا؟

كادىر: بولۇشى بولار، لېكىن ئاساسلىقى ماۋۇ ساقچىخاناك سىياسى قانۇن، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ئىشخانىسى، ئەدلىيە تامغا بېسىپ بەرسە، بىز بېسىپ بېرىمىز.

مۇخبىر: ئۇلار بېسىپ بەرمىسە، سىلەر باسمايسىلەر؟ مەسىلەن، پۇلنى باشقىلار چىقارسىمۇ، ئۇ تۇرمۇش پۇلى ئالغانلىقى ئۈچۈن تامغ ئابېسىپ بېرىلمەمدۇ ئۇلارغا؟

كادىر: پەقەت سەپەرگە ماڭغۇچى بۇرۇنراق مۇشۇنداق مېنىڭ خىيالىم بار، بىر يەرگە بارىدىغانغا، دىسە، بىز ئۇنىڭ 3 – 4 ئاي بۇرۇن تۇرمۇش پۇلىنى توختۇتۇپ، كومپيۇتېردىن ئىسمىنى چىقىرىۋېتىپ بېسىپ بېرىمىز. تۇرمۇش پۇلىنى توختۇتىۋېتىمىز. چۈنكى، تۇرمۇش پۇلى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە بېرىلىدۇ.

مۇخبىر: ئۈرۈمچىگە ياكى ئىچكىرىگە بارسىمۇ، سىلەرگە تامغا ئۇرغۇزۇشى كېرەكمۇ؟

كادىر: جوڭگو ئىچىدە سەپەرقىلىدىغانلارغا بىز تامغا باسمايمىز. پەقەت ھەرەمگە بارىدىغان ياكى چەتئەلگە چىقىدىغانلارغا شۇنداق ئۆلچەم بار.

مۇخبىر: نىمە ئۈچۈن ئون نەچچە يەردىن تامغا بېسىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالىسىلەر؟

كادىر: بى شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا يەرلىك سىياسەت. يەرلىك سىياسەتتە ئاشۇنداق تۈزۈم بېكىتىلگەن. بۇ، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەملىي ئەھۋالى، ۋەزىيەت ئەھۋالىغا قاراپ بېكىتىلگەن.

مۇخبىر: بۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنمايدۇ، دىگەن گەپ چىقامدۇ بۇنىڭدىن؟

كادىر: ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئەمدى ھازىر شىنجاڭدا مۇقۇملۇق مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. ئۇ مۇقۇملۇقنى تۇتقا قىلىپ، بۇنىڭ ئىدىيە ئەھۋالى قانداق، سىياسى ئىپادىسى ياخشىمۇ – ياخشى ئەمەسمۇ، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ شەرتىنى ئىجرا قىلىشتا بۇنىڭىدىيەسى قانداق، مۈجمەل ئەھۋالى بارمۇ – يوقمۇ، جىنايە تۆتكۈزگەنمۇ – يوقمۇ، دىنيى جەھەتتە مەسىلىسى بارمۇ – يوقمۇ، دىگەنلەرنى ئىگىللەش ئۈچۈن چىقىرىلغان جەدۋەل.

خوتەن ناھىيەسىدىكى يەنە بىر يېزا كادىرى، بۇ بەلگىلىمە چەتەلگە چىققۇچىلارغا قولايسىزلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەزى يەرلىك كادىرلار تەستىقنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلىپ، پىكىر بەرگەن بولسىمئۇك بىراق ناھىيەلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت بۇنى رەت قىلغان.

كادىر : 2 باشقا ناھىيە ۋىلايەتلەردە يوق بۇ بەلگىلىمە. بىزنىڭ مۇشۇ خوتەن ناھىيەسىدە چىقارغان تۈزۈممىكى دەيمەن.

مۇخبىر: ئۇ پەقەت خوتەن ناھىيەسىدە چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتى بىلەن نىمە ئالاقىسى بار؟

كادىر : 2 بىزگە تامغا بېسىڭلار دىيىشىدىكى سەۋەب، سىرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى، ئىقتىسادى شارائىتى ياخشى – يامانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىمكانىيىتى بار – يوقلىقىنى تەكشۈرىڭلار، دەيدۇ. يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى ھىساپلايدۇ. شۇڭا، كەنتنىڭ ئوتتۇرۇچە كىرىم سەۋىيەسىدىن يۇقىرى – تۆۋەنلىكى، چەتكە چىقىپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن قىينىلىپ قالدىغان قالمايدىغانلىقىنى ئويلىشىدۇ. بەزى كىشىلەر چەتكە چىقىپ قىينىلىپ قالدىم، دەپ بەزى دۆلەتلەردىكى كونسۇلخانىلارغا پىكىر قىلغان ئىشلار يۈز بەرگەن.

خەلق ئىشلار ۋە نامراتلارنىڭ يۆلەش ئىشخانىلىرىنى چىقىرىپ قويۇشىدىكى سەۋەب، شۇ ئاىلە چەتئەلگە چىقسا، ئىقتىسادى يار – بېرەمدۇ – بەرمەمدۇ، دىگەننى تەكشۈرۈش. سىياسى جەھەتتىكى مەسىلىسىنى ساقچى، سىياسى قانۇن، ج خ تەكشۈرىدۇ. پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەن ئەھۋال بار – يوقلىقىنى پىلانلىق تۇغۇت، خەلق ئىشلار تارماقلىرى قۇتقۇزۇش پۇلى ئالامدۇ – ئالمامدۇ، دىگەننى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ئۆي سالغان – سالمىغاننى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل.

مۇخبىر: سىزنىڭ پونكىتىڭىز شۇ ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىنى ھىساپلاپ ئۇ چەتئەلگە چىقسا بولامدۇ – بولمامادۇ، دىگەنگە پىكىر بېرىسىز؟

كادىر : 2 ھە شۇ، ئىقتىسادى شارائىتى يار – بېرەمدۇ – بەرمەمدۇ، شۇنىڭغا بېسىڭلار، دەپ بىزگە بۇيرۇق بېرىلگەن.

مۇخبىر: جەمئىي ئون نەچچە تامغا بېسىش كېرەككەن؟ ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتى، ئەمىن ئۆي ۇرۇلۇشى، خەلق ئىشلار ئىشخانىسى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ، بايام سىز دېدىڭىز، نامراتلىق مەسىلىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ چىقىرىمىز، دەپ. ئۇ ھالدا نامراتلار چەتئەلگە چىقماسلىقى كېرەك، دەيدىغان گەپ چىقمامدۇ؟

كادىر : 2 بىز ئۇنى ماۋۇ چەتئەلگە چىقىدىغانلارغا بەك قولايسىز بولۇپ قالغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا پىكىر بەردۇق. سىرتقا چىقىش – چىقماسلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر كۆرسەتمىسە، ئۆزىنىڭ چىقىش ئىمكانىيىتى بولسا، نىمە قىلىمىز بىز بىر مۇنچە تامغا باستۇرۇپ، دەپ پىكىر بەرگەن. بىراق بۇ ۋىلايەت – ناھىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈزگەن سىياسىتى بولغاچقا، شۇ پېتى قىلمىسا بولمايدۇ، دىدى. ئالدىنقى قېتىم بىرقانچە ئادەملەر بېجىرىمىز، دەپ كەلدى. بۇ 11 ئورۇننىڭ ھەممىسىگە بارمىسا بولمىغاچقا، بىز بېجىرىدىغانلارغا شۇ پىكىرنى بەرگەن. مەقسەد، ئۇلارنىڭ چىقىرىپ – كىرىش ئەركىنلىكى بولغاندىن كېيىن، نىمە قىلىمىز بىز بىرمۇنچە ئادەمگە تامغا بېسىپ، دەپ پىكىر بەردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/pasport-ishlitish-12152014211504.html

Share
2207 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.