logo

trugen jacn

خوتەن ماڭلايدا يول تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئىنكاسلار

 

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە ماڭلاي يېزىسىدا جۈمە كۈنى سەھەردە بىر يول تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئوت قويۇۋېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن؛ ۋەقەدە 3 نەپەر خادىم ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن ۋە ۋە ئىككى نەپىرى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدىمۇ ئوخشىمىغان ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بەزى ئاھالىلەر ۋەقەنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ھەققىدە يول تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خادىملارنىڭ پەرەنجىلىك ئاياللارغا قىلغان زوراۋانلىقلىرىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بەزىلەر خادىملارنىڭ يولدىن ئۆتكەن قاتناش قوراللىرىغا ھەددىدىن زىيادە رەسمىيەت تەلەپلىرىنى قويۇپ كىشىلەرنى ئىزچىل ھالدا بوزەك قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. يەنە بەزىلەر ۋەقەنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا داۋام قىلىۋاتقان «بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنىغا قارىتا ئىنتىقام ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يەنە، ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ تېخىچە تۇتۇلمىغانلىقى ئايدىڭلاشتى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر مۇلاھىزىلىرىدە ۋەقە كۆرۈنۈشتە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە بۇنىڭ، رايوندا يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ پەقەت كۈرەشنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە شىددەتلىك داۋام قىلىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-qarshiliq-06232014160215.html

 

Share
1594 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.