logo

trugen jacn

خوتەن ماڭلايدا بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى 5 نەپەر خادىم ئۆلتۈرىۋېتىلگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر 

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن فەيسبوكتىكى بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدا بىر قانلىق ۋەقە يۈز بېرىپ خىتاي تەرەپتىن بەش كىشى ئۆلگەن. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مۇخبىرىمىز قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدىكى ساقچىلار، كادىرلار ۋە ئاھالىلەردىن مەلۇمات سورىدى.

ئاشكارىلىنىشىچە ۋەقە جۈمە كۈنى تاڭئاتاردىن ئاۋۋال يەنى سائەت 3 ئەتراپىدا، قاراقاش بازىرى بىلەن ماڭلاي يېزىسى ئارىسىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن. مەلۇم بولۇشىچە نامەلۇم بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئاۋۋال پونكىتنىڭ سىرتىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇۋاتقان ئىككى خادىمنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن، ئاندىن پونكىتقا بېنزىن تۆكۈپ ئوت قويغان، پونكىتىنىڭ ئىچىدە ئۇخلاۋاتقان 3 نەپەر خادىم ئوتتا كۆيۈپ ئۆلگەن. ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچىلار، ھازىرغىچە تۇتۇلمىغان، نۆۋەتتە قاراقاش ناھىيىسىدە ئۆي ئاختۇرۇش، يول توسۇش قاتارلىق تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى يۇقىرى پەللىدە داۋام قىلماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئالدى بىلەن ماڭلاي يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى مەزكۇر ۋەقەنىڭ مەخپىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئارقىدىن بىز يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇ ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدە ئىككى كىشىنىڭ چاناپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە 3 كىشىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر ۋە كەنت مەسئۇللىرىغا تېلېفون قىلدۇق. كەنت سېكرېتارى، مەزكۇر پونكىتىنىڭ بىر تېمىدا مەشنىڭ كانىيى ئۈچۈن ئايرىلغان تۆشۈك بارلىقىنى، ھۇجۇمچىلارنىڭ سىرتتىكى ئىككى خادىمنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن پونكىتنىڭ ئىشىكىنى سىرتتىن قۇلۇپلىۋېتىپ ئاندىن، ئەنە شۇ تۆشۈكتىن پونكىتىنىڭ ئىچىگە بېنزىن تۆككەن ۋە ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئوت ياققانلىقىنى بايان قىلدى

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي مەتبۇئاتلىرى تۈنۈگۈن، قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان 13 ھۇجۇمچىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكى ۋە ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن پەقەت 3 كىشىنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقى كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلغان ئىدى؛ ئەمما خىتاي ئۆزى تەرەپتىن 5 كىشى ئۆلگەن ماڭلاي ۋەقەسىنى ئارىدىن 3 كۈن ئۆتكىنىگە قارىماي تا ھازىرغىچە خەۋەر قىلمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-ponkit-06222014101904.html

Share
1685 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.