logo

trugen jacn

خوتەن لوپتىكى سابىق مەھبۇس مەتتوختى مەمەتئىبراھىم نازارەت ئاستىدا، ئايالى جازا لاگىرىدا

26sino-LEIBOLD-articleLarge

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0116-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاسىتىدا دىنىي ئېتىقادى ساغلام ۋە مۇستەھكەم كىشىلەرگە نۇقتىلىق ھالدا زەربە بېرىلمەكتە. ئەمما پاكىتلار كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئۇيغۇر رايونىغا نىسبەتەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش دېگەن بۇ نام يېڭى بولسىمۇ، دىنىي ئېتىقادى ساغلام كىشىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى يېڭى ئەھۋال ئەمەس. تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 10 نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا خوتەننىڭ لوپ ناھىيە بۇيا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق مەتتوختى مەمەتئىبراھىم، قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي زات ئابلىكىم مەخسۇم بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھىزبۇتتەھرىر تەشكىلاتىغا ئەزا دەپ ئەيىبلىنىپ 10 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، ئۇ جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ئايالى بىر جامائەت سورۇنىدا شەرمى ھايانى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللاندى دەپ ئەيىبلىنىپ ئۇمۇ 10 يىللىق كېسىلگەن. نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغان مەتتوختى مەمەتئىبراھىم نازارەت ئاستىدا؛ ئۇنىڭ ئايالى تۈرمىدە يەنىلا جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى كەنت باشلىقىنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەتتوختى مەمەتئىبراھىم پەقەت قاغىلىقتىكى مەشھۇر ۋە مەرھۇم دىنىي زات ئابلىكىم مەخسۇم تەرىپىدىن تەربىيىلەنگەنلىكى ۋە دىنىي ھاياتىنى ئىزچىل ۋە نورمال داۋاملاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھىزبۇتتەھرىر تەشكىلاتىغا ئەزا دەپ قارىلانغان ۋە جازالانغان. ئۇنىڭ ئايالى شەرمى ھايانى تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە كېسىۋېتىلگەن.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ نامسىز ھالدا بىلدۈرۈشىچە، مەتتوختى مەمەتئىبراھىمنىڭ ئايالى، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مۇئەللىم؛ ئۇ تەقۋادار بىر مۇئەللىمە بولغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتە ئىناۋەت تاپقان ۋە تۈرلۈك سورۇنلاردا سۆز ۋە تەبلىغقە دەۋەت قىلىنغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ شەرمى ھايا ھەققىدىكى سۆزلىرى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشچىلىققا يۆتكەۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەچكە، ئۇنىڭ سۆزلىرى مەزكۇر خىزمەتكە توسالغۇ پەيدا قىلدى دەپ قارالغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-lop-01162015220143.html

Share
1752 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.