logo

trugen jacn

خوتەن كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا بىر ئايال تۇتقۇننىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

Kerye1

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بىرقانچە كۈندىن بېرى كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا بىر ئايال تۇتقۇننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالماقتا. ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا يېڭىدىن بەلگىلەنگەن دىنىي چەكلىمىلەرنى كېرىيەنىڭ سىيەك يېزىسىدا ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئاھالىلەر بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا ئارقا-ئارقىدىن تىركىشىش ۋە توقۇنۇش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىققان، ئاقىۋەتتە مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى بىر ئايال تۇتقۇن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئەمما ئۇچۇردا ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كونكرېت سەۋەب بايان قىلىنمىغان.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئىگىلىشىچە، سىيەك يېزىسىدا يېقىنقى 6 ئاي ئىچىدە 50دىن ئارتۇق ياش سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەب بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان، نۆۋەتتە ناھىيىلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ تۇتقۇنلارنىڭ ئىچىدە 4 نەپىرى ئايال. مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يېزىلىق ساقچى خادىملىرى ۋە كەنت مەسئۇللىرى، سىيەك يېزىسىنىڭ كۆكمەت كەنتىدىن بولغان بىر ئايال تۇتقۇننىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما، بۇلارمۇ ئايالنىڭ كىملىكى ۋە ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/xitay-siyasiti-12162014155137.html

Share
2138 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.