logo

trugen jacn

خوتەن قاماقخانىلىرىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىندارلار

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رامىزان ھارپىسىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، ناھەق جازالاش ئەھۋاللىرىنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىنكاس قىلىنماقتا. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەنگە قاراتقان تېلېفون زىيارەتلىرىمىزگە مەلۇم ناھىيىلىك بىر قاماقخانىدىن جاۋاب ئالدۇق. ​

ناھىيىلىك جامائەت خەۋپسىلىكىگە قاراشلىق قاماقخانىدا كۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان ساقچى، بۇ قاماقخانىدا ئاساسلىق دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار، كىنىشكىسىز ئىماملار قامالغانلىقىنى، كۆپلۈكىدىن ئېنىق ئىستاتېستىكىسىنى بىلگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە يەنە، بۇ قاماقخانىدا ئەرلەر ۋە ئاياللار بولۇپ،ئۇلار ئاساسەن «توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قلايمىقانلارشتۇردى، تېررورچىلارغاقا ياردەم بەردى» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئىكەن. دائىرىلەر تۈرمە ساقچىلىرىدىن رامىزان مەزگىلىدە دىنغا مۇناسىۋەتلىك بۇ تۇتقۇنلارنىڭ روزا تۇتىۋالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قاماش ئورۇنلىرى ‏- تۇتۇپ تۇرۇش ئورنى، قاماقخانا ۋە تۈرمىدىن ئىبارەت ئۈچ ئورۇن بولۇپ، بۇ ئۈچ ئورۇننىڭ خاراكتېرى ۋە ئىشلىتىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. قاماقخانا جىنايەت گۇماندارى ھەم زور گۇمانلىق ئۇنسۇرلارنى ۋاقىتلىق قامايدىغان ئورۇن بولۇپ، ئاساسلىقى تېخى جىنايى جازاغا تارتىلمىغان جىنايەت گۇماندارلىرى، يەنى سوت قىلىنىش باسقۇچىغا بارمىغان جىنايەت گۇماندارلىرىنى قامايدۇ. قاماقخانىلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايۇنلارنى بىرلىك قىلىپ تەسىس قىلىنىدۇ، شۇ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولىدۇ.

خىتاينىڭ 1990-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلىنغان قاماقخانا نىزامىنىڭ 23-ماددىسىدا: «ئەيىبكارلار قامالغان مەزگىلىدە، بەلگىلىمىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ئۇلارنى تۇتۇپ قېلىشقا، باشقا ئىشلارغا ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ.ئاز سانلىق مىللەت ئەيىبكارلىرى بىلەن چەتئەللىك ئەيىبكارلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا تۇرمۇش جەھەتتە مۇۋاپىق ئېتىبار بېرلىشى لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن.

يېقىندا چەتئەلدىن رادىيومىزغا ئىنكاس قىلغۇچىلاردىن بىرى، ئۆزىنىڭ بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا تۇرۇپ چىققانلىقىنى، ئۇ يەردە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىر پۈتۈن ناھىيە، يېزا، ھەتتا كەنتلەردىمۇ قاماقخانىلار سېلىنىپ دىنىي ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىقنى تازىلاش دېگەندەك ناملار بىلەن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنى، ئۆيىدىن قۇرئان چىققانلىقى ۋە ياكى ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا دىنىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى كۆرگەن ياكى تارقاتقانلىقى، ھىجاب كىيگەنلىكى، ساقال قويغانلىقى، ئۆزى ياكى بالىسى دىندا ئوقىغانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇرۇق ‏- تۇغقىنىغا پۇل سالغانلىقىغا ئوخشاش ئەرزىمەس سەۋەبلەر بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، ناھەق جازالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا يېقىندا تېخى مۇخبىرلىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشىدا، يەكەننىڭ تۆم ئۈستەڭ يېزىسىدىكى 140 ئائىلىلىك بىر مەھەللىدە 53 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە قاماقتا ئېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. تام ئۈستەڭ كەنت سېكرېتارى، قانۇنسىز دىنىي تەبلىخ ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈنلا 35  كىشى ھەمدە يەنە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلاردىن 4 كىشىنىڭ ئاتالمىش تەربىيىلەش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جاي‏-جايلىرىدا، ھەتتا يېزىلاردىمۇ بۇ خىل  قارا تۈرمىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى ياكى ناھىيىلىك يېزىلىق ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەر «تۇتۇپ تۇرۇش» ياكى «تەربىيىلەش» نامىدا بۇ خىل تۈرمىلەرگە قامىلىدىغان بولۇپ،بۇ خىل تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدا يېتىپ چىققان بەزى كىشىلەرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، قاماقخانىلارغا ئېلىنغانلار ھەر خىل قىيىن-قىستاق ۋە تەن جازالىرىغا ئۇچراپ، جىنايىتى مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغاندىن كېيىن ئاندىن سوتلىنىدىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە، چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ كەلگەندىن بۇيان رايوندا ساقچىلار بىلەن بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنى جىددىي رەۋىشتە كۆپەيتىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تۈرمە ساقچىلىرىنى كۆپەيتىشىدىمۇ رايوندا كېڭەيتىپ قۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىلەرنىڭ ئادەم كۈچىگە بولغان زور ئېھتىياجىنى ئاشكارىلاپ كۆرسەتمەكتە. 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمىلەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مەخسۇس ئۇچۇر بېرىپ، رايوندا تۈرمە ساقچىلىرىنىڭ كۆپەيتىلىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەلق تورىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، 2016-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 64 نەپەر تۈرمە ساقچىسى 17-دېكابىردىن ئېتىبارەن ئۈرۈمچىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىم مەشىق بازىسىدا ئۈچ ئايلىق رەسمىي مەشىقنى باشلىغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئىككى كۈن ئىلگىرى رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشى ‹دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەن›، ‹بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان› دېگەن باھانىلەردە ئېغىر جازالارغا ھۆكۈم قىلىشى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلىرى ئۇيغۇرلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مۇستەقىللىق ئارزۇلىرىدىن ۋاز كەچتۈرەلمەيدۇ» دېدى ۋە بۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ 6 يىللىق تۈرمە ھاياتىدا ئېتىقادىنى سۈكۈتتە داۋاملاشتۇرغانلىقىنى مىسال قىلىپ ئۆتكەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/qamaq-diniy-zat-06012017162007.html

Share
1403 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.