logo

trugen jacn

خوتەن شەھەر باشلىقى ئادىل نۇرمەمەت تەكشۈرۈلۈشكە باشلىدى

2301-141030095622-51

خىتاي ھۆكۈمىتى، خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەر باشلىقى ئادىل نۇرمەمەت ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆپ سانلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپىدىغان خوتەننىڭ شەھەر باشلىقى ئادىل نۇرمەمەتكە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە پارىخورلۇق قىلمىشى، دېگەن ئىبارىنى سىلىقلاشتۇرۇپ، ‹ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى› دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتىشىنخۇانىڭ، 46 ياشلىق ئادىل نۇرمەمەتنىڭ تەكشۈرۈلۈش سەۋەبى ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلمىگەن مەزكۇر خەۋىرىدە، ئۇنىڭ 2009- يىلى خوتەننىڭ شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى قەيت قىلىندىخىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ئىككى يىلنىڭ مابەينىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن چىرىكلىككە قارشى جەڭ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە ئوخشاش جايلار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ سىرتىدا قالغانىدى.

رويتېرز ئاگېنتلىقى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ تىغ ئۇچىنى بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق رەھبەرلەرگە قارىتىۋاتقانلىقىنى، لېكىن، خىتاي رەھبەرلەرنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىغا دائىر گۇمانلارنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئادىل نۇرمەمەت 1968- يىلى خوتەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1989- يىلى كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىرگەن، 2009- يىلى خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلەنگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

 

Share
2360 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.