logo

trugen jacn

خوتەن خەلقى رامىزان ئېيىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟

image

 قۇتلان

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن خەلقى قاتمۇ – قات بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئىچىدە بۇ يىللىق رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزمەكتىكەن.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى تىجارەتچىلەر يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەمۇرىي بۇيرۇق بويىچە بۇ يىللىق رامىزاندىمۇ ئاشخانا ۋە تېز تاماقخانىلىرىنى ئېچىشقا مەجبۇر بولغان.

ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئىدارىلەردە خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر كادىرلار كوللېكتىپ چۈشلۈك تاماققا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلىقى قەرەللىك تەكشۈرۈلگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى رەھبىرىي كادىرلار ئىدارىلەرنىڭ خىتاي سېكرېتارلىرى ئالدىدا سۇ ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ روزا تۇتمىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشكە مەجبۇر بولغان.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان، ئەمما نام – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان خوتەندىكى بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رامىزان جەريانىدا ئۆزى كۆرگەن ۋە بىلگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلدى.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىللىق رامىزان كىرىشنىڭ ئالدىدا خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە مىللەت – دىن ئىشلىرى كومىتېتىدىكى 18 نەپەر كادىر خوتەن خەلقىگە ئىمزالىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئاتالمىش «دىنىي ئاشقۇنلۇق» نى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە «قۇرئان كەرىم» نىڭ 49 – سۈرىسىدىكى «ئىھ، ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، بىر ئاتا، بىر ئانىدىن ياراتتۇق. ئۆز – ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق» دېگەن ئايىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقى تەشۋىقاتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئوچۇق خەتتە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «بىر ئوچۇم دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەر پەردە ئارقىسىغا مۆكۈنۈۋېلىپ، ئەينەن ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان مۇسۇلمان ياشلىرىنى قۇترىتىپ مۇسۇلمانلار بىلەن مۇسۇلمان ئەمەسلەر، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماقتا…»

مەزكۇر ئوچۇق خەتتە يەنە كومپارتىيە ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ۋە زور ئىقتىسادىي مەنپەئەت يەتكۈزۈۋاتقانلىقى بىرقانچە تۈرلەر بويىچە تەشۋىق قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىچكى ئۆلكىلەردىن خوتەنگە ئەۋەتىلگەن مۇنەۋۋەر خەنزۇ ئوقۇتقۇچىلار دەرس مۇنبىرىدە ئۈن – تۈنسىز تۆھپە قوشتى. خەنزۇ ئىشلەمچىلەر ئائىلە ۋە بالىلىرىنى تاشلاپ خوتەنگە كېلىپ يەرلىكلەر قىلىشنى خالىمايدىغان ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلدى. خەنزۇ دېھقانلار يەرلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرۇپ خوتەن خەلقى يەيدىغان كۆكتاتلارنى ئۆستۈردى…»

كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر ئوچۇق خەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك دائىرىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، زىيالىيلىرى، يازغۇچىلىرى ۋە كارخانىچىلىرى نامىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان مۇشۇ تۈردىكى ئوچۇق خەتلەرگە ئوخشاشلا خوتەندىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان ئۇيغۇر مەمۇرلارنىڭ سىياسىي ئىپادىسىنى سىناش مەقسىتىدە يازدۇرۇلغان دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/hoten-ramizan-07182014214527.html

Share
1619 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.