logo

trugen jacn

خوتەن تۇسۇللاردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇيغۇر خىتاي ساقچىلىرىنى ئېتىپ قاچقان

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نۆۋەتتە، خوتەننىڭ تۇسىللار يېزىسىدا كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ئەخمەت خۇدابەردى ئىسىملىك 25 ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر ياشنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خوتەن تۇسىللار يېزىسىنىڭ 20‏-ئاۋغۇست چىقارغان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئەخمەت خۇدابەردى قاچقۇن «جىنايەتچى» دەپ تەرىپلەنگەن، لېكىن ئۇنىڭ قانداق «جىنايەت» سادىر قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان ئىدى.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن خوتەنگە تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلەشكە كىرىشتۇق. بىز ئالدى بىلەن تۇسىللار يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق.

تېلېفوننى ئالدى بىلەن بىر ئۇيغۇر ساقچى ئېلىپ، بىر خىتاي ساقچىغا بەردى. ئۇ خىتاي ساقچى بىزنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ، ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇ: سەن كىم بولىسەن؟ نېمە دېدىڭ، بىز زىيارەت قوبۇل قىلمايمىز. بۇ ھېچقانداق يەر ئەمەس، سەن خاتا ئۇرۇپ قاپسەن، دەپ تېلېفوننى زەردە بىلەن قويۇۋەتتى.

بىز يەنە خوتەن شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشتۇق. ئۇ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ ساقچىلارنى ئۆلتۈرۈپ قاچقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق ئۇ، ۋەقە ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

مۇخبىر: ھازىر كەڭ ئاختۇرۇش بولۇۋاتىدۇ، ئەخمەت خۇدابەردى، دېگەن بالىنى تۇتۇشقا، سىز چىقمىدىڭىزمۇ تۇتۇشقا، ئاڭلىساق پۈتۈن دېھقانلار سەپەرۋەر قىلىنىپتىغۇ؟

خوتەن شەھەر ئاھالىسى: ھەئە، شۇنداق!

مۇخبىر: بۇ نېمە بولدى؟ ئۇ بالا نېمە ئىش قىلىپتىكەن؟ پۈتۈن ئادەملەر تۇتۇشقا چىقىشى كېرەك، دېگەن بۇيرۇق باركەن؟ نېمە ئىش قىلىپتىكەن ئۇ، قاتتىق ئاختۇرۇش بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟

خوتەن شەھەر ئاھالىسى: بۇ بالا جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ، ساقچىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ قېچىپ كېتىپتۇ شۇ.

مۇخبىىر: قانچە ساقچىنى ئۆلتۈرۈپتۇ؟ تېخى تۇتۇلمىدىما ئۇ بالا؟

خوتەن شەھەر ئاھالىسى: تېخى تۇتۇلمىدى. 2 مىنۇتتىن كېيىن تېلېفون قىلامسىز، ماڭا تېلېفون كېلىپ قالدى. مەن قوبۇل قىلىۋېتىپ ئاندىن سىزگە جاۋاب بېرەي، بولامدۇ.

بىز يەنە، خوتەن شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىلارغا تېلېفون قىلىپ، يەرلىك ئاھالىلەردىن ئۇچۇر ئىگىلىدۇق. خوتەن شەھەر ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر دېھقان قىز، شۇ ئەتراپتىكى بارلىق دېھقان، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كالتەك-توقماقلار بىلەن قوراللاندۇرۇلۇپ، قاچقۇننى تۇتۇشقا سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېھقان قىز: ئۇ بالىنى تېخى تۇتالمىدى، ھازىرغا قەدەر ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقىنى بىلمىدۇق، بىزگە قاچقۇن جىنايەتچى، دەپ ئېلان قىلدى. قوغلاپ تۇتۇشۇپ بېرىڭلار، دېدى. ئەرلەر شۇنى قوغلاپ تۇتىمىز، دەپ يۈرىدۇ.

مۇخبىر: پۈتۈن دېھقانلار سەپەرۋەر قىلىندىما ھازىر؟

دېھقان قىز: ھەئە، دېھقانلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ھەممىسى چىقتى. شۇ، قاچقۇن جىنايەتچى،دېدى ئۇنىڭدىن باشقىنى بىلمىدۇق. ئۇنى تۇسىلارنىڭ ماجا كەنتىدىن،دېدى. لېكىن نېمە ئىش قىلغانلىقىنى ئۇقمىدۇق. قاچقۇن جىنايەتچى، دېدى، شۇنىلا بىلدۇق.

مۇخبىر: بىز ئاڭلىساق بۇ بالا، ساقچىنى ئېتىۋېتىپتۇ، دەيدۇ، ئۇنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ؟

دېھقان قىز: ئۇنى ئاڭلىمىدۇق. قاچقۇن جىنايەتچى، دېدى. ئاشۇنى قوغلايمىز، دەپ ئۆيدىكىلەر 4-5 كۈن بولدى، سىرتتا يۈرگىلى.

مۇخبىر: ئائىلىدىكى چوڭلار ئاپىڭىز، دادىڭىز ھەممىسى چىقىۋاتامدۇ ياكى ئەرلەرلا چىقىۋاتامدۇ؟

دېھقان قىز: بىزنىڭ ئۆيدىن ئەرلەرلا چىقتى. باشقا يەرلەردە ئەر-ئايال چىقىپتۇ، دەيدۇ. ھازىر يېزىلاردا، ئاشۇ كەنتكە يېقىن مەھەللىدە ساقچىلار، پۈتۈن ئەر-ئاياللار دېھقان، ئىشچى -خىزمەتچىلەر كالتەكلەرنى كۆتۈرۈپ، قوراللىق ساقچىلار بار، دەيدىغۇ.

مۇخبىر: سىلەرگە تارقاتقان ئۇ تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئۇ بالىنىڭ نېمە ئىش قىلغانلىقى، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى دېمىدى، پەقەت قاچقۇن جىنايەتچىلا، دېدى؟

دېھقان قىز: ھەئە، قاچقۇن جىنايەتچى ئاشۇنى ئاشكارىلىغانلارغا پۇل بېرىمىز، يوشۇرغانلارنى يەرلىرىنى تارتىۋالىمىز، دەپ ئېلان قىلدى. لېكىن باشقا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىمىدۇق. كۆرگەنلىكىنى، دەپ بەرگەنلەرگە 100 مىڭ سوم، تۇتۇپ بەرگەنلەرگە 300 مىڭ سوم بېرىمىز، دېدى.

مۇخبىر: تۇتۇشقا چىقمىغانلارنى قانداق قىلىمىز، دېدى؟

دېھقان قىز: چىقىڭلار دېدى، چىقمىغانلارغا جازا يۈرگۈزىمىز، دەۋاتىدۇ. لېكىن ھەممەيلەن ئاساسەن چىقتى. چىقمىغانلارنى جازالايمىز، جازالايمىز، دېدى. چىقمىغانلارنى لاسكۇيغا يوللاپ بېرىدىكەن، دېگەن گەپلەر بولدى. شۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن تارتىپ ھەممىسىنىڭ 5 كۈن بولدى ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە. پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن تارتىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.

مۇخبىر: سىلەر نېمە ئىش قىلىسىلەر، دېھقانچىلىق قىلامسىلەر ياكى باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنامسىلەر؟

دېھقان قىز: بىز دېھقان.

مۇخبىر: چوڭلارنىڭ ھەممىسى ئادەم تۇتۇشقا چىقىپ كەتكەن بولسا، دېھقانچىلىقىڭلارنى كىم قىلىۋاتىدۇ؟ بۇ دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسلىغۇ؟

دېھقان قىز: دېھقانچىلىقنى ئانام بىز قىلىۋاتىمىز. ئەمدى باشقا ئامال يوق. ئۇلار ئۇ يەرگە چىقمىسا، ئۇن تۇتۇشقا چىقمىسا بولمىسا.

شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى»نىڭ خەۋىرىدە، ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ 18-ئاۋغۇست تۇسىللار يېزىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 7 نەپەر خىتاي دۆلەت ئامانلىق خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، ئەخمەت خۇدابەردىنىڭ سوراق جەريانىدا سوراقچى ساقچىنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ، سوراق مەيدانىدىكى 4 ساقچىنى ئېتىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يەنە ئوق ئاۋازىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلگەن 2 ساقچى بىلەن دەرۋازىدىكى قاراۋۇلنى ئېتىۋېتىپ، 2 تاپانچا ۋە 59 پاي ئوق بىلەن قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن بەزى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئادەتتىكى بىر دېھقاننىڭ بۇنداق ئىشنى قىلالىشىغا ئىشەنمەك بەك زور. ئۇيغۇر ئېلىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خەنزى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ چوقۇم كەسپىي تەربىيە ئالغان بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ:ئەگەر ئۇ ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ياخشى ھۈنىرى بولسا ئۇ چوقۇم ياردەمچى ساقچى ئەمەس. ئۇ دۆلەت ئامانلىق خادىمىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسا، چوقۇم شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. چۈنكى 7 ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنى ئادەتتىكى بىر دېھقان قىلالمايدۇ.

كوچىدىكى بىر پۇقرانى كەسپىي خادىملار بىلەن قارشىلىشىشقا سالسىڭىز، ئۇنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قورالىنى تارتىۋېلىپ، بۇنچىلىك تېز ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلالىشى بەك مۈشكۈل. شۇڭا، ھۆكۈمەت بۇ ئىشنى يوشۇرۇۋاتقان گەپ، دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/uyghur-pidaiy-08242015151632.html

Share
1242 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.