logo

trugen jacn

خوتەن ئاقتاش كەنت سېكرېتارى: خوتەندە 80% ياشلار ئەسەبىي

fb86397c-db2f-42b0-b1df-5782be82e50e

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى يىللاردىن بېرى سىياسىي جەھەتتىن ئۆزلىرىگە قارشى مەيداندىكى ئۇيغۇرلارنى زامانغا قاراپ بەزىدە ئەكسىيەتچى، بەزىدە بۆلگۈنچى، بەزىدە تېررورچى دەپ ئاتاپ كەلگەن بولسا، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كۆپىنچە ھالدا ئەسەبىي دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئىچكى، تاشقى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ بولسا«ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇ نۆۋەت خوتەن ئاقتاشتا ھاراق، تاماكىنى مەجبۇرىي بازارغا سېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان كەنت سېكرېتارى خوتەندە 80% ياشلارنىڭ ئەسەبىي ئىدىيىدە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. مانا بۇ سانلىق مەلۇمات خىتاينىڭ مەزكۇر تەشۋىقاتىنىڭ ساختىلىقىنى يەنە بىر نۇتقىدىن ئىسپاتلىماقتا.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەمەلدارلىرىدىن شى داگاڭ ئۆتكەن يىلى خىتاي ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ تىنچ ۋە مۇقىم ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا بارسا يېنىغا قوغدىغۇچى ئالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلارنى ئۆيلىرىگە تەكلىپ قىلىپ مېھمان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ ئۇ سۆزىدە قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ۋە چەتئەللىكلەرنى خاتىرجەم ھالدا ئۇيغۇر رايونىغا مەبلەغ سېلىشقا ۋە ئۇيغۇر رايونىنى ساياھەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. خوتەن ئاقتاشتا تارقىتىلغان ھاراق، تاماكا ئۇقتۇرۇشى ۋە كەنت سېكرېتارىنىڭ ئاتالمىش ئەسەبىيلەر سانلىق مەلۇماتى شى داگاڭنىڭ تەشۋىقاتىنىڭ ئەكسىنى ئىسپاتلىماقتا.

خىتاي ئاتالمىش ئەسەبىيلەرگە قارىتا قاتتىق زەربە بېرىۋاتقان، يەنە بىر تەرەپتىن زور تەشۋىقاتچىلار قوشۇنى بىلەن مېڭە يۇيۇشنى داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە، خوتەندە ئاتالمىش ئەسەبىيلەرنىڭ 80% نى ئىگىلىشى، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ھاراق، تاماكىدىن ئۆزلۈكىدىن قول ئۈزۈشى، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خوتەندە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي ئويغاقلىقتىن بېشارەت بەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/diniy-esebilik-05042015145204.html

Share
1417 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.