logo

trugen jacn

خوتەننىڭ 38 يىل ھوقۇق تۇتقان مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى ئەلى ئىمىن ئىككى يۆزلىمىلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن

 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى خوتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىدارە پارتكوم ھەيئەت ئەزاسى ئەلى ئىمىننى ئىككى يۆزلىمىلىك بىلەن ئەيىبلەپ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقارغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، بىر مەزگىل تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلگەن ئەلى ئىمىننىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلغانلىقى تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن. ئېلى ئىمىن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ بارلىق دەم ئېلىشقا چىقىش تەمىناتى توڭلىتىلغان. خەۋەردە يەنە، ئەلى ئىمىننىڭ پارىخورلۇق جىنايىتىمۇ بارلىقى، قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىش ئۈچۈن ئەدلىيە تارماقلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى يېزىلغان.

خەۋەردىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر ئۇچۇرلار، ئەلى ئىمىننىڭ خىزمەت تارىخىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ئەلى ئىمىن، 18 يېشىدا ج خ ساھەسىدە خىزمەتكە چۈشكەن. 26 يېشىدىن باشلاپ رازۋېدكا ئەترەت باشلىقى، ناھىيىلىك، شەھەرلىك ۋە ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى باشلىقى بولۇپ، جەمئىي 38 يىل ھوقۇق تۇتقان. خىتاي ج خ ساھەسىدە ئاز كەم يېرىم ئەسىر خىزمەت قىلغان بۇ ئەمەلدارنىڭ مىللىي مەسىلىدىكى ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىلىكى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 46 يىلدىن كېيىن بايقالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kadir-06222017143402.html

Share
846 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.