logo

trugen jacn

خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆلتۈرۈلدى

8c89a58fc8a9137d6f2c33

گۇما ناھىيەسىدە بىر ئۇيغۇر ياش ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىر پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدارىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24 – فېۋرال يۈز بەرگەندە ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇر ياش قېچىپ كەتكەن. دائىرىلەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، گۇما ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش باشلىغان.

دىلشات رىشىت، نۆۋەتتە، دائىرىلەرنىڭ خوتەندە بىر قانچە ئۇيغۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇما پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ بار – يوقلۇقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەر – بازار نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 تىن پەرزەنت كۆرۈشىگە يول قويسىمۇ، بىراق نورمىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەن ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئىپتىدائىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

گۇمىدا ئۇيغۇر ياشنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈشىگە كونكرېت قانداق سەۋەب تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن دىلشات رىشىت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىغا داۋاملىق مۇداخىلە قىلسا، بۇ خىل قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ» دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/pilanliq-hojum-02272015203534.html

Share
2501 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.