logo

trugen jacn

خوتەننىڭ گۆش گىردىسىنى يەپ باققانمۇ؟

 

2-نۆۋەتلىك «يۇرتۇمنىڭ يولى» جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر فوتوگراف مۇكاپاتىنىڭ باھالاش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، جەمئىي 20 نەپەر فوتوگراف تاللاندى. ئوخشاش ناملىق كۆرگەزمە ۋە رەسىملەر بۇ يىل ئىيۇندا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. بۈگۈن، بىز خوتەنلىك ئۇيغۇر فوتوگراف ئادىل نادىرنىڭ «بەختنىڭ ئۆزى بىر تال گۆش گىردە» ناملىق ئەسىرىدىن ھوزۇرلىنايلى!

قاشتېشى دىيارى خوتەننىڭ قاشتېشى، گىلەم، ئەتلەس، ياڭاقلىرى داڭلىق بولۇپلا قالماي يەنە نۇرغۇن داڭلىق مەھسۇلاتلىرى بار، ئەلۋەتتە ئېسىل تائام بولغان گۆش گىردىسىمۇ ناھايىتى داڭلىق. خوتەننىڭ گۆش گىردىسى تەملىكلىكى بىلەن مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس دۇنياغىمۇ داڭلىق. گۆش گىردە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.


ئىگىلىشىمىزچە گۆش گىردىنىڭ ئوخشىشى ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن خۇرۇچقا باغلىق ئىكەن. چوقۇم خوتەن قويىنىڭ يېڭى سويۇلغان مۇۋاپىق سېمىزلىكتىكى گۆشى بولۇشى كېرەك ئىكەن. گۆشنىڭ توغرۇلۇشى، ئارىلاشتۇرۇلغان پىيازنىڭ نىسبىتى قاتارلىقلاردا ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى بارئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قالىنىدىغان ئوتۇن، ئوتنىڭ تەپتى، قۇمۇرۇلۇدىغان ۋاقتى قاتارلىقلارمۇ دەل جايدا بولغاندىلا گۆش گىردە تەملىك پىشىدىكەن. خوتەن گىردىسىنىڭ مەززىلىك بولۇشى ئاشپەزنىڭ ھۈنىرىدىن باشقا يەنە خوتەن قوي گۆشىنىڭ ئالاھىدە تەمىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خوتەن قويى ئادەتتە چۆلرەك دالالاردا ۋە قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ جىلغا ئېتەكلىرىدە بېقىلىپ، شورلۇق تۇز يەيدۇ.

http://www.uycnr.com/wyzl/201706/t20170614_1148535.html

Share
2770 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.