logo

trugen jacn

خوتەننىڭ چىرا ۋە كېرىيە ناھىيەلىرىدە ئىككى مەيدان قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 5 كىشى ئۆلگەن

594792e8-a5fa-482b-a75f-0d7bc1f724c6

شۆھرەت ھوشۇر

2015-u0130-pmx.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە 28 – ۋە 29 – يانۋار كۈنلىرى قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى، مۇخبىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ۋەقەنىڭ چىنلىقى ئاھالىلەر ۋە ساقچى خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەندى. ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە چىرا ناھىيىسىنىڭ بوستان كەنتى ۋە كېرىيە ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسىنىڭ يېڭى كۆل كەنتىدە بولۇپ ئىككى مەيداندا داۋام قىلغان.

بىرىنچى مەيدان توقۇنۇشتا، ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى ۋە بىر ئامانلىق خادىمى 3 نەپەر گۇمانلىق يولۇچىنىڭ ئالدىنى توسىغان ۋە ئۇلارنى ساقچىخانىغا ئېلىپ مېڭىشقا ئۇرۇنغان، بۇ چاغدا گۇماندارلار پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىپ مەزكۇر 3 خادىمنى بوغۇزلاپ ۋە چاناپ ئۆلتۈرگەن، ئۇلار ۋەقەدىن كېيىن ساقچى ئاپتوموبىلىنى بۇلاپ ئېلىپ نەق مەيداندىن ئۇزاقلاشقان. گۇماندارلارنىڭ ئىككى نەپىرى ئەتىسى لەنگەر يېزىسىنىڭ يېڭى كۆل كەنتىدە ساقچىلار تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنىپ ئېتىۋېتىلگەن، ئۈچىنچىسى بۈگۈن سەھەر ئەسىر چۈشكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-chira-toqunush-01302015203302.html

 

Share
1555 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.