logo

trugen jacn

خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىدە 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقان

755a6048-696a-41f7-93c3-a1958c3b0648

قۇتلان

ىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسى تەۋەسىدە 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشقانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

بۈگۈن رادىئومىز نەق مەيداندىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ ۋەقەنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 28-يانۋار كۈنى كېرىيەنىڭ لەڭگەر يېزىسىدىكى 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش تاغلىق رايوندىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋاتقاندا ساقچىلارنىڭ يول توسۇپ تەكشۈرۈشىگە دۇچ كەلگەن.

بىر نەپەر رەسمىي ساقچى بىلەن ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچى ئۇلارنى «گۇمانلىق كىشىلەر» دەپ قاراپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بارماقچى بولغان. بۇ 3 نەپەر ياش قايتا-قايتا چۈشەنچە بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ «قاش تېشى» ئىزدەپ تاغقا چىققانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ساقچىلار ئۇلارنى قويۇپ بەرمىگەن.

نەتىجىدە ماجىرا تۇغۇلغان. 3 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئاخىرىدا يولىنى توسۇۋالغان 3 نەپەر ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن. ئۇلار قېچىپ چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسىغا يېتىپ كەلگەندە قوراللىق ساقچىلارنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ بىر نەپىرى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، بىر نەپىرى يارىلىنىپ تىرىك تۇتۇلغان، يەنە بىر نەپىرى نەق مەيداندىن قېچىپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەتىسى سەھەردە بىر دېھقاننىڭ قوتىنىدىن بايقىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xoten-saqchi-01302015162505.html

Share
2015 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.