logo

trugen jacn

خوتەندە ھىجابلانغان ۋە ساقال قويغانلارغا 6 ئايدىن 6 يىلغا قەدەر قاماق ۋە 10 مىڭ سوم جەرىمانە جازاسى يولغا قويۇلماقتا

b-299187-tesettürlü_kadın

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خەلقئارا ئەھدىنامىلەر بويىچە، كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنيا جامائىتىگە ۋەدە بەرگەن ۋە ۋەدىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىزچىل ھالدا تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە قارىتا چەكلىمىلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق ۋە تېخىمۇ يالىڭاچ شەكىلدە ئىجرا قىلماقتا. ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەندە خىتاي دائىرىلىرى ھىجاپلانغان ئاياللارغا 6ئايدىن 6 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن سىرت 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە خوتەن ناھىيىسىنىڭ تۇساللا يېزىسىدا 200دىن ئارتۇق ئايال ھىجاپتىن، 300دىن ئارتۇق ئەر ساقالدىن ئايرىلغان. يەرلىك دائىرىلەر ئۆز تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر سىرتتا ياشاۋاتقان بولسا، ئۇلارنىڭ ساقالسىز چۈشكەن رەسىمىنى ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىز ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن خوتەندە دىنىي چەكلىمىلەرنىڭ ئەسەبىيلەرچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خوتەن ناھىيىسىنىڭ تۇسوللا يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. كەنت كادىرلىرى ساقال ۋە روپاشلار مەسىلىسىنىڭ سەزگۈر بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرلىكتە، يەنە بىر قىسىم مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بەزى كەنتلەر ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشتا نۇقتىلىق ئائىلىلەر ۋە ئالاھىدە كىشىلەر توپىدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ كۆزەتكەن ۋە تەقىب ئاستىغا ئالغان

بەزى كەنتلەردە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم « جەمئىيەتتىكى دۈشمەن ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى » ئاچقان ۋە بۇ يىغىننىڭ خۇلاسىسىگە ئاساسەن دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم ئائىلىلەرنىڭ پېيىغا چۈشكەن. بىر كەنت مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە خوتەندە ھىجاپلانغان ئايال ۋە ساقال قويغان ئەرلەرگە قارىتا 6 ئايدىن 6 يىلغا قەدەر قاماق جازاسى ۋە بۇنىڭ ئۈستىگە 10 مىڭ سوم جەرىمانە جازاسى يولغا قويۇلماقتا

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ جازا تۈزۈمى يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە كەڭ ۋە قاتتىق ھالدا ئىجرا قىلىنغان. تۇسوللا يېزىسىنىڭ كۆپىنچە كەنتلىرىدە ھىجابلانغان ئايال ۋە ساقاللىق ئەرلەر قالمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، تۇسوللا يېزىسىدا يېقىنقى 3 ئاي ئىچىدە 200دىن ئارتۇق ئايالنىڭ ھىجابى ۋە 300 گە يېقىن ئەرنىڭ ساقىلى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. بۇ جەرياندا تۇسوللادىمۇ كۆپ قېتىملىق سۈركىلىش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، خىتاي تەرەپ سەلبىي ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلماسلىق ئەنئەنىسى بويىچە، بۇ ۋەقەلەرنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/saqal-burut-12232014161939.html

 

Share
2349 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.