logo

trugen jacn

خوتەندە پىدائىيلار ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننى ئېلىپ قاچقان

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى ئالدىنقى كۈنى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، خوتەندە 4 نەپەر پىدائىينىڭ بىر ساقچى خادىمىنى ئېلىپ قاچقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ بۈگۈن، خوتەننىڭ باغچى بازىرى سادىقئاۋات كەنتىدە ئىمىن ئىسىملىك بىر ساقچىنىڭ پىدائىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ قېچىلغانلىقى ۋە بۇ سەۋەبتىن خوتەندە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئېلىپ قىچىلغان كىشىنىڭ سادىقئاۋات كەنتىنىڭ ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىن ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ 2010-2012 يىللىرى ياردەمچى ساقچى بولۇپ ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سەھەر سائەت 2 مەزگىلىدە، يۈزىگە قارا ماسكا تاقىغان 4 نەپەر پىدائىي ئامانلىق مۇدىرى ئىمىن مەمتىمىننىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ، ئۇنى ئۆيىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن؛ پىدائىيلار ئامانلىق مۇدىرىنىڭ ئايالى ۋە 3 بالىسىغا چېقىلمىغان. 15 كۈندىن بېرى خوتەندە كەڭ-كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى، تا بۈگۈنگە قەدەر غايىب مۇدىرنىڭ ئىز-دېرىكى ۋە پىدائىيلارنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىگەن. نۆۋەتتە ۋىلايەتلىك ساقچى باشقارمىسى ۋە ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئىككى رازۋېدكا گۇرۇپپىسى سادىقئاۋاتتا بۇ كاتتا دېلونى تەكشۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/saqchi-mudiri-03232015163117.html

Share
1522 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.