logo

trugen jacn

خوتەندە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

20140827054439403

جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلق ھەرىكىتى ئۇچۇر مەركىزى باشقۇرۇۋاتقان «شەرق» تورى بىلەن خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ئالما» گېزىتى 26-سېنتەبىر سەھەر سائەت 2 ئەتراپىدا خوتەن شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى ئاھالىلەر پارتلاش ئاۋازىنى ئۇدا بىرقانچە قېتىم ئاڭلىغان. خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ نەق مەيدانغا كۆپلىگەن ساقچى ئاپتوموبىلى بىلەن برونېۋىكلارنى يۆتكەپ بارغانلىقى مەلۇم

فېيسبۇك، تىۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلارمۇ يۇقىرىقى مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتقان. رادىئومىز مەزكۇر خەۋەرنى دەلىللەش ئۈچۈن كۆپ قېتىم نەق مەيدانغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۇچۇر ئىگىلەشكە تىرىشماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xotende-partlash-09292014163940.html

Share
1675 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.