logo

trugen jacn

خوتەندە نىكاھ قاتارلىق مۇراسىملار نازارەت قىلىنماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا خوتەندە جازالانغان كادىرلار ئىچىدە «ئائىلىدە نىكاھ ئوقۇتقانلىقى» سەۋەبىدىن جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

ئېنىقلاشلار داۋامىدا بىر يىلدىن بۇيان پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك نىكاھ، خەتنە توي، نەزىر قاتارلىق مۇراسىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە بەلگىلەنگەن كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى دەلىللەندى. مەزكۇر ئەھۋالغا قارىتا بىر خىتاي ھۆكۈمەت كادىرى بۇنى «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ جامائەت ئارىسىدا يامرىشىنى چەكلەش تەدبىرى» دەپ ئىزاھلىسا، ئۇيغۇرلار نازارەت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملاردا ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە چېتىلىپ قېلىش ۋەھىمىسىدىن قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىدىكى يېزىلاردا قىز-يىگىتلەرنىڭ توي مۇراسىمى، خەتنە توي، نەزىر قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان جامائەت قاتنىشىدىغان مۇراسىملارنىڭ ھەممىسىنى 3 كۈن ئاۋۋال يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە مەھەللە كومىتېتىغا خەۋەر قىلىش ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس بەلگىلەنگەن «كەنت مۇلازىمەت ئۆيى» نامىدىكى زالدا شۇ يېزا ياكى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈش ئومۇملاشقان.

خوتەندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار نازارەت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان قىز-يىگىتنىڭ نىكاھ توي مۇراسىمىنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردىكىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە يەرلىك يېزا كادىرلىرى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسى نامىدا يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى شۇ يېزا ياكى كەنتتە جامائەتنىڭ توپلىنىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، رىياسەتچىلىك قىلىش نامىدا قاتنىشىپ، مۇراسىمغا قاتناشقان مېھمانلارنى نازارەتچىلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خوتەندىكى ھۆكۈمەت خادىملىرىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرپ-ئادەتلىرىدىن جامائەت يىغىلىدىغان مۇراسىملىرىنىڭ ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى ھەتتا جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدا ئومۇملىشىۋاتقان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چىرا ناھىيىسى چاقا يېزىغا نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەشكە چۈشۈرۈلگەن خىتاي كادىر خوتەندە قېلىپلاشقان توي-مۇراسىمىنىڭ شەرتلىرى ۋە قەدەم-باسقۇچلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «توي مۇراسىمىدا تۆۋەندىكى شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك. ئالدى بىلەن شۇ ئائىلە كىشىلىرى ئەڭ كېچىككەن ھالەتتە مۇراسىم ئۆتكۈزۈشتىن 3 كۈن ئاۋۋال كەنت ئىشخانىسىغا ئىلتىماس قىلىشى شەرت، ئىلتىماسنى كەنت پارتىيە ياچېيكىسى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يوللاپ تەستىقتىن ئۆتكۈزىدۇ. كەنت مۇلازىمەت مەركىزىدە شۇ كەنتنىڭ پارتكوم سېكرېتارىنىڭ بىۋاسىتە رىياسەتچىلىكى ۋە نازارىتىدە، بەلگىلەنگەن دىنىي زاتلار نىكاھ ئوقۇسا بولىدۇ، نىكاھتىن كېيىن جامائەت پولۇ يەيدۇ ۋە ئاخىرىدا نەغمە-ناۋا قىلىپ مەشرەپ ئوينىلىدۇ. ھازىر خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەممە يېزىلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نىكاھ تويى، خەتنە توي ۋە نەزىر مۇراسىملىرىنى مۇشۇ بەلگىلىمىلەر ۋە تەرتىپلەر بويىچە ئۆتكۈزۈش ئومۇملاشتى».

بۇ خىتاي كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ بولغان ۋە جامائەت توپلىنىدىغان بۇ خىل مۇراسىملار «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى زىيانلىق تەلىماتلار» تارقىلىدىغان ئاساسلىق سورۇن بولغىنى ئۈچۈن، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت كادىرلىرى بۇ خىل مۇراسىملارغا نازارەت قىلىشى زۆرۈر ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نىكاھ ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىمىدىكى مۇھىم دىنىي مۇراسىم. ئەمما بۇ خىل ئەنئەنىۋى مۇراسىملار ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە بويسۇنۇشى شەرت. ھازىر ئىلگىرىكى قانۇنىي تەرتىپلەردىكى نىكاھ ئوقۇلۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئىككى ياشنىڭ توي قىلىش گۇۋاھنامىسى بولۇشى شەرت قىلىنغاندىن باشقا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا نىكاھ ئوقۇش شەرت قىلىندى. پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بۇ تۈزۈملەر ئومۇملاشتى، ئىدېئولوگىيەگە بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان بۇ خىل مۇراسىم ۋە جامائەت پائالىيەتلىرىدە قانۇنغا خىلاپلىق سۆز-ھەرىكەت ۋە تەلىماتلارنى چەكلەش جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھالقىلىق مەسىلە».

خوتەندىن تېلېفونىمىزنى ئالغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ خىل جامائەت سورۇنلىرىغا بېرىشقا ۋاقتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان توي مۇراسىملىرىدىكى قائىدە-تەرتىپلەردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى.

يەنە بەزى ئۇيغۇرلار بولسا، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بېكىتكەن بۇ خىل يېڭى قائىدە-تۈزۈملەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئاتالمىش «تېررورچى ئۇنسۇرلار ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىگە زەربە بېرىش» چاقىرىقى سەۋەب بولغىنى ئۈچۈن، پۇقرالارنىڭمۇ جامائەت مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزۈشتە بارغانچە ئېھتىياتچان بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئۆزلىرىگە ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كېلىدىغان ئىلگىرىكى بىر قىسىم «كونا-قائىدە يوسۇن ۋە ئەنئەنىلەر» دىن ۋاز كېچىش يولىنى تاللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/orp-adet-nazaret-04172017152525.html

Share
1876 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.