logo

trugen jacn

خوتەندە مەسچىت چېقىش دولقۇنىنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن خوتەنلىك بىر مۇھاجىرنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن خوتەندە مەسچىت چېقىش دولقۇنىنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە خوتەندىكى بەيتۇللا ۋە بەيتۇلمەمۇر مەسچىتى قاتارلىق 10 نەچچە قەدىمىي مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا خوتەندە مەسچىت چېقىش دولقۇنىنىڭ يەنە داۋام قىلىۋاتقانلىقى دەلىللەندى. ئالاقىدار ساقچى خادىملىرى خوتەننىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدىلا 5 مەسچىتنىڭ چېقىلىپ ئورنىغا ساقچىخانا، گىلەمخانا ۋە تىككۈچىلىك كارخانىسى سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

«ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە خوتەن شەھەر ئىچى ۋە ئەتراپىدا چېقىۋېتىلگەن قەدىمىي مەسچىتلەردىن ئاۋرال مەسچىتى، نۇرلۇق جامەسى، ھېيتگاھ مەسچىتى، بەيتۇللاھ مەسچىتى، بەيتۇلمەمۇر مەسچىتى، جۇجان دەرۋازا مەسچىتى ۋە ئاتبازىرى مەسچىتى قاتارلىق 13 مەسچىتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خوتەندىكى بۇ مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئادەم توپلاش باشلانغان ئۆتكەن يىلى 3‏-ئايدىن باشلانغان. مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى لاگېرلارغا ئادەم توپلاش بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغان.

بىز خوتەننىڭ ناۋاغ، غوجامباغ قاتارلىق ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا ساقچى خادىملىرى خوتەندە داۋام قىلىۋاتقان مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى ھەققىدە گەپ قىلىشقا ئۇنىمىدى. خوتەننىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانا خادىمى مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ 4-5 ئايدىن بېرى جىددىي شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، چېقىلغانلىرى شارقىراتما مەسچىت، جىگدىلىك مەسچىت قاتارلىق 5 ئورۇندىكى مەسچىت بولۇپ، بۇلارنىڭ ئورنىغا ساقچىخانا، گىلەمخانا ۋە تىككۈچىلىك كارخانىسى قۇرۇلماقتىكەن.

ئىلگىرى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن دەلىللىنىشىچە، 2015- ۋە 2016-يىللىرى قەشقەر ۋە خوتەنلەردە مەسچىتلەرنى ئىخچاملاش نامى ئاستىدا مەسچىت چېقىش ھەرىكىتى كەڭ-كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. ئۇ چاغلاردا ھەرقايسى مەھەللە مەسچىتلىرى چېقىۋېتىلىپ، ھەر بىر كەنتتە پەقەت بىردىن مەسچىت ساقلاپ قېلىنغان. بۈگۈنكى يېڭىئېرىق ساقچى خادىمىنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى 4-5 ئاي ئىچىدە يېڭىئېرىقتىكى 9 مەسچىتتىن 5 مەسچىت چېقىۋېتىلىپ، پەقەت 4 مەسچىت ساقلاپ قېلىنغان. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭىئېرىق يېزىسى 9 كەنتتىن تەشكىللەنگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى 2015- ۋە 2016-يىللىرى مەھەللە مەسچىتلىرىگە ئاتالمىش «ئىخچاملاش» ئېلىپ بارغان بولسا، ئەمدىلىكتە كەنت مەسچىتلىرىنىمۇ ئىخچاملاۋاتقانلىقى، نەتىجىدە ھەر ئىككى ياكى 3 كەنتكە بىردىن مەسچىت ساقلاپ قالغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

«ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ خوتەندىكى مەسچىت چېقىلىش ھەققىدە بەرگەن مەزكۇر خەۋىرىدە ناملىرى تىلغا ئېلىنغان مەزكۇر مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بىرقانچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە بىر قېتىم چېقىۋېتىلىپ ياكى بۇزۇۋېتىلگەنلىكى، 1980‏-يىللارغا كەلگەندە قايتىدىن قۇرۇلغان ياكى رېمونت قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان. نۆۋەتتە دائىرىلەر خوتەن يېڭىئېرىقتىكى بۇ بەش مەسچىتنىڭ ئورنىغا ساقچىخانا ۋە كارخانا قۇرۇش ئارقىلىق بۇ مەسچىتلەرنىڭ ئىزىنىمۇ قالدۇرمىغان.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/meschit-cheqish-08162018162159.html

Share
1694 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.