logo

trugen jacn

خوتەندە كەنت كادىرلىرىغىمۇ خىتايچە سۆزلىشىش «تەشەببۇس» قىلىنغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا ئالدىنقى يىللىرى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل بىر قىسىم جايلاردا كەنت كادىرلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشىنى چەكلىگەن ۋە بۇنىڭ ئورنىغا دۆلەت تىلى، يەنى خىتايچە سۆزلىشىشنى «تەشەببۇس» قىلغان.

خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا كېرىيە ناھىيە شەنبەبازار يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر كەنت سېكرېتارى سوئاللىرىمىزغا ئۇيغۇرچە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. خىتايچە تەلەپپۇزىدىن ئۇيغۇر ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرغان بۇ كادىر بىزنىڭ «سىز ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا خىتايچە «ۋو شى جۇڭگورېن» (مەن جوڭگۇلۇق) دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە «ئۆزىڭىزنى ئۇيغۇر دېسىڭىز جۇڭگو پۇقراسى ئىكەنلىكىڭىزنى رەت قىلغانلىق بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. بىز ئۇيغۇر سېكرېتارنى ئۇيغۇرچە سۆزلىتەلمىگەندىن كېيىن، بىزگە بۇ سېكرېتارنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تەمىنلىگەن كېرىيە بازارلىق ساقچى خادىمىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ خادىم مەزكۇر سېكرېتارنىڭ خىتايچە گەپ قىلىشىنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، خوتەندە بىر يىلدىن بۇيان ئاساسى قاتلامدىكى ئۇيغۇر كادىرلارغا خىتايچە سۆزلەشنىڭ تەشەببۇس قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۆتكەن يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ چودا يېزىسىغا تېلېفون قىلغان ۋاقتىمىزدا خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بىر خادىممۇ سوئاللىرىمىزغا خىتايچە جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ ئاپتونوم رايوندىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم، خىتايچە سۆزلەشنىڭ بىر تەشەببۇس سەۋەبىدىن ئەمەس، پەقەت ئۆزى خىتايچە ئوقۇغان بولغاچقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن خىتايچە سۆزلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

كېرىيە بازارلىق ساقچى خادىمى دۆلەت تىلىدا سۆزلىشىشنىڭ بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ خىزمەت داۋامىدا ئۇيغۇرلارغا ئالدى بىلەن خىتايچە گەپ قىلىدىغانلىقىنى، خىتايچىنى پەقەتلا چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا ئاندىن ئۇيغۇرچە گەپ قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ ھەتتا خىتايچە بىلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولغان، ياشانغان كىشىلەرگىمۇ ئالدى بىلەن خىتايچە سۆزلەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. گەرچە بۇ خادىم بۇنداق خىتايچە سۆزلىشىشنىڭ بىر بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان، ئىزچىل ھالدا بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، گەپ ئارىسىدا يېقىن ئاغىنىلىرى بىلەن سۆزلەشكەندىمۇ خىتايچە سۆزلىشىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە سۆزلەشمەسلىكنىڭ خۇددى ئۆتكەن يىلى مەكتەپلەردە بولغاندەك بىر مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/til-cheklesh-09032018132627.html

Share
1929 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.