logo

trugen jacn

خوتەندە كادىرنىڭ ئايلىق كىرىمى، دېھقاننىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تورىنىڭ 27-فېۋرال تارقاتقان خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ 2020-يىلغىچە خوتەننىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش خىزمەت پىلانلىرىنىڭ ئىزچىل، مۇقىم ئەمەلىيلىشىپ، لوپ ناھىيىسىدە ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنىڭ 7800 سومدىن ئاشقانلىقى، جەمئىي 244 نامرات كەنتنىڭ نامراتلىقتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلدۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان. مەزكۇر خەۋەرگە ئاساسەن، يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن بولسا، دائىرىلەر تەشۋىقاتىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىزچىل ھالدىكى مۇقىملىقنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، نامراتلىقنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنىڭ تېخى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يەنىلا مىڭ سوم ئەتراپىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

14-فېۋرال گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىنكى خوتەن ۋەزىيىتى ئاخباراتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىدە قەسەمياد يىغىنلىرى، ھەربىي مانېۋىر ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ئالاھىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، خوتەنگە قاراتقان نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىيات سىياسەتلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلىرى ئۆتكەن ھەپتىدىكى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ. خوتەنگە بېرىلىۋاتقان تەرەققىيات ياردەم سوممىسىنى بۇلتۇرقىدىن 30.86% ئاشۇرغانلىقىنى، بۇ يىللىق پىلاندا 32 مىليون 900 مىڭ سوم تەرەققىيات سوممىسى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە 27-فېۋرال تارقاتقان خەۋىرىدە يەنە، خوتەندە داۋام قىلىۋاتقان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پىلانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىپ لوپ ناھىيىسىنىڭ پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى،دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 يۈز سوم ئۆستۈرۈلۈپ، يىللىق كىرىمىنىڭ 7800 سومدىن ئاشقانلىقىنى، 244 كەنتتىن جەمئىي 146 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بىز، مەملىكەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە دېگەن رېكورتىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان لوپ ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي كىرىم ئەھۋالىنى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ قانداق ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشتۇق، لوپنىڭ مەلۇم يېزىسىدىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن بىر نامرات دېھقاننىڭ بايانلىرىدىن، دائىرىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دېھقانلارغا ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش بىلەن چەكلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇ قەرز مەبلىغىنى قانداق ئۈنۈملۈك قوللىنىشتا مۇۋاپىق بىر چارە ياكى پىلان بولمىغاچقا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ھېچبىر ئۈنۈم بەرمەيلا قالماي، بۇ ئاتالمىش نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش قەرز سوممىسىنىڭ دېھقانلارغا روھىي ۋە ئىقتىسادىي يۈك بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى، بۇ دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە يەنە، يېزىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش كۆپ ساندىكى دېھقاننىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 1000 سومغا ئاران بارىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلار،، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ناھەق سىياسەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەب بولغان، پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەل بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى پەسىيىدۇ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىمۇ توختايدۇ، دەپ كۆرسىتىپ، ئاتالمىش نامراتلارنى يۆلەش، شىنجاڭغا ياردەم سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇلارنىڭ قۇرۇق شوئار ئىكەنلىكىنى، ئىقتىسادىي ياردەم مەبلەغلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىتىلمەيلا قالماي، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قانداق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە نارازىلىق سەۋەبىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەدەنىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشىدەك كۆپ خىل ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

دەرۋەقە، لوپتىكى مەلۇم يېزىلىق ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ بىر كادىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىتىنىڭ جايىدا ۋە ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشمىگەنلىكىنى، تەشۋىقات بىلەن ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىدەك ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى،

بۇ كادىرنىڭ نامراتلىق سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئېنىقلىغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر لوپتىكى نامرات دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمى 1600 سوم ئەتراپىدا، دائىرىلەر 7800 سوم دەپ چىقارغان رەقەم رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس.

سۆھبەت جەريانىدا بۇ كادىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھۆكۈمەت كادىرى ھېسابلانغان ئەر‏-ئايال ئىككىسىنىڭ بىر ئايلىق مائاشى 12 مىڭ سوم ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ نامرات دېھقاننىڭ بىر يىللىق كىرىمىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

بۇ كادىرنىڭ دېيىشىچە، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقتىكى ئاساسلىق مەسىلە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاتالمىش ياردەم سوممىسىنىڭ ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشمەسلىكى، ئاساسلىق كۈچنىڭ مۇقىملىققا قارىتىپ، مۇقىملىقنىلا تەكىتلەپ خەلق تۇرمۇشىغا، دېھقانلار ئۇچراۋاتقان نۇقتىلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرگە سەل قارالغانلىقىدا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/iqtisad/xoten-dehqan-02282017141757.html

Share
764 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.