logo

trugen jacn

خوتەندە رامىزان ھارپىسىدا 22 ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

 

خوتەندە رامىزان ھارپىسىدا 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ مۇقىملىق سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ 22 ئۇيغۇر يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خوتەن شەھىرى، قارىقاش ناھىيەسى ۋە خوتەن-قەشقەر تاشيولىنىڭ خوتەندىن چىقىش ئېغىزلىرىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان.

بىراق د ئۇ ق ئۇچۇرىدا، تۇتقۇنلارنىڭ ئىسمى، جىنسى، يېشى ۋە سالاھىيىتىگە دائىر باشقا تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىغان. د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ جۈمە كۈنى رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇنلاردىن 7 كىشى خوتەن ئايرودرومىدا تارقاق ھەجگە ماڭغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان. ئىككى كىشى قارىقاش ناھىيەسىدە رامىزاننى تەشۋىق قىلغان دەپ تۇتقۇن قىلىنغان. قالغان كىشىلەر خوتەن-قەشقەر تاش يولىدىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئاختۇرۇلۇپ، يېنىدىن دىنىي كىتابلار چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال ساقلىغان» دەپ تۇتقۇن قىلىنغان. مۇخبىرىمىز  خوتەن يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنى دەلىللەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا مۇۋاپپەق بولالمىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى رامىزان ھارپىسىدا جايلارغا ھۆججەت چۈرۈشۈپ، مەسچىت ۋە شەخسلەرنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ كەلگەن، رېستورانلارنىڭ تىجارىتى، كىملەر روزا تۇتسا بولىدۇ، كىملەر تۇتسا بولمايدىغانلىقىغىمۇ ئارىلىشىپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى قاتتىق جازالاپ كەلگەن ئىدى. دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوتەن ئايرودرومىدا تۇتقۇن قىلىنغان 7 كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېشى 60 تىن ھالقىغان كىشىلەركەن.

دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ھەريىلى رامىزاندا ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قامال قىلىپ، ئۇنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل تەنقىدلەرنى ئىزچىل رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ «دىنىي رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ramizan-tutqun-05262017165436.html

Share
841 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.