logo

trugen jacn

خوتەندە جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

263b373d-b4cf-4e57-bb5d-519031b061fe

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئۆتكەن جۈمە كۈنى يەنى 26-سېنتەبىر كۈنى خوتەن شەھىرىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدىن كېيىن خىتاينىڭ خوتەن شەھىرىگە يەنە كۆپلەپ ئەسكەر يۆتكىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. مۇخبىرىمىز بۇ ھەقتە شەنبە كۈنى ئەھۋال ئىگىلىگەن چېغىدا شەھەردىكى بىر ساقچىخانا خادىمى، شۇ كۈنى مەلۇم بىر ۋەقە بىلەن بىر كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما نېمە ۋەقەلىكىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرى داۋامىدا، ئۆتكەن جۈمە كۈنى خوتەن شەھەر ياقىسىدىكى توسىللا دېگەن يېزىدا ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەنىڭ جۈمە نامىزىدىن قايتقان 10 موتسىكلىتلىق كىشىنىڭ خوتەن شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشى سەۋەبلىك كېلىپ چىققانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى خوتەن شەھىرىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بىز خوتەن شەھەر ئىچىدىكى بىر ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى بىر كۈن ئاۋۋال يۈز بەرگەن ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى، ئەمما، نۇرباغ ساقچىخانىسى ئەتراپىدىكى بىر دوختۇرخانىغا بىر يارىدارنىڭ ئاپىرىلغانلىقى ۋە بېشىدىن زەخىملەنگەن بۇ يارىدارنىڭ دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەنلىكىنى پاش قىلدى. بۈگۈن بىز ياۋاغ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ساقچى خادىمى بۈگۈن ئۆزى قاتناشقان يىغىندا ئاڭلىغان بىر قىسىم ۋەقەلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ يىغىندا ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى خوتەن شەھەر ياقىسىدىكى توسىللا مەسچىتىدىن قايتقان 10 موتسىكلىتلىق كىشى، خوتەن شەھەر ئىچىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم پىلانى بارلىقىنى بايقىغان ساقچىلار ئالدىنى توسۇپ بىر تەرەپ قىلغان. ئەمما يىغىندا ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن. بۇ ساقچى خادىمى يەنە خوتەندە ئەڭ يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قاتارىدا خوتەن شەھەر ئىچىدە بىر خىتاي كۆچمەننىڭ بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنىمۇ بايان قىلدى.

يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن تۇسۇللا يېزىسىدىن خوتەن شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان 10 موتسىكلىتلىقنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ۋەقەسى بىلەن خوتەن نۇرباغ تەۋەلىكىدە بىر يارىدارنىڭ دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىك ۋەقەسىنىڭ ئوخشاش بىر ۋەقە ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس. ئەگەر بىر ۋەقە بولغان تەقدىردە، جۈمە كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئاز دېگەندە بىر كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xoten-partlash-10022014150537.html

Share
1945 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.