بۇ يىل 5- ئاينىڭ باشلىرىدا «خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامازغا ئالاقىدار 7 نۇقتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش پىلانى» ناملىق خىتايچە يېزىلغان بىر ھۆججەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىدى ۋە رەسمىي مەتبۇئاتلاردىمۇبۇ ھەقتە خەۋەرلەر بېرىلگەن ئىدى. نۆۋەتتە، بۇ ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن ئەزان، تەسبىھ ۋە دۇئالارنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا يېزىلىپ، رامكىغا ئېلىنىپ خوتەندىكى مەسچىت تاملىرىغا ئېسىلغانلىقى، يەنى بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

يەتتە ماددىلىق بۇ ھۆججەتتە، نامازدا ئوقۇلۇدىغان قۇرئان سۈرىلىرى، جۈمە كۈنلىرى قىلىنىدىغان تەبلىغ مەزمۇنلىرى، جۈمە خۇتبىسىنىڭ قانداق ئوقۇلۇشى ھەمدە نامازدىن كېيىنكى تەسبىھ، دۇئا ۋە ئەزاننىڭ قانداق ئوقۇلۇدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىدى. ئەينى ۋاقتتا، خوتەندە ياكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ باشقا جايلىرىدا ئىبادەتلەرنىڭ بۇ ھۆججەتتىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە قىلىنىدىغان ياكى قىلىنمايدىغانلىقى ئېنىق دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىماملارنىڭ جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى نامازخانلارغا قىلىدىغان ۋەز نەسىھەتلىرىدە جامائەتنى يۇرتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىناق-ئېجىللىقىنى ساقلاشقا ئۈندەش بىلەن بىللە، خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە كومپارتىيىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرىش ئىماملارنىڭ سۆزىدىكى قېلىپلاشقان مەزمۇنلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

بۈگۈن(25- ئىيۇل) ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېيسبۇكتا يۇقارقى ھۆججەت مەزمۇمىغا ئالاقىدار ئۈچ پارچە فوت سۈرەت تارقالغان. بۇ رەسىملەردە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئاتالمىش «جۇڭگوچىلاشتۇرۇلغان» (خىتايچىلاشتۇرۇلغان) «ئەزان»، «تەكبىر»، «تەسبىھ» ۋە «دۇئا» ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە ئىككى تىلدا يېزىلىپ، رامكىغا ئېلىنغان. تەسبىھتە: «ۋەتىنىمىز جۇڭگوغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، رەئىس شى جىنپىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز» دېيىلگەن.

ھەممىگە ئايانكى، خىتاي ئىشغالى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، بارلىق مەسچىتلەرنىڭ ھويلىلىرى ۋە تاملىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشقا دائىر قائىدە – نىزام ۋە بەلگىلىمىلىرى يېزىلغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، يۇقارقى رەسىملەرنىڭ مەسچىت تاملىرىغا ئېسىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ، گەرچە قايەردىكى قايسى مەسچىتكە ئېسىلغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ.

يەنە كېلىپ، يېقىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ۋەتەندىن چەتئەلگە چىققانلارمۇ خوتەن ۋىلايتىنىڭ بەزى جايلىرىدا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى دەلىللىدى

http://turkistantimes.com/uy/news-1823.html