logo

trugen jacn

خوتەندە ئۇيغۇر كادىرلار زەربە بېرىش نىشانى قىلىنماقتا

 

خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسا خوتەن ناھىيىسىدىكى ئون مىڭلىغان ئاممىنى مەيدانغا يىغىپ، ئۆز مەيدانىنى ئىپادىلەپ قەسەم بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرغان.

خوتەن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 17-ئىيۇل كۈنى خوتەن ناھىيىسىدىكى 12 مىڭدىن ئوشۇق ئىشچى-كادىر، خەلق ئاممىسى ناھىيىدىكى باغچە بازىرىغا يىغىلىپ ۋالىي ئېزىز مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە «پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيىگە ئەگىشىپ مېڭىش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇش» ھەققىدە قەسەم بەرگەن. قەسەم يىغىنى كانايلار ئارقىلىق پۈتۈن ۋىلايەت تەۋەسىدە بىرلا ۋاقىتتا ئاڭلىتىلغان.

خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسا يىغىندىكى سۆزىدە، «ئۈچ خىل كۈچلەر» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، ئۇلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ مۇقىملىق يارىتىشتىكى زور ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. خوتەن ۋىلايىتى ئاتالمىش ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلارغا ئەڭ ئېغىر زەربە بېرىلىۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە ۋىلايەت تەۋەسىدە «ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش»، «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن جازالىنىپ ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ سانى 650 نەپەردىن ئاشىدۇ.

خوتەن گېزىتى 20-ئىيۇل كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ۋىلايەت تەۋەسىدىكى بىر قانچە يېزىلىق پارتكوملارنىڭ سېكرېتارى، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق 7 نەپەر ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ «ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىقى» ئۈچۈن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. تېخى ئالدىنقى كۈنى خوتەن دائىرىلىرى 4 نەپەر يېزا پارتكوم سېكرېتارى ئۇيغۇرنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئاساسلىق كۈچىنى ئاساسىي قاتلاملارغا قارىتىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنى يوقىتىپ، ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرىنى خىتايلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kadir-07202017151702.html

Share
858 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.