logo

trugen jacn

خوتەندە «ئىككىيۈزلىمىچى» كادىرلارنى تازىلاش ھەرىكىتىدە مېيىت نامىزىغا بېرىشمۇ گۇناھ دەپ قارىلىدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەن ۋىلايىتىدە يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن كادىرلار «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» قىلىش، «سىياسىي ئىنتىزامدا چىڭ تۇرماسلىق»، «پارتىيە بىلەن پىكىردە بىر بولماسلىق» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مۇشۇنداق كادىرلارنى داۋاملىق بايقاپ، ئۇلارنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مەخسۇس خوتەندىكى ھەرقايسى يېزا-كەنت، بازالارغا چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ كادىرلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىمىزدە ناماز ئوقۇش، روزى تۇتۇشنىڭ ۋە ھەتتا ئۆلۈپ كەتكەن بىرىنىڭ مېيىت نامىزىغا بېرىشنىڭمۇ «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» دەپ قارىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەندىن بۇيان پارتىيىلىك كادىرلار ئىچىدىكى «ئىككىيۈزلىمىچىلەر» نى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى تەكىتلەشنى باشلىغان. ئۇ ئىككىيۈزلىمىچىلەرنىڭ خەتىرىنى ئىزاھلىغاندا «ئۈچ خىل كۈچلەر بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، ئەمما ئىككىيۈزلىمىچىلەر بىزنىڭ تېخىمۇ چوڭ دۈشمىنىمىز» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى. شۇندىن بېرى قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا نۇرغۇن كادىرلار مانا مۇشۇ خىل ئىككىيۈزلىمىچى دېگەن قالپاقنى كىيىپ بىر تەرەپ قىلىندى. بولۇپمۇ خوتەن ۋىلايىتى بۇ خىل ئىككىيۈزلىمىچى كادىرلار ئەڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل 3-ئاي، 4- ۋە 5-ئايلاردا ئايرىم-ئايرىم ھالدا 97 نەپەر، 327 نەپەر ۋە 221 نەپەر بولۇپ، جەمئىي 645 نەپەر كادىرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئاخباراتقا ئاشكارىلانغان.

بىراق خوتەندىكى خەۋەرلەردىن، بۇ ھەرىكەتنىڭ يەنە داۋاملىشىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا. پەيشەنبە كۈنى خوتەن گېزىتى ئۇچۇر تارقىتىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ 6  چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى ھەرقايسى يېزىلارغا بېرىپ، مەخسۇس ھالدا بۇ يېزىلاردىكى «ئىككىيۈزلىمىچىلىك»، پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرى قاتارلىق 10 خىل ئەھۋالنى نازارەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى چارلاشقا چۈشكەن كادىرلارنى تېپىپ ئۇلارنى زىيارەت قىلدۇق. ئارال يېزىسىدىكى خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يېزىغا ۋىلايەتتىن چارلاش خىزمىتى ئۈچۈن 6 كىشى چۈشكەن بولۇپ، بۇ خىزمەت  6-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

چىرا ناھىيىسى گۇلاخما بازىرىدىن تېلېفونىمىزغا چىققان تەكشۈرگۈچى كادىر بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق كادىرلارنى تەكشۈرەيدىغانلىقى ۋە قانداق كادىرلارنىڭ ئىككىيۈزلىمىچى ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. بىز ئۇنىڭدىن، ئىككىيۈزلىمىچىلىكنىڭ ئىپادىلىرىنى سوراپ، بىرىسىنىڭ مېيىت نامىزىغا قاتناشسىمۇ، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىككىيۈزلىمىچىلىك قىلغان بولامدۇ، دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ پارتىيىلىك كادىرلار دىنغا ئىشىنىشكە بولمىغانلىقتىن، مېيىت نامىزىغا بارسا، ناماز ئوقۇسا، روزى تۇتسىمۇ دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھېسابلىنىپ، ئىككىيۈزلىمىچىلىك قىلغان دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسىغا چۈشكەن تەكشۈرگۈچى خادىمنىڭ بىزگە «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» نىڭ ئىپادىلىرى ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىمۇ يۇقىرىدىكى خادىمنىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى. ئۇ بىزگە «ئەگەر بىرەر يېقىنى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، بېرىپ ھال سوراپ، كۆڭۈل سوراپ يېنىپ كەلسە بولىدۇ. ئەمما مېيىت نامىزىغا قاتناشسا، دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا ئىلگىرى ئېلان قىلغان «ئوچۇق خەتلىرى» دە بۇ ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچى كادىرلار» مەسىلىسىدە ئەشەددىي ئىپادىلەرنى قوللانغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 5-ماي كۈنى شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوچۇق خېتىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ تەلتۆكۈس ئوڭشالماسلىقى، دىنىي ئەسەبىيلەرنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبنى مۇشۇ ئاتالمىش «ئىككىيۈزلىمىچى» كادىرلاردىن كۆرۈپ ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇ مەكتۇبىدا « ئىككىيۈزلىمىچىلەر زادى كىملەر» دېگەن سوئالنى قويۇپ ئۇنى تۆۋەندىكىدەك ئىزاھاتلىغان: «بىرىنچى، ئىدىيە جەھەتتە دىنىي ئەسەبىيلەر بىلەن بىر ئېقىمدا ماڭغانلار؛ بۇنداق ئادەملەر ”ئالىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان، ھەتتا پارتىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، كاللىسىدا بۆلگۈنچىلىك، ئۆچمەنلىك تولۇپ تاشقان، پارتىيە ۋە دۆلەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان، خىتاي كادىرلارنى ئۆچ كۆرىدىغان، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چەتكە قاقىدىغان كىشىلەر. ئىككىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسەيدىغان يۇمىلاق تاۋۇزلار؛ بۇنداق كىشىلەر ئاغزىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدۇ ‏- يۇ، ئەمما ئاشۇنداق بۆلگۈنچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇشتا ئاكتىپ بولمايدۇ، دوكلات قىلمايدۇ، ئۇلارغا چاپان ياپىدۇ… ئۈچىنچى، سەھنىدە كەسكىن بولۇپ، سەھنىدىن چۈشكەندە پوزىتسىيەسى ئېنىق بولمايدىغانلار؛ بۇلار ئاغزىدا بىر خىل گەپ قىلىپ، كۆڭلىدە باشقا خىل گەپ قىلىپ، پارتىيە بىلەن خەلقنى ئالدايدۇ. تۆتىنچى، ئاغزىدا پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، كۆڭلىدە ئۆچمەنلىك ساقلايدىغانلار؛ بەشىنچى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بەرگەندە پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن دەيدىغان، ھالقىلىق پەيتتە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار. بۇنداقلار ئاغزىدا ماركىسىزمغا ئىشىنىمەن دەپ، ماركىسىزمنى سۆزلەپ قويغان بىلەن ئەمەلىيەتتە قەلبى دىنىي ئىدىيە بىلەن تولۇپ بولغانلار،»

ئۇ «ئوچۇق خەت» نىڭ ئاخىرىدا: « ئىككىيۈزلىمىچىلەر نىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئىككىيۈزلىمىچىلەر نى “ كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قاپتۇ“ دېگەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىش كېرەك » دەپ يازغان. يۇقىرىدىكى كادىرلارمۇ خوتەندە بۇنداق ئىككىيۈزلىمىچى كادىرلارنىڭ ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغانلىقىنى، ھازىرقى ۋەزىيەتتە ھېچكىمنىڭمۇ ئۇنداق ئىككىيۈزلىمىچىلىك قىلالمايدىغانلىقى ئېيتتى.

خوتەندە «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» ياكى «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس» دەپ جازالانغان كادىلار ئىچىدە كەنت سېكرىتارى جېلىل نىيازنىڭ مويسىپىتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشتىن ئەيمەنگەنلىكى ئۈچۈن «ئىككىيۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئاشكارىلاندىن كېيىن، خەلقئارا ئاخباراتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان. بەزى تەتقىقاتچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنىمۇ «دىنىي رادىكاللىق» «ئەسەبىيلىك» ئىدىيىلىرىگە باغلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش، جۈملىدىن ئۇيغۇلارنى «قايتىدىن ياساپ چىقىش» باسقۇچىدىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xoten-ikkiyuzlimichi-tazilash-05192017160021.html

Share
1354 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.