logo

trugen jacn

خوتەندىكى 97 كادىرنىڭ جازالىنىش سەۋەبى ھەققىدە چاتما مەلۇماتلار-1

مېھرىبان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەندە بىر كەنت سېكرېتارى نىكاھنى ئۆيىدە ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن جازالاندى

خوتەن دائىرىلىرى يېقىندا جازالىغان بىر تۈركۈم كادىرلار ئىچىدە «نىكاھنى ئۆز ئۆيىدە ئوقۇتقان» لىقى سەۋەبلىك جازالانغان يەنە بىرقانچە نەپەر يېزا كادىرىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلاندى. بۇلارنىڭ بىرى چىرا ناھىيەسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارى سالامەت مەمتىمىندۇر.

خوتەن گېزىتى 10-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس تەپسىلىي خەۋەر بېرىپ، يېقىندا خوتەندە ئېچىلغان كەنتلەردە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان كادىرلار خىزمىتى ھەققىدىكى خۇلاسە يىغىنىدا بىر تۈركۈم كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر خەۋەردە خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتى سەۋەبلىك جازالانغان 97 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ جازالىنىش سەۋەبى ۋە ئۇلارغا بېرىلگەن جازالار ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىلگەن بولۇپ، خوتەن چىرا ناھىيىسى چاقا يېزىسى بەكچان كەنتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى كەنت باشلىقى سالامەت مەمتىمىننىڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارلىق ۋە كەنت باشلىقلىق ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئۇنىڭ «تويىدا نىكاھ ئوقۇتقان» لىقى سەۋەب بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

چىرا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم، يېزا كادىرلىرىنىڭ جازالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانلىقىنى، سالامەت مەمتىمىن قاتارلىقلارنىڭ جازالىنىشىغا ئۇلارنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە يولغا قويۇلغان «نىكاھ-توي مۇراسىمىنى يېزا-كەنتلەردىكى بەلگىلەنگەن مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈش» بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خانىم يەنە نىكاھ ۋە توي مۇراسىمىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆتكۈزۈش بەلگىلىمىسىنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان يولغا قويۇلغان يېڭى تۈزۈم ئىكەنلىكىنى، 3 يىل ئىلگىرى ئۆزى توي قىلغان چېغىدا بۇ خىل بەلگىلىمىلەر يوقلۇقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

سالامەت مەمتىمىن تۇرۇشلۇق چاقا يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا قىلغان تېلېفونىمىزنى مەزكۇر يېزىنىڭ تاشكەنت كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ ئىشلەۋاتقان بىر خىتاي كادىر ئالدى.

ئۇيغۇر تىلىدىن ئاززاق ساۋاتى بار بۇ خىتاي كادىر خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئىسمى ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ جازالانغان 97 نەپەر ھۆكۈمەت كادىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئىجراچىلىرى تۇرۇقلۇق بەلگىلەنگەن قائىدە-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلغان جامائەت تەكلىپ قىلىنىدىغان بارلىق مۇراسىملارنىڭ نۆۋەتتە يېزىلىق ھۆكۈمەت، ياكى كەنتتىكى پارتكوم سېكرېتارىنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا يېزىلىق ھۆكۈمەت ۋە كەنتلەردىكى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھەرقانداق كىشىنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خىتاي كادىردىن ئۇيغۇرلاردا ئومۇملاشقان ئەنئەنىۋى توي مۇراسىم ئادىتىدە نىكاھنىڭ ئائىلىلەردە ئوقۇلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ خىل مىللىي ئادەتنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، بۇ خىل بەلگىلىمىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى چىقىش قىلىپ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ بەلگىلىمىلەرنى جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇش ھەققىدە يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقى بارلىقىنىلا بىلىمەن. مەن پەقەت يۇقىرىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بىرى. بۇلتۇردىن باشلاپ پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتىدە يېزىلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىملىرىنى يېزا-كەنتلەردىكى مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈش يولغا قويۇلۇپتۇ.

نىكاھ مۇراسىمى يېزىلىق ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن مۇلازىمەت مەركىزىدە جايدا ئاۋام ئالدىدا، مىللىي كادىرلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نىكاھ مۇراسىمىنى ئۆيدە ئۆتكۈزۈشنى چەكلەشنىڭ سەۋەبى ئىلگىرى بەزى دىنىي زاتلار قىز-يىگىتنىڭ توي مۇراسىمىدىكى نىكاھتىن پايدىلىنىپ، ياشلارغا ‹قانۇنسىز دىنىي ئاڭلارنى سىڭدۈرگەندىن باشقا، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىققا زىيانلىق› تەلىملەرنى بەرگەن. شۇڭا بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ دىنىي تەلىمات ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بۇلتۇردىن باشلاپ پۈتۈن خوتەن ۋىلايىتى بويىچە بۇ خىل يەرلىك بەلگىلىمە يولغا قويۇلۇپتۇ. مەن بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ چاقا يېزىسىغا كەلسەم بۇ تۈزۈم بار ئىكەن. دىنىي-ئادەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار نىكاھ، نەزىر قاتارلىق مۇراسىملارغا ئادەتتە خىزمەت گۇرۇپپىمىزدىكى مىللىي كادىرلار قاتنىشىدۇ ۋە نازارەت قىلىدۇ.»

خوتەن دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان 97 كادىرنىڭ جازالىنىشىغا بەزى ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلىنىپ بولغان مىللىي ئەنئەنىلەرنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىپادىلىگەنلىكى سەۋەب بولغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇجېلىل ئىسىملىك كەنت سېكرېتارى دىنىي زاتلار ۋە مويسىپىتلار ئالدىدا تاماكا چەكمىگەنلىكى ئۈچۈن «مەيدانى ئېنىق ئەمەس» دېگەن جىنايەت ئارتىلىپ، كەنت سېكرېتارلىق ۋە كەنت باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

بىر ھەپتىدىن بۇيان مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا تاراتقۇلاردا تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلانغان. بۇ ھەقتىكى تەنقىدلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رادىكال سىياسىتى تەنقىدلىنىپ، «ھۆكۈمەتنىڭ بارغانچە رادىكاللاشقان سىياسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرۇلغان.

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-jazalash-04142017223845.html

Share
1062 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.