logo

trugen jacn

خوتەندىكى پۈركەنچە چەكلىمىسى بىر تۈركۈم ئاياللارغا قارىتا «ئۆي قاماق» جازاسى رولىنى ئوينىماقتا

image

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاينىڭ پۈركەنچە چەكلىمىسى ئۇيغۇر رايونىدا، جۈملىدىن خوتەندە قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىنماقتا، بۇ ئىجرائاتقا قارىتا تەقۋادار ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى قانداق پوزىتسىيە تۇتۇۋاتىدۇ ۋە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتىدۇ؟ مۇخبىرىمىز بۈگۈن خوتەنگە تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، زور بىر تۈركۈم تەقۋادار ئاياللار، ھەم خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، ھەم ھايات پرىنسىپلىرىدىنمۇ ۋاز كەچمەسلىك ئۈچۈن، ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق تەدبىرىنى قوللانغان. بۇ ئەھۋال ئۇلار ئىلگىرى ئۆزلىرى شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا-تىجارەتتىن قول ئۈزۈش ۋە زۆرۈرىيەتسىز ھالدا ئۆي ئىچىگە قامىلىپ قېلىش ئاقىۋىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۇيغۇر رايوندىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېھتىياجى، بولۇپمۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنىڭ زورلۇقى، ئائىلىلەردە ئاياللارنىڭمۇ ئىشلەپچىقىرىشقا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا خوتەندە ئۇيغۇر ئاياللىرى يىللاردىن بېرى بەزىدە ئېتىزدا ئەمگەك قىلسا، بەزىدە يايمىچىلىق شەكلىدە ئۇششاق تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى قامداپ ۋە ئەرلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى يۈكلىرىنى يەڭگىللىتىپ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە خىتاينىڭ پۈركەنچە چەكلىمىسى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىكى مانا بۇ خىل ئەر، ئايال ھەمكارلىقىغا ئېغىر زەربە بولغان.

خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشتىن ھەم جازاغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئاياللار پۈركەنجىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان بولسا، يەنە بىر تۈركۈمى ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق يولىنى تاللىغان. «بىر نەچچە ئاي بولدى، ئۆيدىن تالاغا چىقمىدۇق، ئېتىزغىمۇ بارمىدۇق، سەۋەب، روپاشلىقلارنى تۇتۇپ سولاۋاتىدۇ، يېقىندا ئاياللار تۈرمىسى سېلىنىدىكەن دېگەن گەپمۇ بار….»

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، يەنە بىر تۈركۈملىرى بولسا، شۇغۇللىنىۋاتقان ئىش-تىجارىتىدىنمۇ ھەم پۈركەنجىدىنمۇ ۋاز كەچمىگەن؛ نەتىجىدە قاماققا مەھكۇم بولغان. بىر كەنت باشلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پۈركەنچە چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار 6 ئايدىن 6 يىلغا قەدەر قاماققا ئېلىنىدۇ، نۆۋەتتە خوتەندە زور تۈركۈمدە ئايال تۇتقۇنلارنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى مەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى، جازالانسا جازا مۇددىتىنى قەيەردە ئۆتەيدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. يەنە تولۇقسىز مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خوتەندە دائىرىلەر مەخسۇس ئاياللار تۈرمىسى تەسىس قىلىشقا تەييارلانماقتا.

خىتاي قارىماققا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا پۈركەنجىنى چەكلەشتە، نەتىجىگە ئېرىشكەندەك، ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشتە ئۈنۈمگە ئېرىشكەندەك كۆرۈنمەكتە ۋە ياكى ئەنە شۇنداق تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىش ئۇنداق ئەمەس، خىتاي گەرچە ئۇلارنىڭ بەدىنىدىكى پۈركەنجىنى ئېلىۋېتىشكە مۇۋەپپەق بولغان بولسىمۇ، ئۇ پۈركەنجىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ۋە ئېتىقادىدىكى ئورنىنى تەۋرىتەلىگىنى يوق. يەنە بۇ خىل قاراشتىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ پەرىزىچە، خىتاي پۈركەنچە ۋە ساقالنى چەكلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە قارشى بارغانسېرى ئۇلغىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىددىتىنى پەسەيتەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-eydiz-01202015154522.html

 

Share
1518 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.