logo

trugen jacn

خوتەندىكى نامراتلىق ۋە ياللانما ئەمگەكنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرى -1

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئالدىنقى ھەپتە تەڭرىتاغ تورى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «نامراتلىق ئۆلچىمى» گە چۈشىدىغان يېزا ئاھالىلىرىدىن 2 مىليون 610 مىڭ كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ يىلدا بېرىلىدىغان 2300 سوم ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، 11-نويابىر كۈنى خەلق تورى بىلەن جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇنى ئىنكار قىلىدىغان خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ «نامراتلىق» قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇنداقتا، «نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان» ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلار بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىدىكى ياللانما ئەمگەكتىن قۇتۇلۇپ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئائىلە مېھرى بىلەن ئاتا-ئانا مۇھەببىتىنى يېتەرلىك دەرىجىدە بېرىۋاتامدۇ-يوق؟

ئىنتايىن ئەپسۇس، خوتەن يېزىلىرىدىكى نامراتلىق ۋە ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى تەشۋىقاتىنى كەسكىن رەت قىلماقتا.

خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيەسىگە قاراشلىق مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ خىزمەتچى خادىمى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاتا-ئانىسى پاختا تېرىش ئۈچۈن ئاقسۇ ۋە كورلا تەرەپلەرگە كەتكەن بالىلارنىڭ مەكتەپكە ئاچ قورساق كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، يەنى 2015-يىلىنىڭ نويابىر ئايلىرىدا گۇما ناھىيەسىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەۋەلىكتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پاختا تېرىش ئۈچۈن ئاقسۇدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە كەتكەنلىكىنى ئاشكارا قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېزىدىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئەر-ئاياللارنىڭ كۆپ قىسمى ئاي-ئايلاپ سىرتلاردا ياللىنىپ ئىشلىگەچكە، ئۇلارنىڭ مەكتەپ يېشىدىكى پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانا تەربىيەسىدىن خالىي ھالدا قارانچۇقسىز ياشىماقتىكەن.

بىز بۇ ئەھۋالنى گۇما ناھىيەسىدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بايانىدىن دەلىللەپ كۆرۈشكە تىرىشتۇق. گۇما ناھىيەسىنىڭ موكۇيلا يېزىلىق ساقچىخانىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەرلىكتىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەندىكى كېۋەزلىكلەرگە ياللانما ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

ساقچىخانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇجى ۋە موكۇيلا يېزىلىرى گۇما ناھىيەسى بويىچە ئاھالىسى بىر قەدەر زىچ، تېرىلغۇ يېرى ئاز، سۇ مەنبەسى كەمچىل ھەمدە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۆۋەن جايلار بولۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈۋاتقان رايونلار ھېسابلىنىدىكەن.

موكۇيلا يېزىسىدا 21 مىڭدىن ئارتۇق تۇراقلىق ئاھالە بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلار ئىكەن. ھەر يىلى 4-ئايدىن 12-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا موكۇيلا يېزىسىنىڭ ئۆزىدىنلا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەر-ئايال ئەمگەك كۈچى ئاقسۇ ۋە كورلا تەۋەسىدىكى بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە ئىشلىگىلى كېتىدىكەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 1500 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى بىر يىلنىڭ سەككىز ئېيىدا سىرتتا ياللىنىپ ئىشلەيدىكەن. 8 مىڭدىن ئارتۇق ئەر-ئايال ئەمگەك كۈچى ھەر يىلىنىڭ تۆت ئېيىدا، يەنى سېنتەبىردىن تاكى دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە سىرتتا بولىدىكەن.

بۇ ئەھۋال مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «گۇمىدىكى ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم ياشاۋاتقان قارانچۇقسىز بالىلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازابلاندىم. خىتايدا بالىلارنى ئۆيىدىن ئايرىپ باشقا شەھەرلەردە ئوقۇتۇش ياكى كىچىكىدىنلا ياتاقلىق مەكتەپلەرگە بېرىۋېتىشتەك ئەھۋال كۆپ ئومۇملاشقان. گۇما يېزىلىرىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تىرىكچىلىك غېمى بىلەن بالىلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا ئىشلىگىلى كېتىشى، مەكتەپ يېشىدىكى بالىلارنىڭ قورساق ۋە كىيىم كېچەك مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقى خىتاي داۋراڭ قىلىۋاتقان ‹مەجبۇرىي مائارىپ پۈتۈنلەي ھەقسىز دەۋرگە قەدەم قويدى› دېگەن تەشۋىقاتنى كەسكىن رەت قىلىدۇ. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلار بىلەن بىللە ياشىشى ۋە ئاتا-ئانا مېھرىگە قېنىپ چوڭ بولۇشى ئىنسانلارغا خۇدا تەرىپىدىن بېرىلگەن مۇقەددەس ھوقۇق. پسىخىكىلىق نۇقتىدىن ئويلىغاندىمۇ، ئاتا-ئانا مېھرىدىن مەھرۇم ھالەتتە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ كېلەچەكتە نورمال ئادەمدەك ياشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مائارىپنىڭ مەقسىتى ئەڭ ئالدى بىلەن بالىلاردا نورمال ئىنسانلىق ھېس-تۇيغۇ ۋە قىممەتنى ھېس قىلدۇرۇش بولۇشى كېرەك. مۇھەببەت يوقالغان، مائارىپ بىلەن ئىنسانىي ئەخلاق كەمتۈك جەمئىيەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلاردىن، بالىلار ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/maarip/qaranchusiz-balilar-11172016132838.html

Share
1266 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.