logo

trugen jacn

خوتەندىكى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ بۇ يىللىق رامىزان بىلەن يازلىق تەتىلدە دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلار بۇ يىللىق رامىزان بىلەن يازلىق تەتىلنىڭ خوتەندىكى مەكتەپ بالىلىرى ئۈچۈن نورمال دەم ئېلىش بولماستىن، بەلكى تۆمۈر پەردە ئىچىدىكى رېجىم بولغانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدا 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىياسىي – ئىدىيە خىزمىتىگە مەسئۇل بىر كادىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىللىق رامىزان بىلەن يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنلۈك پائالىيىتى قاتلاممۇ – قاتلام قاتتىق كونتروللۇققا ئېلىنغان.

نام – شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مائارىپ ساھەسىدىكى مەزكۇر كادىرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللىق رامىزان مەزگىلىدە خوتەندىكى بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بىر تۇتاش مەكتەپتىن تاماق بېرىلگەن.

خوتەن ۋىلايىتىدىكى 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى يېشىدىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئاپتونوم رايوندىن «نامرات ۋىلايەتكە بېرىلىدىغان ياردەم» دېگەن ۋىۋىسكا بىلەن كۈنىگە 4 سومدىن تاماق پۇلى بېرىلگەن. خوتەندىكى يەرلىك مائارىپ ئىدارىلىرى رامىزان مەزگىلىدە يوقىرىدىن كەلگەن بۇ پۇلنى دەسمايە قىلىپ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلىگەن.

مەزكۇر كادىرنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار ھازىر گەرچە يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى مەجبۇرىي ھالدا مەكتەپكە يىغىۋېلىنىدىكەن. جۈمە كۈنىدە مائارىپ ئىدارىسىدىن ھەرقايسى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىلگەن مەسئۇل خادىملار بىر ھەپتىدىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىدە نېمە ئىش قىلغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئايرىم – ئايرىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا بالىلىرىنىڭ ھەر كۈنى نېمىنى قىلىشى ۋە نېمىنى قىلماسلىقى ھەققىدە يوقىرىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى سۆزلەيدىكەن. ئادەتتە ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى رەھبىرىي كادىرلار بىلەن ھەرقايسى مەكتەپ مۇدىرلىرى ئوتتۇرىسىدا، مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ھەر بىر سىنىپ مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا، سىنىپ تەربىيەچىلىرى بىلەن ئاتا، ئانىلار ئوتتۇرىسىدا قاتلاممۇ – قاتلام مەسئۇلىيەت توختامنامىسى ئىمزالىنىدىكەن.

ئۇندىن باشقا، يازلىق تەتىلدىكى ھەر جۈمە كۈنى ئوقۇغۇچىلار تولۇق ھالدا مەكتەپكە يىغىۋېلىنىپ، سىياسىي ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلىدىكەن. چۈشتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىيلىك» كە ۋە «مىللەت بۆلگۈنچىلىكى» گە قارشى تۇرىدىغان شۇنداقلا «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» نى مەدھىيەلەيدىغان سىياسىي لېكسىيەر ئاڭلايدىكەن.

مەزكۇر كادىر يەنە بۇ يىل يازلىق تەتىلدە خوتەندىكى مەكتەپ بالىلىرىنىڭ ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە يىغىلىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا سۆزلىگەن مەخسۇس ھۆججەتنى ئۆگىنىدىكەن. مەزكۇر ھۆججەتتە مەكتەپ بالىلىرىنىڭ مىللىي ھېسسىياتنى قانداق قىلىپ توغرا ئىپادىلەشنى ئۆگىنىش ۋە قەلبىدە قانداق قىلىپ «جۇڭخۇا ۋەتىنى» گە بولغان مۇھەببىتىنى يېتىلدۈرۈش مەسىلىلىرى سۆزلەنگەن ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xoten-ramizan-07302015202328.html

Share
1272 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.