ئاپراسياپ

ختتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارسدىكى مەسللەرنى ئىككى نۇقتىغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن

بىرىنچى: مۇستەملىكە قىلىش ۋە مۇستەمىلىكىلىگە قارشى تۇرۇش
ئىككىنچى: ئاسسلماتسيە قىلىش ۋە ئاسسىلماتسيەگە قارشى تۇرۇش

بىرىنچى: مەسلە
بۇ مەسلىنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسۋىتى مۇنداق :ختتاي ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر زىمىنىنى مۇستەملىكە قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشى كىلىپ چىقىدۇ.خىتتاي بۇ قارشىلىقنى باستۇرىدۇ
ئىككىنچى: مەسلە
ئىككىنچى مەسلە بىرىنچى مەسلىنى مەنبە قىلىدۇ،ئەمما بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى پەقەت ئۆزىنىڭ مەدەنى كىملىكىنى قوغداشتا يەنى پاسسپ ۋە ئاجىز قوغدىنىشتا بولىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەب نەتىجە مۇناسۋىتى :ئالدى بىلەن ختتاي مۇستەملىكە قىلدى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا قوراللىق قارشى تۇرۇشنى تاللىماي ،قوغدىنىشنى تاللىدى.ختتاي بۇنىڭ مەڭگۈلۈك تۈگىمەيدىغان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ھس قىلدى.ئاسسلماتسيە سياستىنى يولغا قويدى
ختتاينىڭ مەسلە ھەل قىلىش ئۇسۇلى
بىرىنچى:مەسلىنى ختتاينىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى
ختتاينىڭ مۇستەملىكىسگە بىۋاستە قاتتىق ئۇسۇلدا قارشلىق كۆرستىشنىڭ باستۇرۇش ئۇسۇلى-يوقتىشتىن ئىبارەت.
دۆلەت ئاپپاراتى بولغان قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ۋە ختتاي پۇقرالىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى بولغان دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ختتاينىڭ دۆلەت سياسى تۈزۈلمسنىڭ تەقەززاسى
ختتاينىڭ بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشتا تايىنىدىغان ۋاستىلىرى
ئىچكى جەھەتتە
بىرىنچى: جاسۇسلۇق 2-ئارمىيە 3-ساقچى 4-مەھەللە خادىملىرى 5-تۈرمە 6-سوت 7-مېدىيا 8-مائارىپ 9-كەڭ ختتاي ئاممىسى
تاشقى جەھەتتە
بىرىنچى: ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ئىچكى سياستىغا ئارىلاشماسلىق،تىچلىقتا بىللە تۇرۇش سياستى دىپلوماتىيەسى

ئىككىنچى: رايونلۇق تەشكىلاتلار:1-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2-بىر بەلباغ بىر يول ھەمكارلىق تەشكىلاتى 3-ئاسيا ئۇل مۇئەسسە تەرەققىيات مەبلەغ بانكىسى
بىرىنچى ئۇسۇلنىڭ ئۇنۇمى
ختتاي دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدا تولۇق ئۇتۇق قازاندى

ئىككىنچى مەسلىنى ختتاينىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلى

ئۇيغۇرلۇق-ختتاينىڭ ئۇيغۇر زېىمنىنى مەڭگۈلۈك مۇستەملىكە قىلىشى ئۈچۈن ئەڭ زورتوسالغۇ.بۇ توسالغۇنى يوقتىشنىڭ ختتاي نەزىرىدىكى ئۇسۇلى-ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ،مىللى،مەدەنى كىملىكىنى ختتاي مىللىتى بىلەن قوشۇۋىتىش
بىرى ختتاينىڭ مۇستەملىكە سياسىتىگە قارشى تۇرىدىغان مىللى روھنى -ئۇيغۇرلۇقنى يوقتىش
ختتاي بۇ ئۇسۇلنى يولغا قويۇش ئۇچۇن ئاسسلماتسيە سياستىنى تىز سۇرئەتتە يولغا قويۇۋاتىدۇ
ئاسسلىماتسيەدە تايىنىدىغان ئۇسۇلى
بىرىنچى: بىر قسم ئىلغارلارنى تاللاپ چېقىپ،ھوقۇق،شۆھرەت،بايلىق قاتارلىق ئىمتىيازلار بىلەن كەڭ خەلقكە ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرستىش
ئىككىنچى: تىلنى يوقتىش:نورمال تۇرمۇشتىن باشقا بارلىق ئورۇن جۇملىدىن ھۆكۈمەت،مائارىپ ،مېىديا قاتارلىق ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنىنى قېسش
3-دىنى كىملىكنى يۇيۇش:دىنى مائارىپنى يوقتىش،ئۆسمۇرلەرنى مەسجىددىن يىراقلاشتۇرۇش،ئاممىۋى سورۇنلاردا دىنى پائالىيەتلەرنى چەكلەش،دىنىنىڭ تارقىلىش يولىنى چەكلەش.
4-خىتتايلار بىلەن توي قىلىشقا ئىلھام بىرىش ۋە مەجبۇرلاش

ئىككىنچى ئۇسۇلىنىڭ ئۇنۇمى ۋە نەتىجىسى
بىرىنچى:ختتاي قسمەن ئۇتۇقلارغا ئىرشتى،ئۇيغۇرلار قارشىلىقتىن چارچىدى.
ئىككىنچى: ۋەتەن ئۇيغۇرلىرى كەلگۇسدىن ،مۇستەقىللىقتىن تامامەن ئۇمۇتسزلىككە كەلدى.
3-ئاسسلىماتسيە تەسر كۆرسەتتى.دىنى كىملىك،مىللى تىل-يېزىقتىن ئۆزلىرى خالاپ ۋاز كىچىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاشماقتا.
4-چەتئەلدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ خىزمىتى ئۇنۇمسز بولۇپ،كىشلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ۋە ئاسسلماتسيە قىلىش سياستى ھەققىدە ھىچقانداق تەسر كۆرستەلمىدى.

ختتاينىڭ ئاسسلماتسيە سىياستىنىڭ مەنبەسى

ختتاينىڭ ئۇيغۇر سياستىنىڭ ئارقسىدا ختتاي مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنى ئامىللىرىمۇ كۆپ

ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ مەقسدى بىلەن ئويلاش كىرەك،دۈشمەن سنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە مەنپەئىتىنىڭ كۈشەندىسى دەپ بېكىتسە،سەن ئۇنىڭغا سنىڭ ئۇسۇلۇڭ بويىچە يامانلىق قىلمساڭمۇ ، ئۆزىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى،شانۇ-شەۋكىتى،مەنپەئىتىنىڭ دۇشمىنى چاغلىغان سنى بەرىبىر مەڭگۈلۈك دۈشمەن چاغلاپ،سنى يوقتىشنى باشتىن-ئاخىر نشان قىلىدۇ. بۇنچە كۆپ تەبئى بايلىق ۋە سياسى ئەۋزەلىككە ئىگە زېىمىننى ئۆزۇمنىڭ يېرى دەپ قاراۋاتقان بىر خەلقكە ئۆچمەنلىك قىلىش -ختتاينىڭ ئۇيغۇرغا ئۆچمەنلىك قىلىشى ۋە دۈشمەنلىك قىلىشنىڭ باشلىنىش سەۋەبى
ئەمما بۇ بارلىق دۈشمەنلەرگە ئورتاق بولغان بىر ئامىل
ئەمما دۈشمەنلىك قىلغۇچىنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلى دۈشمەننىڭ كىملىكى ۋە قانداق سۈپىتى بىلەن مۇناسۋەتلىك ،شۇڭا ئالدى بىلەن دۈشمەنلىك قىلغۇچى ختتاينى چۇشىنىش كىرەك.
بۇ يەردىكى ختتاينى ئانالىز قىلساق
ختتاي ئادىمىيلىككە قارشى تەپەككۇر ۋە ياشاش ئۇسۇلىغا ئادەتلەنگەن دۆلەت سياسىتىنى قوللىنىپ كەلگەن.نوپۇسنىڭ كۆپلۇكى سەۋەبىدىن ئادەمنىڭ ئادىمى قەدىر-قىممىتىنى يوقىتىش ئادىمىيلىككە قارشى تەپەككۇرنىڭ بىر سەۋەبىدۇر.ختتايلارنىڭ ھاياتىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك قۇلدارلىق تۈزۈم ھۆكۈم سۈرۈپ،ئادەمنى خورلايدىغان ھۆكۈمرانلىق ،ھوقۇقنى ،ئاش-نان ۋە بايلىقنى ئادەم ھاياتىدىن يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاڭ قۇرۇلمىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان.ختتايدا ئەڭ قورقۇنچلۇقى باشتىن-ئاخىرى بىردەك ھالدا بىر دىنى ئېتىقات يوق،خۇدادىن قورقمايدۇ،كىشلەرگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ

ئوخشىمىغان پىكىردىكى پىكىر ئىگىلىرى،دۇنيا-قاراش ،مەدەنىيەتتىكىلەرنى قوبۇل كۆرمەيدۇ،ختتاينىڭ دۆلەت سياسىتى ۋە ھۆكۈمران كۈچ بولغان كوممۇنستىك پارتىيە دىنى -ئېتىقاد،مىللى مەدەنىىيەت ،پىكىر ئەركىنلىكى دىگەندەك يادرولۇق قىممەت قاراشلارنى ئەزەلدىن خوپ كۆرمەيدۇ.ختتاينىڭ بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيتىمۇ مەدەنىيەت تارىخى ئەمەس،بەلكى جان بېقىش ئۈچۈن باشقىلارنى باش ئەگدۇرۇش،ئۆلتۈرۈش تارىخىدۇر
ئۇزاق مۇددەتلىك سياستى :ختتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارايدۇ،ئۇنى يوقتىشنى ئۆزىنىڭ نشانى دەپ بېكىتىپ بولغان.ئۇيغۇرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە يوقىتىش بۇ ختتاينىڭ ئەزەلدىن يولغا قويۇۋاتقان سياسىتى،ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانى.بۇ پىلانغا ختتاي ھامان يېتىمىز دەپ قارايدۇ ھەم تۈرلۈك ۋەقە-شارائىتلارغا ئاساسەن تاكتىكا-سياسەتلىرى ۋە قەدەملىرىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ
ختتاينىڭ قسقا مۇددەتلىك قەدەم-باسقۇچلۇق سياسەتلىرى
ختتاي ئۇيغۇرلارنى يوقتىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ بولغان،نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ۋە سرتىدىكى خەلقئارا ۋەزىيەت دەل ختتاينىڭ ئومۇمى پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇپ،ئۇيغۇرلار ئاسسلماتسيەنىڭ تىز پويىزىدا مېڭىۋاتىدۇ
ختتاينىڭ ئاشۇرما سياسەتلىرىنىڭ سەۋەبى بولسا،ختتاينىڭ سياسى جەھەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىكى بىلەن ئالاقىداردۇر
ختتاي خەلقئارالىق چوڭ ئېقتسادى تەشكىلات ۋە رايونلۇق سياسى تەشكىلات قۇرۇپ چىقتى
ختتاي خەلقئارادىكى ئورتاق دۈشمەن ھىسابلانغان تىرورلۇق جىنايى نامى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئەڭ ئالى چەكتە يالغۇز قالدۇردى ، ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى بېسمدا باستۇرۇشنىڭ ئېقتسادى ۋە سياسى شەرتلىرى پشىپ يېتىلدى
ئۇيغۇرلار بىلەن بىر مەيداندا تۇرۇپ ختتايغا قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك بىر دۆلەت بولمىغان شارائىتتا،ختتاي ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنڭ سۈرئىتىنى كۈچەيتتى ۋە زۇلۇمنىڭ تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ ،بېسمنى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىقاردى