logo

trugen jacn

ختتاينىڭ باياناتى:شنجاڭنىڭ تىچ مۇقىملىقىنى قوغداش-ئەڭ چوڭ ئنسانى ھوقۇق

‎ختتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتى باش ماقالىسى
‎تەرجىمە قىلغۇچى:ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى ئۈچۈن
‎ تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

‎كىرىش: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشچىلىقىدا بىر قسم غەرپ دۆلەتلىرى ختتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باشتۇرۇشىغا قارشى ئارقىمۇ-ئارقا بايانات بىرىپ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق يېغىندا ختتاينى ئەيىپلىگەندىن كىين، ختتاي ھۆكۈمىتى ئامالسز <<ئۆزىنى تىچلاندۇرۇش ئوكۇلى>> ئۇرۇشقا باشلىدى.ختتاينىڭ مەزكۇر باياناتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا جەمىيەتكە ،ئىچكى قسمىغا ،ختتاي خەلقىگە ،ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قىرغىن قىلىشقا قارىتا بىزگە ناھايتى كۆپ ئۇچۇر بىرىدۇ.تەقدىرىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقىمىزنىڭ ختتاينىڭ باياناتىنى ئۆز ئەقلى ۋە تۇيغۇسى بىلەن چۇشىنىشى ئۇچۇن ختتاينىڭ ئۆز ئاخبارات ئۇسلۇبىدا ئەينەن تەرجىمە قىلىندى.خەلقىمىزنى داۋاملىق <<ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتى>>نىڭ مۇھىم بىر قسمى بولغان <<ئۇيغۇر-ئاخبارات ئۇرۇشى>>غا ئاكتىپ قاتنىشپ خەلقئارادا ختتاينى يېتم قالدۇرۇش ،قىرغىنچلىق سياستىنى توختىتىش ئۇچۇن بىر كىشلىك ھەسسە قوششنى ئۇمىد قىلىمەن.
‎ماقالە ئىلان قىلىنغان ۋاقىت :2018-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى
‎ئىلان قىلغۇچى:ختتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتى (ختتاي كوممۇنستىك پارتىيسى ئورگان گېزىتى -جۇڭگو گېزىتى ئاستىدىكى سياسى تەشۋىقات قورالى )

‎ختتاي باياناتىنىڭ تېكستى:
‎يېقىندىن بىرى ،ئامېرىكا ۋە غەرپ سياسەتچىلىرى ،تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ شنجاڭنى ئىدارە قىلىشغا قارىتا توختىماي كۈچەپ
‎ھۇجۇم قىلدى ، ئۇلار «شنجاڭ ئنسانى ھوقۇققا زور كۆلەمدە دەخلى تەرۇز قىلماقتا »دەپ تەشۋىق قىلىپ ،يالغاندىن شنجاڭ «ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندى »دەپ بىلجىرلاپ ،شنجاڭنىڭ ئشلىرىغا ئارىلاشماقچى ،شنجاڭنى ئىدار قىلىشمىز ئۇچۇن ئاۋارىچىلىق تېرىماقچى ،شنجاڭدا ئاران ئەمەلگە ئاشۇرغان مۇقىم ۋەزىيەتنى قايتىدىن قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنماقچى بولۇۋاتىدۇ.
‎ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغاندەك ،ئالدىنقى يىللاردا ،شنجاڭدا ئارقىمۇ -ئارقا ئىغىر زوراۋان تىرورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى ،رادىكال ئىدىيە ئەۋج ئالدى ،بەزى ياشلارنىڭ كاللىسى يۇيۇلدى، ھەتتا ئۇلار زوراۋان تىرورچى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن كونتىرۇل قىلىندى.
‎بۇرۇن مەلۇم مەزگىل ئىچىدە ،پەقەت شنجاڭدىلا زوراۋان -تىرورچىلىق ۋەقەلىرى كۆپ يۈز بىرىپلا قالماي ،ئاز ساندىكى زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلار يەنە ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگىچە سوقۇنۇپ كىرىپ ،بىيجىڭ جىنشۇي «ئالتۇن سۇ كۆرۇكى »ۋە كۇنمىڭ پويىز ۋوگزالى قاتارلىق جايلاردا كىشنى شۈركەندۇرىدىغان تىرورلۇق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلدى.
‎يېقىنقى ئىككى يىلدا ،شنجاڭ ۋەزىيتىدە بۇرۇلۇش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى ؛بۇ پەقەت شنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سرتىدىكى جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىرورلۇق تەھدىتلىرىنى يوقىتىپ قالماي ،شنجاڭ ئىچىدىكى ئامانلىق ۋەزىيتىمۇ تۇپ خاراكتىرلىك ياخشلىنىشقا ئىرىشتى.
‎زوراۋان تىرورچى ئۇنسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى يەرگە ئۇرۇلدى ،تىچلىقپەرۋەر ئامما ئۇچرىغان زوراۋان تىرورلۇق ھەيۋىسى ئاساسى جەھەتتىن يوقىتىلدى ،پۇتۇن شنجاڭ مىقياسىدا ،تىچ ،مۇقىم بولغان ۋەزىيەت قايتا يارىتىلدى.
‎بۇ نەتىجىگە ئىرىشش ئۇچۇن ،پۇتۇن شنجاڭ جەمئىيتى بەدەل تۆلىدى ،ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىمۇ ئورتاق بەدەل تۆلىدى دېيشكە بولىدۇ ،چۈنكى پارتىيەنىڭ قەتئى رەھبەرلىكى بولغاچقا ،جۇڭگونىڭ كۇچلۇك دۆلەت كۈچى بولغاچقا ،يەرلىك كادىرلار مەسئۇلىيەتنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالالىدى ، شنجاڭ قالايمىقانچىلىق گىرۋىكىدىن قايتۇرۇپ كىلىندى ،شنجاڭ «جۇڭگودىكى سۈرىيە »ياكى «جۇڭگودىكى لېۋىيە »بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى .يۈز مىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىدىن ساقلىنپ قالدى ،سانسزلىغان ئائىللەر خانىۋەيران بولۇشتىن ئامان قالدى .بۇگۇنكى شنجاڭ ھەممە جايدا قۇياش نۇرى پارلىغان ،جەمىيەت قانۇن -تۇزۇم ۋە مىللەتلەر ئېتتپاقلىقىنى بويلاپ ئايلىنىدىغان ،ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەر ئەسلىگە كىلىپ جانلىنىۋاتقان ،كەلگۇسگە ئۇمىت بىلەن تولغان بىر جەمىيەت.
‎شۇنىڭدا شەك يوقكى ،شنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تىچ مۇقىم ۋەزىيتى يۇقىرى كۇچلۇك بېسملىق باشقۇرۇشنىڭ تۆھپىسدۇر ،شنجاڭنىڭ ھەر قانداق يېرىدە ماڭغاندا ،ساقچىلار ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچى پونكىتلارنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ ،بۇلار ئەسلىدىنلا شنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتى ئۇچۇن بىر تۇرلۇك ئەسلەتمە ! بىراق بۇ شنجاڭنى تىچ ،گۇللەنگەن قىلىپ قايتا قۇرۇپ چېقىشتا چوقۇم بېسپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئالاھىدە ھالەت باسقۇچى ،بۇنىڭدىن كىينكى كەڭرى ۋە بوش باشقۇرۇلىدىغان باسقۇچقا ئۆتۈشتىكى بېسشقا تىگشلىك پەللە.
‎غەرپتىكى بەزى كۈچلەر نۆۋەتتىكى شنجاڭنى ئىدارە قىلىش سياستىنى قارىلىدى ،ينىكرەكنى ئىيتقاندا ،ئۇلار نىرىدە تۇرۇپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىدى ،ئىغىرراقىنى ئىيتقاندا ،ئۇلار شۇم نىيەت بىلەن شنجاڭدىن بىر قۇسۇر تاپماقچى بولدى ،ئۇلارنىڭ مەقسدى ،تاشقى بېسم ئارقىلىق شنجاڭ جەمئىيتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىدارە قىلىشتىكى ئىدىيۋى تونۇشقا قارىتا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ،شنجاڭدىكى كادىرلار ئاممىسنى قورقۇتۇپ ،شنجاڭنى ئىدارە قىلىش خىزمىتنى ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئىلىپ بىرىشقا توسقۇنلۇق قىلشتىن ئىبارەت.
‎كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى،غەرپنىڭ بۇ خىل جامائەت پىكرى بۇنىڭدىن كىين تېخىمۇ ئاشىدۇ،يەنە ئاشۇ خىل ئاشقۇن كۈچلەر بەزى بېسم چۈشۈرىدىغان يېڭى ھېلە-مىكىرلەرنى قوللىنىشى مۇمكىن .شۇڭا بىز شنجاڭنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىدە چەتئەل جامائەت پىكرى مۇھىتىنىڭ يەنە بىر قەدەم يامانلىششىغا ئىدىيۋى تەييارلىق قىلىشىمىز كىرەك.
‎شنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ئاممىسى ۋە پۈتۈن جۇڭگو جەمئىيتى ھەرگىزمۇ غەرپ كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە بېسمىنىڭ تەسرىگە قەتئى ئۇچرىماسلىقى كىرەك،شنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى تىچ مۇقىم ۋەزىيتىنى ساقلاپ قىلىش ئۇ يەردىكى ھەر مىللەت خەلقى ۋە پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ.شنجاڭ ۋەزىيتىنىڭ ئەمەلىيەت جەھەتتە ياخشىلىنىشى ۋە يەرلىك خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى قوغداش بىلەن سىلىشتۇرغاندا،غەرپنىڭ ھەر قانداق سۆزى ئوسۇرۇققا تەڭ،بىز غەرپنىڭ ئوڭ-تەتۈر سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ھەيۋەتلىك نوپۇز ھازىرلىشمىز كىرەك.
‎شنجاڭ ۋەزىيتىنىڭ بۇرۇلۇش خاراكيتىرلىك ياخشىلىنىشى غايەت زور تىراگىدىيەدىن ساقلىنىپ قالدى،سانسزلىغان ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قالدى،بۇنىڭدا ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ قانۇنچىلىق چوڭ دۆلىتى بولغانلىقى ۋە كومپارتىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشنىڭ تۆھپىسى زور،غەرپ تەشۋىق قىلغان ئۇ خىل قىلتاق نۇرغۇن مىللەت،دۆلەت ۋە رايوننى ۋەيران قىلدى،غەرپنىڭ ئۇ خىل يامان غەرەزلىك شامىلى شنجاڭدا ۋەيران قىلىش خاراكتىرلىك يۇقۇملىنىش پەيدا قىلغاندا،دۆلىتىمىزنىڭ كەسكىن تەدبىر خاراكتىرلىك چەكلىمىسگە دۇچ كەلدى.
‎شنجاڭ ئالاھىدە باسقۇچتا تۇرىۋاتىدۇ،شنجاڭدا غەرپنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتىرلىك جامائەت پىكرىگە ئورۇن يوق.بىز غەيرەت -جاسارەت بىلەن قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ چەتئەل كۈچلىرىنىڭ شنجاڭدىكى تۈرلۈك سېڭىپ كىرىشلىرىنى پاك-پاكىز تازىلىشىمىز كىرەك.شنجاڭنىڭ تىچ-مۇقىملىقى ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىمدۇر،مۇشۇ بىر نشان ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى ئشلىتىشكە بولىدۇ،ئۇنۇمى ياخشى بولغانلىرىنى خۇلاسلەپ كىڭەيتىش كىرەك.بىز بىر خىل ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشىمىز كىرەك:<<شنجاڭدا قايتا مالىمانچىلىق چىقارماسلىق ئەڭ چوڭ ئنسانى ھوقۇقتۇر >>!
‎شنجاڭنىڭ جۇڭگونىڭ زېىمىنى،ئۇ يەرگە جۇڭگو كومپارتىيسى رەھبەرلىك قىلىدۇ،بۇ يەردە جۇڭگو قانۇنىنى ئىجرا قىلىدۇ.ھەرقانداق ئادەم ئېنىق بىلىۋالسۇن،كىمكى شنجاڭدا زوراۋانلىق قىلىپ قارشلىشىدىكەن،ئۇنىڭغا پەقەت ئۆلۈملا بار،مەيلى غەرپ كۈچلىرى بولسۇن ياكى ئوتتۇرا شەرق كۈچلىرى بولسۇن ھەممىسى يارىمايدۇ،شنجاڭنىڭ بىردىنبىر چېقىش يولى مىللەتلەر ئېتتپاقلىقىدۇر.مۇشۇنداق قاراشنى شنجاڭنىڭ ئاساسى قاتلامغىچە ئومۇملاشتۇرۇش كىرەك،پۈتۈن شنجاڭ جەمئىيتى بۇنىڭغا قەتئى تەۋرەنمەستىن ئشىنىشى كىرەك،شۇنداق بولغاندىلا رادىكاللىق پۈتۈنلەي بېتچىت بولىدۇ.
‎شنجاڭنى بۇ خىل ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى-پۈتۈن جۇڭگونى ئىدارە قىلىشتىكى بىر جەڭ،پۈتۈن جۇڭگو خەلقى شنجاڭدا ئالدىنقى سەپتە كۆرەش قىلىۋاتقان كادىر ئاممىسنى قەتئى ھىمايە قىلىشى كىرەك،تولۇق چۈشىنىشى كىرەك،ئۇلارنى كەچۇرۇشى كىرەك،ئۇلاردىن ئاغرىنماسلىقى،ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىقى كىرەك،بولۇپمۇ غەرپنڭ چۈشۈرگەن بېسم ھەيۋىسگە ياردەم بەرمەسلىكى كىرەك.دەل ئەكسچە،بىز شنجاڭغا كۆپرەك ساياھەتكە بىرىشمىز،شنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كۆپرەك ئستمال قىلىشىمىز ۋە قۇربىمىز يېتىدىغان ئشلار بىلەن شنجاڭنى مۇقىم ئىدارە قىلىش نەتىجسگە پايدىسى بار
‎ئشلارنى قىلىشىمىز كىرەك،شنجاڭنىڭ ئاستا-ئاستا يۇقىرى بېسملىق ھالەتتىن نورمال ھالەتكە ئۆتۈشىگە تۆھپە قوشۇشىمىز كىرەك.

 

Share
1171 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.