ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
يېقىندا ئۈندىدار ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە خاڭجۇ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلارغا چۈشۈرگەن بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشى تارقالغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە: «شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار بايقالغان ھامان شۇ يەردىكى يەرلىك ساقچىخانىغا بىۋاسىتە مەلۇم قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈش ئارقىلىق سالاھىيىتى ئېنىقلانسا مەلۇم قىلغۇچىغا 500 سوم مۇكاپات بېرىلىدۇ،» دېيىلگەن.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە، كوچىدا پىچاق تۈرىدىكى تىغلىق ئەسۋاب، چاقماق، ئاسان ئوت ئالغۇچى بۇيۇم ساتقانلار، ئالاھىدە كېسەللەر ۋە ئىقتىسادىي ماجىراغا چېتىلغان ئەرزدارلار بايقالسىمۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىش لازىملىقى ئۇقتۇرۇلغان.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا خاڭجۇدا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان «20 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىنى بىخەتەر ۋە تىنچ ئۆتكۈزۈشكەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقى بىلدۈرگىنىڭ چىقىرىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
رادىيومىز توردا تارقالغان مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى دەلىللەپ كۆرۈش ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن خاڭجۇ شەھىرىدىكى ساقچىخانىلار بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدى.
ھالبۇكى، خاڭجۇدىكى بىز ئالاقىلەشكەن ساقچىخانىلار بىلەن ئاھالىلەر كومىتېتى بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda-uyghur-08012016143050.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.