logo

trugen jacn

خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى ھەققىدە توختالدى

UYGUR (4)

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تىنچ يول بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن 2014-يىلى 9-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ «يولۇم ۋە غايەم» ناملىق كىتابى ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشردىن چىقتى. كىتابقا ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر بىز تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىقلاردىكى سۆھبەت خاتىرىلىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ تۈركچە نەشرى ۋە تەرجىمىسىگە تۈركىيەدىكى  خامىت كۆكتۈرۈك، ئالىمجان ئىنايەت قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئەمگەك سىڭدۈرگەنلىكى مەلۇم. ئىلھام ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلغان زىيالىيلاردىن خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەر، نەشر قىلدۇرۇشتىكى مەقسەت ۋە كىتابنىڭ تۈركىيەدە قوزغىغان تەسىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.

دۈشەنبە كۈنى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى ماقالىلىرىدىن تاللىنىپ، تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئىستانبۇلدىكى دوغان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «Yolum Ve Gayem – Uygur Türkleri Ve Çin Meselesi» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىنى 5-سېنتەبىر شەنبە كۈنى قولىغا تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خامىت كۆكتۈرۈك ئەپەندى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئۆز ماقالىلىرىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسەت ۋە نامدا ئاپتونومىيە تۈزۈمى دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمىغان رېئال ۋەزىيەتنى ئەمەلىي مىساللار، ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي-ھەق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خامىت ئەپەندى يەنە ئىلھام توختىنىڭ ماقالىلەر توپلىمىدىن تەركىب تاپقان كىتابنىڭ تۈركىيەدە تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقىش كۈچىيىۋاتقان تۈركىيەدە تەسىر قوزغىشى مۇمكىنلىكىنى؛ بۇ كىتاب تۈرك خەلقىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇتۇشىتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ ماقالىلىرى ئىنگلىز تىلى، خىتاي تىلى ۋە ئەرەب تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇر بىز تورى قاتارلىقلاردا ئېلان قىلغان ماقالە، ئەسەرلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە سۇنغان تەكلىپ پىكىرلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، فىرانسىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى دەۋرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەۋجۇت ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان. بۇ سەۋەبتىن 2014-يىلى 15 يانۋار كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش» جىنايەتلىرى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئىلھام توختى ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش چاقىرىقى كۈچلۈك بولدى. 2014-يىلى 9-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان قىزى جەۋھەر ئىسپات بەردى، 2014-يىلى 5-ماي كۈنى نېيۇيوركتا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېرىلگەن «بار-بارا گولدسمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى» نى ئۇنىڭ قىزى جەۋھەر دادىسىغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋالدى. 2014-يىلى 31-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدە ئىلھام توختى ئەپەندىگە يەنە «تۈرك دۇنياسى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. نۆۋەتتە ئىلھام ئەپەندى ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالى يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-09072015152442.html

Share
1440 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.