logo

trugen jacn

خالىس فوندى جەمئىيىتى نىڭ قۇرغۇچىسى ئابلىمىت خالىس ھاجى تۇتقۇن قىلىنغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تونۇلغان مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى ۋە «خالىس فوندى جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئابلىمىت ھوشۇر خالىس ھاجىمنىڭ خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى بىلدۈرىلدى. ئۇ خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنى، زىيالىيلىرىنى، دىنىي ئۆلىمالىرىنى ۋە ھوقۇقدارلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا، تەربىيەلەش مەركەزلىرىگە ياكى تۈرمىلەرگە قاماشقا باشلىغاندىن بېرى تۇتقۇن قىلىنغان قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان يەنە بىر تونۇلغان ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى.

خالىس ھاجىمنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 65 ياشلىق ئابلىمىت خالىس ھاجىم بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئاۋۋال خىتاي دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، غۇلجىغا ئېلىپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە خالىس ھاجىمنىڭ تىجارەتچى ئىنىسى ئابدۇرېشىت ھاجىم، ئۇنىڭ ئاتۇشلۇق شېرىكى ۋەلى ھاجىم ۋە ھېمىتجان ئىسىملىك قەشقەر بەشكېرەملىك تىجارەتچى تەڭ تۇتقۇن قىلىنغان. ئابدۇرېشىت ھاجىم بىلەن ۋەلى ھاجىم ئۈرۈمچىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رېستورانى -مىراج رېستورانىنىڭ ئىگىلىرىدىن بولۇپ، بىز چارشەنبە كۈنى بۇ رېستورانغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ھېچكىم ئالمىدى.

خالىس ھاجىمنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئانا بىر ئىنىسى ئەركىن موللائەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابلىمىت ھاجىم 20 نەچچە يىل ئاۋۋال «خالىس فوندى جەمئىيىتى» قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەرىپەت ئىشلىرىغا ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، بۇ يىل 63 ياشلاردىكى ئاكىسى ئابدۇرېشىت ھاجىم بىلەن ئۇنىڭ شېرىكى ۋەلى ھاجىمنىڭ «خالىس فوندى جەمئىيىتى» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇنىڭغا چېتىشلىق، دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بۇ قېتىم لېكىن، ھېمىتجان ھاجىملارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى، بۇ ئۈچەيلەننىڭ ئۈز ۋاقتىدىكى «خالىس فوندى جەمئىيىتى» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن: «بۇ خەۋەرنىمۇ بىز ئۇقمىغان، بىر يىلدەك بولدى، بىز گەپ قىلىشالمايۋاتىمىزغۇ تېلېفون بىلەن. يېقىندا بىزنى بىلىدىغان، بىزنىڭ ئاكىلىرىمىزنى تونۇيدىغان تۈركىيەدىكى بىر قېرىندىشىمىز غۇلجىغا بېرىپ بىر ئاي تۇرۇپ كەپتۇ. ئاكىلىرىمنى تۇتۇپ كەتكەنلىكىنى شۇ قېرىندىشىمىز ئارقىلىق ئاڭلىدۇق. ئاڭلىغىنىمنى 2 ھەپتە بولدى».

مۇخبىر: «تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋاقتىچۇ؟ تۇتۇلغان ۋاقتى قاچانكەن؟»

ئەركىن: «تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋاقتى تەخمىنەن 2 يېرىم ئاي بولغان ئوخشايدۇ. ئۈرۈمچىدىن تۇتۇپ ئەكىتىپتۇ. ئابدۇرېشىت ھاجىم ‹مىراج›دېگەن ئاشخانىنى ئاچقان ئۇ ئاكىمىز. ۋەلى ھاجىم دېگەن شۇ ئاشخانىنىڭ شېرىكى، ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ شېرىكى. ئۇلارنىڭ فوندى جەمئىيەت بىلەنمۇ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق، ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاتۇشتا تۇراتتى. بۇ قېتىم شۇنىڭغا باغلاپ ئابدۇرېشىت ھاجىم، ۋەلى ھاجىم، ئابلىمىت ھاجىم خالىسنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېمىتجان، دەپ بەش كېرەملىك بىر بالا بار ئىدى، ئاكىلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى بار، شۇلارنى تۇتۇپ غۇلجىغا ئەكىتىپتۇ، ئاڭلىغان خەۋىرىمىز شۇ بولدى».

مۇخبىر: «ئۇنى رەسمىي ساقچىلار تۇتۇپ كەتكەن گەپمۇ ياكى ئىجتىمائىي رايوندىكىلەر تۇتۇپ، «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كەتكەنكەنمۇ؟ بۇ توغرىسىدا خەۋەر بارمۇ؟»

ئەركىن: «ئۇنى ساقچىنىڭ كۈچلۈك ئورگانلىرى تۇتۇپ كېتىپتۇ. ‹گوباۋ›، دېگەن دۆلەت ئامانلىق ئەترىتى. تۆھمەت چاپلىغانلارنى شۇلار تۇتىدىكەنغۇ. ئادەتتىكى يىغىۋېلىشقا مەھەللىنىڭ ساقچىلىرى ئېلىپ كېتىدىغان ئوخشايدۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە ‹گوباۋ دادۈي›، دېگەن شۇلار تۇتۇپتۇ».

بىز چارشەنبە كۈنى خالىس ھاجىم، ئابدۇرېشىت ھاجىم ۋە ۋەلى ھاجىمنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيى تۇرۇشلۇق رايوندىكى غالىبىيەت يولى ساقچىخانىسى، ئابلىمىت خالىس ھاجىمنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيى تۇرۇشلۇق رايوندىكى دۆڭمەھەللە ۋە ئۈچ دەرۋازا ساقچىخانىلىرىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈردۇق. لېكىن، ساقچىلار ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى. ئۈچ دەرۋازا ساقچىخانىسىنىڭ بىر نۆۋەتچى خادىمى، «بۇ ئىشنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار. بۇ ئىشلار سەن سۈرۈشتۈرىدىغان ئىشلار ئەمەس. مەن بۇ ئىشنى بىلمەيمەن. مەن سەن دېگەن ئۇ ئادەمنىمۇ تونۇمايمەن. بۇ ئىشلارنى ساڭا دېسەم بولمايدۇ. ئەگەر سۈرۈشتۈرىمەن دېسەڭ ساقچىخانىغا كەل، تېلېفوندا سورىما» دېدى.

دۆڭمەھەللە ساقچىخانىسىنىڭ نۆۋەتچى خادىمى، ئۇ تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي رايونغا تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ستالىن كوچا ئىش باشقارمىسىغا تېلېفون قىلساق، مەزكۇر باشقارمىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى تېلېفونىمىزنى ئېلىپ:«بۇنداق ئىشلارنى ئۆزىڭىز كېلىپ سۈرۈشتۈرىڭ. تېلېفوندا سىزنىڭ كىمنى سۈرىشتۈرىۋاتقانلىقىڭىز ئايدىڭلاشمايدۇ. بىزنىڭ بۇ رايوندا نەچچە ئون مىڭ ئاھالە ياشايدۇ. مەن سىز سورىغان ئادەمنى قانداق تونۇپ بولىمەن؟. ھەرقانداق ئىشىڭىز بولسا كېلىپ سوراڭ» دېدى.

ئابلىمىت خالىس ھاجىم 1990‏-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا غۇلجىدا «خالىس فوندى جەمئىيىتى» نى قۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور تەسىر قوزغىغان شەخس. غۇلجىدىكى ھەر قايسى ساھە كىشىلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر فوند مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئەلا ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرىغا مۇكاپات بېرىش، چەتئەلگە ئوقۇغۇچى چىقىرىشتەك نۇرغۇن خالىس خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى 1997‏-يىلى غۇلجىدا يۈز بەرگەن «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، بۇ جەمئىيەتنى تارقىتىۋەتكەن. ئۇنىڭ مال-مۈلكى ۋە پۇلىنى توڭلىتىپ، جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىنى تەقىب ئاستىغا ئالغان ئىدى.

ئەركىن موللائەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم ئابلىمىت خالىس ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىشىدىكى سەۋەب فوندى جەمئىيەتنىڭ شۇ چاغدا قېلىپ قالغان پۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

ئەركىن: «ئابلىمىت خالىس ھاجىم شۇ چاغنىڭ شارائىتىدا 400 مىڭ سوم پۇلنى ئوتتۇرىغا قويغان. نەق مەيداننىڭ ئۆزىدە ئابلىمىت ھاجىمنىڭ پۇلىدىن باشقا بىر مىليون 200 مىڭ يۈەن پۇل توپلاندى. شۇ پۇلغا غۇلجا شەھىرىدىن ئەخمەتجان كوچا ۋە ئوبلاستلىق ساقچىنىڭ ئالدىدىكى كوچىدىن جەمئىيەتنىڭ نامىغا 12 دۇكان سېتىۋالغان. كېيىن ھۆكۈمەت دۇكانلارنى مەجبۇرىي ساتقۇزىۋېتىدۇ. لېكىن، كېيىنكى ۋاقىتتا دۇكان جىق پۇلغا ياراپ شۇ پۇلغا قاشتېشى ئېلىپ ساقلاپ قويۇپتىكەن. بۇ قاش تېشى ناھايىتى جىق پۇل بولۇپ كېتىپ شۇ پۇلنى ساقلاپ قويۇپتىكەن. مانا قېتىم ئاشۇ پۇلنى تارتىۋالىمىز، دەپ قەستەن تۇتقان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلايمەن. مەن 2013‏-يىلى بارغاندا قاش تېشى ئېلىپ قويۇپ ناھايىتى نۇرغۇن پۇل بولۇپ قالغانلىقىنى دېگەن ئىدى. ئۇ پۇلنى ساقلاپ قويۇپتىكەن.»

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىدە بايلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئۇيغۇر ھوقۇقدارلار ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلانغان. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە بىر مىليوندەك كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، 2 مىليوندەك كىشىنىڭ قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىنىدا، خىتاينىڭ بۇ لاگېرلارغا چۈشەنچە بېرىشى تەلەپ قىلىنغان.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/xalis-fondi-08152018172210.html

Share
1479 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.