logo

trugen jacn

جەۋھەر: خەلقئارانىڭ دادامنى ئۇنتۇماسلىقىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن

 

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزى جەۋھەر ئامېرىكىغا كېلىپ 1 يىل بولغان خاتىرە كۈن، شۇنداقلا دادىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 19-كۈنى بۇ سۈرەتكە چۈشۈپ، تورداشلارنى ئىلھام ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان. 2014-يىلى 2-فېۋرال، ئامېرىكا.

ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قىزى جەۋھەر ئامېرىكىغا كېلىپ 1 يىل بولغان خاتىرە كۈن، شۇنداقلا دادىسى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 19-كۈنى بۇ سۈرەتكە چۈشۈپ، تورداشلارنى ئىلھام ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشكە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان. 2014-يىلى 2-فېۋرال، ئامېرىكا.

Ilham toxti ependining qizi jewher teminligen

ئۆتكەن ھەپتە شىۋېتسارىيىنىڭ پايتەختى جەنۋەگە بېرىپ دادىسى ئىلھام توختىغا ۋاكالىتەن مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان جەۋھەر، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

جەۋھەر ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ئۈچۈن سۆزلىگەن دادىسى ئىلھام توختىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارىلىشى بىلەن ناھەق تۈرمىدە يېتىۋاتقان دادىسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

17-ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسارىيەدىكى ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن جەۋھەر رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

مۇخبىر: مۇبارەك بولسۇن جەۋھەر! دادىڭىز ئىلھام توختى 2016-يىللىق مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. سىز دادىڭىزغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدىڭىز، سىزنى تەبرىكلەيمەن!
جەۋھەر: رەھمەت سىزگە، رەھمەت!

جەۋھەر بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭدا تۇغۇلۇپ 18 ياشقىچە بېيجىڭدا پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپىدا تەربىيە ئالغان جەۋھەرنىڭ، ئامېرىكىغا كەلگەن ئۈچ يىل جەريانىدا ئەسلىدىكى ئائىلىدە سۆزلىنىدىغان ئاددىي ئۇيغۇر تىلىنى تېخىمۇ بېيىتقان ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكى مەلۇم بولدى.

جەۋھەر بۇ مەۋسۇمدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىنى مۇنتىزىم ئۆگىنىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، جەۋھەر بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز راۋان ئۇيغۇر تىلىدا داۋاملاشتى.

مۇخبىر: جەۋھەر، دادىڭىزغا ۋاكالىتەن مارتىن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىڭىزدىكى سۆزلىرىڭىزنى بىز ئاڭلىدۇق. ئىنگلىز تىلىدا دادىڭىزدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىڭىزنى سۆزلىدىڭىز، ئەينى چاغدا نېمىلەرنى ئويلىدىڭىز؟ قانداق ھېسسىياتتا بولدىڭىز؟
جەۋھەر: دادامغا مارتىن ئەننالىس مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىدىن شۇنداق خوش بولدۇم ۋە دادامدىن پەخىرلەندىم. چۈنكى، دادامغا بۇ مۇكاپاتنىڭ بېرىلىشى دۇنيانىڭ دادامنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى. دادامنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمىتى دۇنيادا ئېتىراپ قىلىندى، مەن مانا مۇشۇنىڭدىن خوش بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ ئىلھام توختىنىڭ قىزى بولغىنىمدىن پەخىرلەندىم!

مۇخبىر: سىز، شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە دادىڭىزغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالغان ۋاقتىڭىزدا، دادىڭىزنىڭ ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى چۈشەنگەنلىكىڭىزنى ۋە شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتتىڭىز، دادىڭىز بىلەن بىللە ياشىغان چاغلىرىڭىزدا يەنى كىچىك چېغىڭىزدا دادىڭىز ئىلھام توختىنىڭ سىزگە ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان ئىشى قايسى؟
جەۋھەر: دادامنىڭ ماڭا قالدۇرغان ئەڭ چوڭ تەسىرى، ئۇنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكى. مەن ئادەم بولۇش ئەخلاقىنى دادامدىن ئۆگەندىم دېسەممۇ بولىدۇ. كىچىك چېغىمدا دادام بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغىمۇ، خەنزۇلارغىمۇ ياردەم قىلاتتى. كىچىك چاغلىرىمدا دادام پات-پات ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيگە ئەكىرەتتى، ئۇلارغا تاماق بېرەتتى، كىيىملىرىنى بېرەتتى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم ئۆيىمىزگە كىرىپ تاماق يېگەنلىكىنى كۆرەتتىم. دادام يەنە ھېيت، بايراملاردا ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، قىينىلىپ قالغان ئوقۇغۇچىلارغا تاماق يەڭلار دەپ ھېيتلىق بېرەتتى، پۇل بېرەتتى. ئوقۇغۇچىلار دادامنى بەك ياخشى كۆرەتتى، داداممۇ ئوقۇغۇچىلىرىغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ھەتتا بېيجىڭدا كوچىدا ئۇچرىغان ئۇيغۇر موماينىمۇ ئۆيگە ئەكېلىپ، ئۇنىڭغا تاماق بېرىپ، ياردەم قىلغان ئىدى. مەن مۇشۇلارنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇم.

مۇخبىر: كېيىنكى چاغلاردا دادىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەۋاتقىنىنى، ماقالە يېزىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىكىڭىزنى بىلدۈرگەن ئىدىڭىز. كىچىكىڭىزدە دادىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىنى بىلەتتىڭىزمۇ؟ قاچاندىن باشلاپ دادىڭىزنىڭ ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئەھمىيىتىنى چۈشەندىڭىز؟
جەۋھەر: كىچىكىمدە دادامنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. لېكىن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن دادامنىڭ تىلى ۋە قەلىمى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدىم. دادام ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ۋە باراۋەرلىك تەلىپىنى تىنچلىق يولى بىلەن ئاڭلىتىشقا بېغىشلىدى. مەن كىچىكىمدە بېيجىڭدا ياتاقلىق مەكتەپتە خىتايچە ئوقۇغان، ئۇ چاغلاردا دادامنىڭ ئىشلىرىنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم. بولۇپمۇ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدىن دادامنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى بىلدىم، دادام ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەرلەردىن دادامنى چۈشەندىم دېسەممۇ بولىدۇ. بۇ مەۋسۇمدىن باشلاپ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئالغان دەرسلىرىم ئىچىدە ئۇيغۇر تىلى دەرسىمۇ بار. مەن ھازىر ئۇيغۇرچە يېزىش ۋە ئوقۇشنى ئۆگىنىۋاتىمەن. بۇ قېتىم جەنۋەگە كەتكەن چېغىمدىمۇ ئوقۇتقۇچىم ماڭا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ دادام ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە خەۋەرلىرىنى تاپشۇرۇق قىلىپ بەردى. مەن ھازىر بۇ خەۋەرلەرنى ئوقۇيمەن ۋە ئاڭلايمەن. مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرچەمنى ياخشىلاپ دادامنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشكە ۋە چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن.

مۇخبىر: دادىڭىز تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنكى ئەھۋالىنى ئۇقتىڭىزمۇ؟ ھازىر قانداق تۇرۇۋېتىپتۇ؟
جەۋھەر: دادامنىڭ ئەھۋالىنى بەك جىق ئۇقمايمەن. دادامنىڭ ئەھۋالىنى گۈزەلنۇر ئاچامدىن ۋە دادامنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئۇقتۇم. گۈزەلنۇر ئاچامنىڭ دېيىشىچە، دادامنىڭ كەيپىياتى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىكەن، ئانچە ناچار ئەمەس ئىكەن. ئەمما بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئورۇقلاپ قاپتۇ، چاچلىرىمۇ ئاقىرىپ قاپتۇ.

مۇخبىر: بېيجىڭدىكى گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئىككى ئۇكىڭىز ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ سىز ئۇلار بىلەن تېلېفونلىشالامسىز؟
جەۋھەر: گۈزەلنۇر ئاچام بىلەن تېلېفونلىشالمايمىز، لېكىن ئىنتېرنېت ئارقىلىق بەزىدە پات-پات پاراڭلىشىپ تۇرىمىز. گۈزەلنۇر ئاچام ھەر 3 ئايدا دادامنى يوقلاپ كېلىدۇ. ھەر قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ماڭا دادامنىڭ ئەھۋالىنى دەپ بېرىدۇ.

مۇخبىر: باشقىلاردىن ئاڭلىساق، گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئۇكىلىرىڭىز ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپتۇ، بۇنىڭدىن سىزنىڭ خەۋىرىڭىز بارمۇ؟
جەۋھەر: ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھازىرچە گۈزەلنۇر ئاچامنىڭ 3000 سوم پۇلى ئۆينىڭ تامىقىغا يېتىدىكەن. ئەمما، ھەر ئۈچ ئايدا ئۈچ ئادەمنىڭ ئايروپىلاندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۈرمىدىكى دادامنى كۆرۈشىگە 10 مىڭ سوم كېتىدىكەن. بۇ پۇل ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا گۈزەلنۇر ئاچام ۋە ئىككى ئۇكام دادامنى ۋاقتىدا بېرىپ يوقلىيالمايۋاتىدۇ.

مۇخبىر: گۈزەلنۇر خانىمغا ۋە ئۇكىلىرىڭىزغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟ جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا رۇخسەت قىلامدۇ؟
جەۋھەر: مېنىڭچە، بۇنىڭدىن كېيىن رۇخسەت قىلىپ قالار دەيمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بەلكىم ئائىلىمىزنىڭ بانكا كارتىدىكى توڭلىۋېتىلگەن پۇللىرىنىمۇ قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن.

مۇخبىر: سىز خەلقئارانىڭ دادىڭىز ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشىنى ئارزۇ قىلىسىز؟
جەۋھەر: دۇنيا خەلقىنىڭ دادامنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، دادام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىشلىدى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتنى سۆزلىدى. شۇڭا دۇنيا خەلقنىڭ بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مۇخبىر: خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نېمىلەرنى كۈتىسىز ۋە تەلەپ قىلىسىز؟
جەۋھەر: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چوقۇم دادامغا ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك. دادامغا ئەركىنلىك بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دادام خاتا ئىش قىلمىدى. دادام ھەرقانداق خاتا ئىش قىلغىنى يوق. دادام پەقەت تىلى ۋە قەلىمى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلدى. ئۆز خەلقى ئۇيغۇرلارغا باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى. دادام گۇناھسىز. مەن مۇشۇنداق بىر دادام بولغىنىدىن پەخىرلىنىمەن. شۇڭا مەن خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دادامغا ئەركىنلىك بېرىشىنى ئۇنى تۈرمىدىن ئازاد قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

مۇخبىر: رەھمەت سىزگە جەۋھەر

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-10182016132210.html

Share
1262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.