logo

trugen jacn

جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلار

 

 

جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلار

ئاپتورى: كاسسىنى

دېكتور: پەرىزات غەيرەت

1-ئۆمەر قاناتنىڭ تارىخى تۈزۈتۈشى

(ئىلاۋە:1-نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللى كېڭىشىنى مىيۇنىخىن ئۇچۇرشىشى دەپ ئېشلەتتىم.)

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىز 3-قېتىملىق تارىخى يۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى بىر پۇتى يوق يوغان ئورۇندۇقنىڭ ھەيكىلى ئاستىغا مۇۋەپەقىيەتلىك يىغىلدۇق.
بۇ كۈنى خۇددى شىمالى ئامېركىدىكى 10 مىڭلىغان كىرال كېپىنەكلەرنىڭ، قىشنى ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر بۇيرۇق بىلەن مىكسىكىدىكى بىر ئورمانلىققا قاراپ ئۇچقىنىغا ئوخشاش، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۇيغۇرلار جەنۋەدە كۆرۈشەيلى دىگەن بىر بۇيرۇق بىلەن ‘ پۇتى يوق ئورۇندۇق’ نىڭ ئاستىغا كېلىپ توپلاندۇق. ئەلبەتتە مەخسىدىمىز ، نىشانىمىز غايىمىز كىرال كېپىنەكلەرنىڭ توپلىنىشى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . كىرال كېپىنەكلەر رەھىمسىز قىشتىن ساق سالامەت چىقىپ باھارغا ئۇلۇشۇش ئۈچۈن ھەر يىلى مىكسىكىدىكى كونا جايدا ئۇچۇرشايلى دەيدۇ بىر بىرىگە ، خۇددى يەھۇدىلار ئېررۇسالىمدا كۆرۈشەيلى دىگەندەك. گەرچە ئۇيغۇرلار بىر نۇقتىدا كۇرۈشۇش، بىر نىشانغا قاراپ يۈرۈش دىگەنلەرنى كىرال كېپىنەكلەردەك ياخشى بىلمىسىمۇ ئەمما ئەمدىلەتىن ئۈگىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغىمۇ ئاللاغا سۈكرى دىيىش كېرەك. ئەسلىدە كىرال كېپىنەكلەر بىلەن بەزى ئوخشاشلىقلىرىمىز بارمۇ قانداق؟ ئۇلار ئىنسانلارغا بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈتىۋاتقاندەك.
ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۈرۈش مېڭىش ئەمەس، ئورۇقلاش ئۈچۈن كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى كوچا ئارىلاش ئەمەس . بىر نۇقتىن 2- بىر نۇقتىغا كېلىش ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۈرۈش كىلەچەك تەغدىرى ھەققىدە، مەۋجۈت بولۇش بىلەن يوق بولۇشتىن ئىبارەك بۇ پىلسىرات كۆۋرۈگىدىن ئۆتۈشكە چارە ئىزدەش، ئۈمۈت نۇرى ئىزدەش.
يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۈرۈش بىر بىر قۇتۇپتىن 2- بىر قۇتۇپقا سەكرەش ئەمەس. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يۈرۈشنىڭ مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئەھمىيەتلىك. ئۇ بولسىمۇ، يېپ-يېڭى بىر نەرسە يارىتىش. مەسىلەن قانچە يۈز يىللار چوڭقۇر تاغ قاتلاملىرى ئاستىدا ئىچى سىقىلغان ماگمىلارنىڭ ئاۋال پارتىلىشى، ئاندىن قىپ قىزىل چوغقا لاۋاغا ئايلىنىپ ئاستا ئېقىشى، ئاندىن دېڭىزلارغا ئوكيانلارغا قۇيۇلۇپ چەكسىز كەتكەن، تىنىچ، شاۋقۇن سۈرەنسىز ئوكيان ۋە دېڭىزلاردا ئارال دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر نەرسە پەيدا قىلىشىغا ئوخشاش. گەپ ئۇيغۇرلار لاۋا بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل، ئۇزۇن مۇساپىلەردە سەبىر بىلەن ئاقالامدۇ؟ دېڭىزلارغا قۇيۇلۇپ دۇنيا خەرىتىسىدە يېڭى ئۆزگۈرۈشلەر ھاسىل قىلالامدۇ يوق.

ناسا 1977-يىلى سەپەرچى 1 ۋە سەپەرچى 2 ناملىق بىر ئۇچار جىسىمنى دۇنيادىكى 55 تىلدا سالاملاشقان ئاۋاز ئېلىنغان ئالتۇن پىلاستىنكا بىلەن ئالەم بوشلۇغىغا قوئۇۋەتتى. بۇ سەپەرچىلەر ئالەم بوشلۇغى ۋە سامان يولى سىستىمىسىدا يەر شارىدىكى 55 مىللەتنىڭ تىلىدا سالام قىلىپ، تاشقى پىلانىت ئادىمى ئىزلەپ يەنە بىر مەنىدىن ئېيتقاندا ئادەم بارمۇ؟ دەپ يۈرۈۋاتقىنىغا 41 يىل بولدى.ناسا سەپەرچى 1 ۋە 2 ناملىق بۇ ئۇچار جىسىم بىلەن بىللە يەنە يەر شارىدىكى ئىنسانلارغا ئالاقىدار نۇرغۇنلىغان رەسىملەر، مۇزىكىلار، بوۋاقلارنىڭ يىغلىغان ئاۋازلىرى قاتارلىقلارنىمۇ ئەۋەتتى. ئەمما 41 يىلدىن بۇيان پۈتۈن كائىنات سۈكۈتتە. ھىچكىم تېخى كائىناتتا مەنمۇ بار سېنىڭ قېشىڭدا دىگەن جاۋاپنى بەرمىدى.ناسا قويۇپ بەرگەن سەپەر 1 ۋە سەپەر 2 ناملىق ئۇچار جىسىملارنىڭ كائىناتقا شۇنداقلا سامانيولى سىستىمىسىغا قىلغان يۈرۈشى ئەلبەتتە، كائىناتنى ئايلىنىپ قويۇپ قايتىپ كېلىش ئەمەس بەلكى، يېڭى بىر نەرسە يارىتىش. ئۇيغۇرلار تەغدىر جەھەتتە يالغۇز قالغان سەپەر 1 ۋە سەپەر 2 لەرگە بەك ئوخشاپ قېلىۋاتىمىز. ئاۋازلىرىمىز، چوڭايتىلغان رەسىملىرىمىز، بايراقلىرىمىز، چۇقانلىرىمىز، يىغا زارىلىرىمىز بىلەن دۇنياغا “ئادەم بارمۇ؟ ياردەم كېرەك” دەپ ۋاقىرساقمۇ بىزگە ھىچ سادا كەلمەيۋاتىدۇ.قوشماق سەپەرچىلەرنىڭ يۈرۈش قىلىشتىكى مەخسىدى كائىناتنىڭ سىرىنى بىلىش، بىر نەرسىلەر يارىتىش بولسا بىزنىڭ دۇنيادا يۈرۈش قىلىشىمىزدىكى مەخسىدىمىز ،يەر شارىدا بىر ۋەتەن بەرپا قىلىش. ئەمما ھەر ئىككىمىز ئوخشاشلا يالغۇز ۋە تەنھا قېلىۋاتىمىز.

شۇنداق قىلىپ 2018-يىلى 6-نويابىر كۈنى ئەتتىگەندە، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى بۇ مەيدانغا، ۋە بۇ مەيدانغا سىمبوللۇق ھالاتتە تىكلەنگەن بىر پۇتى يوق ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا توپلاندۇق. يەنى بىز دېڭىز ئوكيانلاردا مەلۇم گۈزەل ئاراللارنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئېقىۋاتقان لاۋا، كائىناتقا يۈرۈشكە چىققان ناسانىڭ سەپەرچىسى بولۇشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قەدەملىرىنى باستۇق.
ئۇيغۇرلا، تىبەتلەر، قازاقلار، موڭغۇللار……توۋلىنىۋاتقان شوئارلار سۆزلىنىۋاتقان نۇتۇقلار…..
بۇ ئارىدا نۇتۇق سۆزلەشكە چىققان ئامېركىدىكى كومۇنىزىمنىڭ زىيانكەشلىگىگە ئۇچۇرغانلارنى خاتىرلەش ۋەخپىنىڭ باشلىغى كىرىستىنا ئولنەي خانىم، ۋەتىنىمىزنىڭ نامىنى شىنجىئاڭ دەپ ئاتاشقا باشلىدى. خانىمنىڭ يېنىدا تۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات نەق مەيداندا دەرھال تۈزۈتۈش بېرىپ، شىنجىئاڭ دىمەي، شەرقى تۈركىستان دىيىش كېرەكلىگىنى ئەسكەرتتى. بۇ ئەسكەرتىشتىن كېيىن، كىرىستىنا خانىم سۆزىنى شەرقى تۈركىستان دەپ داۋاملاشتۇرۇپ كەتتى.جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا، دۇنيا ئالدىدا بېرىلگەن بۇ ئەھمىيەتلىك تۈزۈتۈش دىققىتىمنى چەكتى.
يەنە بىر قېتىملىق تۈزۈتۈش مىيۇنخىندىكى شەرقى تۈركىستان مىللى كېڭىشى ئېچىلىۋاتقان مەزگىلدە، ۋەتىنىمىزگە بېرىپ مۇخبىرلىق قىلغان ۋە خىتايلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئورسۇلا خانىمغا قارىتا بولدى.ئورسۇلا خانىم سۆز قىلغاندا شىنجىئاڭ دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ قالدى. كەچتە مىھمانخانا زالىدا مەن ئورسۇلا خانىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم. ئازراق پاراڭلاشقاندىن كېيىن مەن ئۇنىڭغا، ئەگەر مۈمكىن بولسا شىنجىئاڭ دىگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا، شەرقى تۈركىستان دىگەن ئىسىمنى ئىشلەتسە بەك ياخشى بولىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرۈپ، شىنجىئاڭ دىگەن بۇ ئىسىمنى ئاڭلىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرىگى ئاغرىيدىغانلىغى ھەققىدە تەكلىپ بەردىم. ئورسۇلا خانىم ماڭا، بۇ ھەقتە ئۆمەر قاناتنىڭمۇ تۈزۈتۈش بەرگەنلىگىنى، بۇندىن كېيىن سىنجىئاڭ دىگەن بۇ ئىسىمنىڭ ئورنىغا ، شەرقى تۈركىستاننى قوللىنىدىغانلىغىنى ئېيتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ نامى ھەققىدىكى، مۇستەملىكىچى ئىسىم بىلەن خەلق قەلبىدىكى ئىسىم ئوتتۇرسىدىكى تاللاشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن مەمنۇن بولدۇم.
ئويلۇنۇپ قالدىم. ھە دىسە شىنجىئاڭچىلار، ئاپتونومىيىچىلەر يەنە بىرنەرسىلەر دەپ كومپىيۇتور ئارقىسىغا مۆكۈنۋالىدىغان “دونكىخوت” قەھرىمانلارنى، جەنۋە يۈرىشىدە ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا ئۇچراتمىدىم. مۇھىم خەلقارا سەھنىلەردىمۇ بۇنداق بىر تۈزۈتۈش بەرگىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. پەقەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا مەركىزى ئىدىيەنى باشقا ياققا بۇراش كۈرىشى قىلىۋاتىدۇ.

ئەھۋالدىن قارىغاندا، ۋەتەننىڭ تولغاق يەپ تۇققان ھەقىقى بالىلىرى ئاپتونومىيىچىلەر ئوخشىمامدۇ؟

Share
1254 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.