logo

trugen jacn

جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلار-3

 

جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلار(3)

3-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلى ئىنتىزام ۋە ۋاقت قارىشىدا ئىلگىرلەش بار.

ئاپتورى: كاسسىنى
دېكتور: پەرىزات غەيرەت

شۇنداق، مەن جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلار ناملىق ماقالەمنىڭ 2- قىسمىدا تالۇت ۋە جالۇت قىسسىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، تارىختا ئۆتكەن نى- نى ئاز سانلىق قەۋىملەرنىڭ، سۈپەت ۋە سەۋىيە جەھەتتىكى ئۈستۈنلىگى بىلەن، ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ناھايىتى زور ۋە كۈچلۈك قەۋىملەر ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىگىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدىم. ھەمدە بۇنىڭ قۇرئاندا ئوتتۇرغا قويۇلغان ئاللانىڭ قانۇنى ئىكەنلىگىنى تىلغا ئالغان ئىدىم. شۇنداقلا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سۈپەت ۋە سەۋىيە جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، ھەتتاكى بىر مىليارت 400 مىليۇن خىتايكەن، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ نوپۇسلۇق دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر ئۈمۈت نۇرىنى سۇنغان ئىدىم.ئۇنداقتا ئاللانىڭ بۇ قانۇنىنى ھازىرقى دەۋردىمۇ كۆرەلەمدۇق؟ شۇنداق كۆرەلەيمىز.
بۇ ئۆرنەك قەۋىم ھازىرقى يەھۇدىلار، 2018-يىلى ئاپرىلدا ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدى نوپۇسى 14 مىليۇن 511 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 6.5 مىليۇن يەھۇدى ئىسرائىلىيەدە، 5.7 مىليۇن بىلەن 6.8 مىليۇن ئارىسىدىكى يەھۇدى ئامېركىدا ياشايدۇ.
كورۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، پۈتۈن دۇنيادىكى يەھۇدى نوپۇسى، خىتاي 2015-يىلى ئۆزى ئېلان قىلغان 11مىليۇن ئۇيغۇر نوپۇسىدىن پەقەت 3.5 مىليۇن ئارتۇق. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرغا قويۇۋاتقان 25 مىليۇن ئۇيغۇر نوپۇسىدىن 10.5 مىليۇن ئەتراپىدا ئاز.
ئۇداقتا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟ ئىستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا ھازىر، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسى بىر مىليارت 800 مىليۇن بولۇپ دۇنيا ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 24.1% تىنى ئىگەللەيدۇ.ئۇنداقتا شۇنچە زور نوپۇسقا ئىگە مۇسۇلمانلار بىلەن، شۇنچە ئاز نوپۇسلۇق يەھۇدىلارنى سېلىشتۇرغاندا، قايسىسى سۈپەت ۋە سەۋىيە جەھەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؟ بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنلىرىدا قايسىسىنىڭ مۇشتۇمى كۈچلۈكرەك ئۇرۇلىدۇ؟ دۇنيا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ بايلار قايسىسىدا كۆپ؟ ئەڭ كۆپ نوبىل مۇكاپاتى ساھىبى بولغان قايسىسى؟ قايسىسىدا دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ھەسسە قوشقان ئالىملار كۆپ؟ ئەلبەتتە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى يەھۇدىلاردا. ساپا،سۈپەت ۋە سەۋىيە دىمەك كۈچ دىمەك، نىمە ئۈچۈن بىر مىليارت 800 مىيۇنلۇق نوپۇسقا ئىگە، مۇسۇلمانلار، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارغا قارشى سۈكۈتتە تۇرىدۇ؟ چۈنكى مۇسۇلمانلاردىكى ساپا، سۈپەت ۋە سەۋىيە ئانچە يۇقۇرى ئەمەس. ساپاسىزلىق، سۈپەتسىزلىك ۋە سەۋىيەسىزلىك دىمەك كۈچسىزلىك دىمەكتۇر.

بۇ قېتىمقى جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلارنىڭ بىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ، تەشكىلى ئىنتىزام ۋە ۋاقت قارىشى جەھەتتە بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئىلگىرلەش بولغانلىغى. گەرچە دۇنيا مىقياسىدا كۈندىن-كۈڭە زورىيىۋاتقان داۋايىمىزغا نىسبەتەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ھازىرقى تەشكىلى ئاپاراتى سەل كىچىك كېلىپ قېلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنى كونكىرىتنى ئېيتقاندا “قالپاققا چۇشلۇق قىرغىز يوق” بولسىمۇ ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇچۇرشىشتىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋاقت قارىشى ۋە تەشكىلى ئىنتىزام جەھەتتىكى سۈپەت ۋە ساپاسىغا قاراپ، ۋىللىدە چاقنىغان بىر ئۈمۈت يۇلتۇزىنى كۆرگەندەك بولدۇم.شۇنداق داۋايايىمىز ئىنتايىن چوڭ بىر داۋا، خەلقارالىشىۋاتقان بىر داۋا. بۇ داۋانىڭ ئىچىدە يۈزلەرچە كىشى مۇ’ئاشلىق بولۇپ ئىشلىسىمۇ يېتىشەلمەي قالىدىغان دەۋا.ئەمما يېتەركى قالپاققا تۇشلۇق بولمىغان بۇ قىرغىزنىڭ ساپاسى ۋە سەۋىيەسى، ۋە بۇ ساپا سەۋىيەنى ئىپادىلەيدىغان ۋاقت قارىشى ئىنتايىن يۇقۇرى بولسۇن. چۈنكى ھازىر بىزنىڭ ۋاقت ئىسراپ قىلىدىغان، قۇرۇق گەپ قىئىدىغان ۋاختىمىز ئەمەس، بەلكى ئىش قىلىدىغان ۋاختىمىز مەن بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىن مەن ئىزدەۋاتقان بىر نەرسىلەرنى كۆردۈم. ئۇ بولسىمۇ يىغىن جەريانىدا ھىچقانداق ۋاقتنىڭ ئىسراپ قىلىنمىغانىلىغى.

بەلكىم 2010- يىلى بولسا كېرەك. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مىيۇنخىندا ئېچىلغان بىر يىغىنىغا داخىل بولغان ئىدىم. ئوچۇغىنى ئېيتقاندا، بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ كۆڭلۈم ئىنتايىن غەش ھالەتتە قايتقان ئىدىم. يىغىن زالىدىن چىققاندىن كېيىنكى كارىدۇرنىڭ تار بولغىنىغا قارىماي، ئارلىقتىكى دەم ئېلىش ۋاختىدا، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بۇ كارىدۇرغا قاپسىلىۋېلىپ، تاماكا چېكىشىپ تۇراتتى. تاماكا ئىسى ماڭا رىئاكسىيە قىلىدىغان بولغاچقا ئىنتايىن بىئارام بولغان ئىدىم. بىر ئاز غۇدۇڭشىغان بولساممۇ كار قىلمىغان ئىدى. تار كارىدۇر ئىچىگە ھەممە ئەر كىشىلەر قاپسىلىپ تۇرۇۋالغان بولغاچقا ئاياللارنىڭ كىرىپ چىقىشىمۇ ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. يىغىن جەريانىدا، يەنە ئۇياق بۇياققا ئۆتكەن بەزى كىشىلەردىن ئاچچىق ھاراق ھىدى بۇرنۇمغا پۇراپ قالاتتى. دىمەككى ئۇلار يىغىن ئاخىرلاشقاندا كىچىچە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشىدىغان ئوخشايدۇ. يىغىن مەزگىلىدە ھاراق شاراپ ئىچىشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىغى ھەققىدە يىغىن ساھىپخانلىرىنىڭ بىرىگە ئېيتقان ۋاختىمدا، ئۇيغۇر داۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭمۇ شەخسى ھاياتى بولىدىغانلىغى ھەققىدە جاۋاپقا ئېرىشكەن ئىدىم. يىغىن جەريانىدا بەزى كىشىلەرنىڭ سوغۇق قاراشلىرىدىن مەنى جىق غەلۋە قىلىدىغان بىرسى ئىكەن دەۋاتقانلىغى بىلىنىپ تۇراتتى.
بۇ ھەقتە يەنە بىر دوستۇممۇ جەنۋەدىكى يەنە بىر يىغىندا ماڭا ئوخشاش ئىشقا داخىل بولغانلىغىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەسكىلى ئىنتىزامىغا مۇناسىۋەتلىك بۇنداق ئەھۋاللار مېنى ئىنتايىن بىئارام قىلىپ كېلىۋاتقان ئەھۋاللار ئىدى.
ئارىدىن 8 يىل ۋاقت ئۆتكەن بۈگۈن، تامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى كۆردۈم.
بۇ قېتىم يەنى 2018-يىلى 11- ئاينىڭ 8- كۈنى باشلىنىپ 10-كۈنى ئاخىرلاشقان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 1-نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستان مىللى كېڭىشى ئىدى..
مەن تۆۋەندە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىككىنجى بۆلىمىنىڭ كۈنتەرتىۋىنى دوستلارغا سۇنۇش ئارقىلىق يىغىننىڭ قانچىلىك دەرىجىدە جىددى ئېچىلغان بىر يىغىن ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىماقچىمەن.
ۋاختى 20018-يىلى 8- نويابىر كۈنى چۈشتىن كېيىن، سائەت 2 دىن 4 كىچە
سۆز قىلغۇچىلار، خەلقارا سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ۋە ب د ت نىڭ تېرورىزىم مەسىلىسى بويىنچە سابىق ئالاھىدە ئەمەلدارى بەن ئېممىرسون.
ئەنگىلىيەنىڭ سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باكېر نورمان.
فىرانسىيەلىك جوئۇرنالىست ئۇرسۇلا گاۋدەر.
تۈركىيە ھاجىتەپە ئونۋىرسىتىتى دوتسىنتى، ئىستىراتىگىيە مۇتەخخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىلىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات.
يېرىم سائەت سوئال –جاۋاپلار.
سائەت 4 تىن 4 تىن 15 مىنۇت ئۆتكىچە تەنەپۇس.
سائەت تۆتتىن 15 مىنۇت ئۆتكەندىن سائەت 6 دىن 15 مىنۇت ئۆتكەنگىچە تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە مىللى كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرى.
كەچلىك تاماق سائەت 7 دىن 9 غىچە.
ئەلبەتتە ۋاقتنى چىڭ تۇتۇش ۋە ۋاقتنىڭ قىممىتىنى بىلىش سەۋىيە ۋە ساپا جەھەتتە يۇقۇرى كۆتۈرلۈشنىڭ ئاساسى. دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنىڭ ساپاسى بولغىنىدەك سىياسەتنىڭمۇ، سىياسەت قىلغۇچىلارنىڭمۇ، تەشكىلاتلارنىڭمۇ ھەمدە تەشكىلاتچىلارنىڭمۇ سۈپەت ۋە ساپاسى بولىدۇ. بۇ سۈپەتنى ئىپادىلەيدىغان ئالدىنقى شەرت ۋاقت قارىشى. نىمىشكە مەن سۈپەت مەسىلىسىنى كۆپ تەكىتلەيمەن. چۈنكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق كىرزىس سۈپەت كىرزىسى.بۇ ئادەمنىڭ سۈپىتى تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇستەققىللىق دەپ جار سېلىۋاتقانلارنىڭ ئاۋازىنىڭ قانچىلىك يۈكسەكلىگىگە ئەمەس ئۇلارنىڭ ساپا ۋە سەۋىيەسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگىگە قارايدىغان كۈن. ھالاكەت ۋە تىرىلىش، دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش، دۇنيا سىياسى سەھنىسىدە پارلىغان يۇلتۇز بولۇش ۋاھاكازالارنىڭ ھەممىسى سۈپەت ۋە سەۋىيەگە ئېھتىياجلىق.
ئەگەر سۈپەت ۋە سەۋىيە جەھەتتىن يۇقۇرى كۆتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، شەرقى تۈركىستان مۇستەققىللىغى دىگەن بۇ شۇئار خۇددى ئاق تاماكىدەك كاللىمىزنى ئەسىر قىلىۋالىدۇ. ئولتۇرغاندا، ماڭغاندا، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ بىر بىرىمىز بىلەن شەرقى تۈركىستان مۇستەققىللق دەپ ئۇرۇشىدىغان بولۇپ قالىمىز. توپىمىز ئىچىدىن بىر قېرىندىشىمىز چىقىپ، شەرقى تۈركىستان مۇستەققىل بولمايدىغان ئوخشايدۇ دىسە ئۇنى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشىمىز مۈمكىن. بۇ خۇددى ئۇينىڭ ئىچىدە مېڭىپ، مېڭىپ ئۆينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ بولالمىغان ئادەمدەك. ئۇيغۇرلاردا بىر گەپ بار بوسۇغا داۋان دەيدىغان. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەۋىيەسىزلىك ۋە ساپاسىزلىق دەل ئەنە شۇ ئۇينىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىيالمايدىغان بوسۇغا داۋان شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھالاكىتى بولۇپ، ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان، مۇستەققىللىق دەپ قانچە ۋاقىرغانچە ھاڭغا شۇنچە يېقىنلىشىدۇ.شۇئارلار، ۋاقىراش جاقىراشلار بىزنى مەخسەت نىشان ۋە غايىلرىمىزگە يېقىنلاشتۇرمايدۇ. مەسىلەن ئۇيۇشۇش، بىرلىشىش بىر سۈپەت ۋە سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان مەسىلە، ئۇيۇشالماسلىق بىرلىشەلمەسلىك سۈپەتسىزلىك ۋە سەۋىيەسىزلىك دىمەكتۇر. بۇ سەۋىيەسىزلىك ئاقىبەتتە بىر مىللەتنىڭ رۇھىنى، نىشانىنى ، غايىسىنى ئاق تاماكىدەك ئەسىر قىلىۋالىدۇ. قۇم دانىلىرى ھەرگىز بىر-بىرى بىلەن يىمىرىشەلمەيدۇ. شۇڭا بۇنداق چېچىلىپ تۇرىدىغان بىر –بىرى بىلەن يۇغۇرلالمايدىغان قۇمدانچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان زىمىننى چۆل دەپ ئاتايمىز. چۆلدە ياشايدىغانلارنى بولسا بەدەۋى. مەن چۆل ۋە بەدەۋى بولۇپ قېلىشتىن ئىنتايىن قورقىمەن. ئەمما مېنىڭ بۇ قورقۇشۇم دەل بىزنىڭ ئىجدىمائى تاراتقۇلىرىمىزدا كۆرۈلىۋاتىدۇ. ئاللا راد سۈرىسى 11- ئايەتتە بىر قەۋىم ئۆز-ئۆزىنى ئىسلاھ قىلمىغىچە، ئاللا ئۇلارنى ئىسلاھ قىلمايدۇ دەيدۇ. مەنچە ۋاقتنى قەدىرلەش بۇ ئىسلاھاتنىڭ تۇنجى قەدىمى.جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا ۋاقتنى قەدىرلەشنىڭ ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەسىنى كۆرسەتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا مۇبارەك بولسۇن. سۈپەت ۋە سەۋىيە دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئاز سانلىق قەۋىملەرنىڭ، كۆپ سانلىقلار ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىمۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.مەن بۇ چاتما مۇلاھىزەمنىڭ 1-قىسمىدا، شىمالى ئامېركىدىكى چوڭ قاناتلىق كىپىنەكلەرنىڭ قىشتا مىكسىكىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ئورمانلىققا ئۇچۇپ بېرىپ دەرەخ گەۋدىسى ئۈستىدە بىر- بىرىگە ئېسىلغان ، سارىلغان ھالەتتە قىشنى چىقىرىدىغانلىغىنى مىسال قىلىپ سۆزلىگەن ئىدىم.

بۇ يازمامدا، قۇم دانچىلىرىنىڭ قانچە بىر- بىرىگە يېپىشاي ۋە سارىلاي دىسىمۇ، بىر جان بىر بىر تەن بولالمايدىغانلىغى ھەققىدە توختالدىم. دىمەك تەبىئەتتە ئاللا بىزگە نۇرغۇنلىغان، تەجىربە ۋە ساۋاق ئۆرنەكلىرى بەرگەن.دىمەككى ، جىپسىلىشىش، بىرلىشىش، قۇچاغلىشىش، بىر-بىرىگە ئېسىلىش بىر تەن بىر بەدەن بولۇش سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. خۇددى شىمالى ئامېركىدىكى يوغان قاناتلىق كېپىنەكلەردەك. چېچىلىش، تارىلىش، بىرلىشەلمەسلىك سەۋىيەسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خۇددى بەدەۋىلەرنىڭ چۆللىگىدەك. ئىچىمىز سىقىلغاندا تەبىئەتكە، خەرىتىلەرگە، دېڭىز ئوكيانلارغا، تاغلارغا ياخشى قارايلى ئۇلار بىزگە ئادەملەر ئۈگۈتۈپ بوللالمىغان ئەڭ ياخشى ھىكمەتلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ.

Share
1018 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.