logo

trugen jacn

جەنۋە يۈرۈشى ۋە مىيۇنخىن ئۇچۇرشىشىدا دىققىتىمنى چەككەن نۇقتىلار-2

 

 

 

 

ئاپتورى: كاسسىنى

 

دېكتور: پەرىزات غەيرەت

2- تالۇت ۋە جالۇت قىسسىسىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ جەنۋە نۇتقىغىچە
سۈپەت ۋە سەۋىيە.

باقارە سۈرىسىنىڭ 249-ئايىتىدە ئاللا بىزگە بىر قىسسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ يەنى تالۇت ۋە جالۇت قىسسىسى. بۇ قىسسىدە ھەيران قالارلىق بىر سېلىشتۇرما بار ئۇ بولسىمۇ ئادەم سانى جەھەتتە ئىنتايىن ئاز قەۋىمنىڭ، ئاللانىڭ ئەمىرى بىلەن،ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان قەۋىم ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىگى ھەققىدە.ئاللا بىزگە بۇ يەردە سۈپەت ۋە سەۋىيەنىڭ شۇنداقلا ھەق ئادالەتنىڭ، ساندىن ئۈستۈن كېلىدىغانلىغى ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ قانۇنىنى ئېلان قىلىدۇ. شۇنداق ئاللانىڭ قانۇنىدا سۈپەت ۋە سەۋىيە ۋە ھەققانىيەت ساندىن غالىپتۇر. ئاللانىڭ بۇ قانۇنى تارىختا ئۆتكەن بىر ئىمتىھان بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىگى ئېنىق. يەنى تالۇت ۋە جالۇتقا بېرىلگەن ئىمتىھان بىلەن.تالۇت ئوردىسى ھەركەتكە ئۆتكەندە ئاللا، سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايمەن، كىمكى بۇ دەريانىڭ سۈيىدىن ئىچسە ئۇ مەندىن ئەمەس، كىمكى بۇ دەريا سۈيىدىن ئىچمىسە مەندىندۇر پەقەت بىر ئوچۇم ئىچكەندىن باشقا دىدى. ئەمما تالۇت ئوردىسىدىكى نۇرغۇن ئەسكەر، بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت بىلەن ئۇرۇشقىدەك ئەھۋالىمىز قالمىدى. بىز ئۇسسىزلىقتىن چاڭقاپ، ھالسىزلىنىپ ئاجىزلاپ كەتتۇق دىدى ۋە دەريا سۈيىدىن قانغىچە ئىچتى. دەريا سۈيىنى ئىچمىگەن ۋە ياكى پەقەتلا بىر ئۇچۇم ئىچكەنلەر بولسا، ئادەم سانى ئاز ئەمما سۈپەتلىك بولغان قەۋىم چوقۇم ئادەم سانى كۆپ بولغان قەۋىم ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ دىدى. ئۇلار ئاللانىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىغىغا چەكسىز ئىشەنگەن ئىدى.ئاللا نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىمۇ خۇددى تالۇت بىلەن جالۇتنىڭ قىسسىسىغا ئوخشايدىغان بىر ئىمتىھان بىلەن سىناۋاتىدۇ.قارشىمىزدا، ئۆزىنىڭ چاڭقاپ كەتكەن دۇنياغا خوجا بولۇش، دېڭىز ئوكيانلارغا خوجا بولۇش، دۇنيادىكى مۇھىم پورتلارغا خوجا بولۇشتىن ئىبارەت ئۇسسۇزلىغىنى قاندۇرۇش كويىدا يۈرۈۋاتقان بىر مىليارت 300 مىليۇن نوپۇسلۇق خىتاي ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ نەدىلىگىنىمۇ بىلەلمەي، ئاۋازىنىمۇ چىقىرالماي، سۇسىزلىقتا، قۇرغاقچىلىقتا چاك –چاك يېرىلىپ كەتكەن بىر چۆل پارچىسىغا ئوخشايدىغان ئۇيغۇرلار.
ئەلبەتتە بىر مىليارت 300 مىليۇن نوپۇسلۇق خىتتاي بىلەن، 20 مىليۇن نوپۇسلۇق ئۇيغۇر سان جەھەتتىن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغان ناھايىتى كىچىك سان ئەمما، ئاللا بۇ قىسسىدە، ئاللانىڭ قانۇنىنى، غالىپ كېلىشنىڭ سان بىلەن ئەمەس سۈپەت بىلەن سەۋىيە بىلەن بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بىر قىسسىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ قىسسە ئۇيغۇرلارغا بىر ئۈمۈت نۇرى بېغىشلايدۇ.
گەرچە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى لەيلەپ يۈرگەن بولسىمۇ ئەمما، قانداق قىلغاندا خىتايدىن ئىبارەت بۇ تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولغان زور كۈچكە سۈپەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەسلەپكى بىخلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
2018-يىلى 11- ئاينىڭ 6- كۈنى مۇھاجىرەتتىك ئون نەچچە دۆۋلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار مۇھاجىرەت تارىخىدىكى 3- قېتىملىق يۈرۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىپ، بىر مەركەزگە يەنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا مۇۋەپەقىيەتلىك توپلىنالىدى. مانا بۇ سۈپەت. مانا بۇ ئاللانى تەسىرلەندۈرىدىغان سۈپەت. ئۇيغۇرلار ئۆزى ياشاۋاتقان دۆۋلەتلەردىكى سان جەھەتتە ئىنتايىن ئاز ۋە كىچىك بىر مىللەت ھېساپلىنىدۇ. ئەمما بۇ ئاز مىللەت ، خىتايدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور مىللەتكە قارشى بىر يۈرەك بىر مۇشت بولۇپ ئۇيۇشالىغان ۋە 2 مىڭدىن 3 مىڭغىچە ئۇيغۇر بۇ مەيدان ئالدىغا توپلۇنۇپ، بىر ئاۋاز بولالىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار، ئايرۇپىلان بىلەتلىرىنى ئۆزى ئېلىپ، ماشىنىلىرىغا ئۆزلىرى ماي قاچىلاپ، ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى، ئىز دىرەكسىز غايىپ بولغان جازا لاگىرلىرىغا قامالغان ئۇرۇق تۇتتانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، سىمبوللۇق كىيىم-كەچەكلىرى، ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى كىيىپ، دۇنياغا جاكالىماقچى بولغان پىلاكات ۋە تەشۋىقات ۋارەقچىلىرىنى ئېلىپ، ئاللا خالىسا جەنۋەدە كۆرۈشەيلى دىگەن ئۈمۈت ئارزۇلىرى بىلەن، دەل شۇ كۈن، دەل شۇ ۋاقتتا بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىشخانە بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا مۇۋەپەقىيەتلىك توپلىنالىدى. بۇ مەيداندىكى بىر پۇتى يوق ئورۇندۇقنىڭ ھەيكىلى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىش بەلگىسى بولدى. مانا بۇ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئاز سانلىق قەۋىمنىڭ ئاللانى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر سۈپەتنى ھازىرلاشقا باشلىغانلىغىنىڭ مىسالى.

جەنۋە يۈرۈشى ۋە ياكى جەنۋە ئۇچۇرشىشىنىڭ يەنە بىر سۈپەتلىك يېرى، بۇ يۈرۈشنىڭ بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق كومىتىتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۋاتقان بىر ۋاقتقا توغرا كېلىشى. يەنى ئىچىدە خىتاي سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ، تەشىدا خىتايغا قارشى، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن يەنى كېلەلىگەن، ئۇيغۇر، تىبەت، قازاق…..قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ نامايىشى، بۇنداق ئىستىراتىگىيىلىك تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر نامايىشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلگە ئېشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ غالىپ بولۇش يولىدا ئاللانىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بىر سۈپەت دەرىجىسىگە كۆتۈرلىۋاتقانلىغىنىڭ بەلگىسى. مۇخبىرلارنىڭ كۆپلىگى، سەھنىدىكى ئاۋاز سىستىمىلىرىنىڭ بۈرۈكسەل يۈرۈشىدىكىدىن بىر قەدەر ياخشى بولۇشى ، دەردىمىزگە مۇناسىۋەتلىك رەسىملىك پلاكات، شۇئارلار، لەپىلدەۋاتقان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىغىمىز، نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ ماڭغان تاقىرباش يىگىتنىڭ، كىشىلەرنى جەلىپ قىلارلىق ھەجۋى قىياپىتى بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللا ۋە دۇنيا تەلەپ قىلىۋاتقان بىر سۈپەت ئۆلچىمىگە قاراپ كېتىۋاتقانلىغىنىڭ بەلگىسى ئىدى. ئەلبەتتە سۈپەت يولىدا ئۇيغۇرلار بېسىۋاتقان بۇ قەدەملەردىن، ئاللا تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.ئاللا ئۆز قانۇنى بويىنچە ئىنتايىن ئاز نوپۇسقا ئىگە قەۋىملەرنىڭ مەسىلەن ئۇيغۇرلاردەك، نوپۇس ۋە ھەربى كۈچ جەھەتتە ناھايىتى ئۈستۈن مەسىلەن، خىتتايدەك كۈچلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىغىنى ئىسپاتلايدۇ ئىنشا’ئاللا.

سۈپەت جەھەتتە دولقۇن ئەيسانىڭ شۇ كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىمۇ خېلى سەۋىيەلىك نۇتۇقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نۇتقىنى، تارختىكى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن مەشھۇر نۇتۇقچىلاردىن، ئابراھام لىنكىن، جون كېنىنىدى، پاترىك ھېنرى، ماھاتما گەندى، مارتىن لۇدىر كىڭ لارنىڭكىدەك كۈچلۈك بىر نۇتۇق دىيەلمىسەممۇ، ئەمما بۇ يولغا قاراپ قەدەم باسقانلىغىنى جەزىملەشتۈرەلەيمەن.
دولقۇن ئەيسانىڭ جەنۋە يۈرۈشى مەزگىلىدە، بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا قىلغان نۇتقى تۆۋەندىكىدەك 3 مۇھىم ئابزاستىن تەركىپ تاپىدۇ.

1- بۈگۈن بىزنىڭ بايرىغىمىز بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىناسى ئالدىدا لەپىلدەۋاتىدۇ. ئەمما كۆرۈپ تۇرۇۋاتىسىلەر ئارقىمىزدا ئىككى يۈزدىن ئارتۇق دۆۋلەتنىڭ بايرىغى بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىزمەت بىناسى ئىچىدە لەپىلدەۋاتىدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىزدىكى مۇشۇ ئىرادە بولىدىغان بولسا، قەلبىمىزدىكى مۇشۇ تىرىشچانلىق بولىدىغان بولسا،بۈگۈن بۇ بايراق بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىرتىدا لەپىلدىگەن بولسا، چوقۇم بىر كۈنى بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىچىدە، ئەشۇ بايراقلار قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھەققىمىز.
2- خىتاينىڭ دىگىنىدەك بىز بۆلگۈنچى ئەمەس، بىز تېرورچى ئەمەس، چۈنكى بىز شاڭخەينى، بېيجىننى خىتاينىڭ قوينىدىن ئايرىپ چىقىمىز دىمىدۇق. ئۆزىمىزنىڭ مۇستەققىل ۋەتىنىمىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قولغا ئالىمىز دەۋاتىمىز. بۇ تېرورچىلىق ئەمەس. بۇ شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەقەللى ھەق ھوقۇقى.
3- مۇسۇلمان دۇنياسىدا، بىر مالايشىيادىن باشقا مۇسۇلمان دۆۋلىتى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرغا قويالمىدى. بۇ ئىنتايىن نۇمۇس قىلىدىغان بىر ھادىسە. بىز بۇ يەرگە، پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىغا، مۈسۇلمان رەھبەرلەرگە، غەرپ دۇنياسىغا، دىمۇكراتىك دۆۋلەتلەرگە ، بىرلەشكەن دۆۋلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىرىگە ۋە دۇنياغا، بىزنىڭ ئەركىن ياشاش ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق، بۇ زۇلۇمنىڭ توختىتىلىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ جىددى ئەمىلى ھەركەتلەرنى قىلىشقا چاقىرىق قىلغىلى ۋە تەلەپ قىلغىلى كەلدۇق.
دولقۇن ئەيسانىڭ جەنۋە نۇتقىنىڭ تولۇق تەكىستىنى تۆۋەندىكى ئۇلۇنۇشتىن كۆرەلەيسىلەر.

https://youtu.be/4oldvHROPZk

ئەتىسى سەھەردە يەنى 7- نويابىر كۈنىfacebook تا مەن يۇقۇردا تىلغا ئالغان مۇھىم ئابزاسلار ئىچىدىكى ئىككىنجى ئابزاسنىڭ ، دولقۇن ئەيسانىڭ رەسىمى ۋە شەرقى تۈركىساتننىڭ بايرىغى بىلەن كىرىشتۈرۈلگەن ھالەتتە ئېلان قىلىنغانلىغىنى ۋە ئاستىغا دولقۇن ئەيسا نۇتۇقلىرىدىن دەپ يېزىپ قويۇلغانلىغىنى كۆردۈم.
دىمەك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ، خەلقارا سەھنىلەردىكى سۆزلىگەن سۆزلىرى نۇتۇق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەكتە.يۇقۇردا مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەشھۇر نۇتۇقچىلارمۇ، نۇتۇقلىرىنىڭ سەۋىيە جەھەتتىكى يۇقۇرلىغى بىلەن، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالىغان ۋە كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن غالىپ كېلىپ، ئۆز مۇستەققىل ۋەتەنلىرىنى قۇرۇپ چىقالىغان. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاللا ۋە دۇنيا كۈتكەن ساپا ۋە سەۋىيە جەھەتتىن مۇكەممەللىشىشكە قاراپ ماڭغانلىغىنىڭ بەلگىسى.
ئۇنداقتا ئاللا بىزنى قايسۇ دەريا بىلەن سىناۋاتىدۇ؟ مىلادىدىن بۇرۇنقى 1200- يىللار ئەتراپىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان ۋە ئىسپاتلانغان، نۇرغۇنلىغان كىچىك قەۋىملەرنىڭ پەقەت سۈپەت ۋە سەۋىيە جەھەتتىن يۈكسەلگەندىلا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولغان زالىم كۈچ تەرىپىدىن غەلبە قىلالايدۇ دىگەن بۇ ئاللانىڭ قانۇنى ھازىرمۇ كۈچكە ئىگىمۇ؟ ئەلبەتتە كۈچكە ئىگە. سىنا ئارىلىنى توغرىسىدىن بېسىپ ئۆتكەن ئۇسسۇزلىقتىن چاڭقاپ كەتكەن تالۇت قوشۇنىنىڭ ئالدىدا كەڭرى كەتكەن ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان بىر دەريا سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئەمما ئاللا دەريا بىلەن سىناش ئىمتىھانىنى باشلاپ، سۇدىن پەقەت بىر ئۇچۇم ئىچىشنى ئەمىر قىلىدۇ. بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدىمۇ يۇقۇرى تېخنىكىلىق بىر ئۇچۇر دەۋرى سوزۇلۇپ ياتماقتا.ئەمما ئۇيغۇرلاردىن باشقا ھىچقانداق بىر مىللەت ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىغا تېلىفۇن قىلىپ كۆرۈشەلمەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئىز دېرىگىنى ئالالمايدىغان ۋەزىيەتتە ئەمەس. دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت بۈگۈنكى دەۋردە جازا لاگىرى دەيدىغان بىر نەرسىنىڭ مەۋجۈتلىغىنى ئېتىراپ قىلىشتىن غەلىتىلىك ھىس قىلماقتا. ئەمما بۇ خىتايدىن ئىبارەت بۇ زالىم كۈچ تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتىدۇ.ھەر كىمنىڭ ئالدىدا ئاللانىڭ ئىمتىھانى بولغان بىر دەريا سوزۇلۇپ ياتىدۇ . ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان جازا لاگىرى مەسىلىسى خۇددى تالۇت بىلەن جالۇت قىسسىسىدىكى دەريا ئىمتىھانىغا ئوخشايدۇ.
يەنە بىر قېتىم تەكىتلىسەم، ئاللانىڭ قانۇنى بويىنچە، دۇنيا تارىخىدىكى نۇرغۇنلىغان كىچىك ئاجىز قەۋىملەر ، ناھايىتى كۈچلۈك زالىملار ئۈستىدىن غالىپ كەلگەن پەقەت سۈپەت ۋە سەۋىيە جەھەتتىن يۇقۇرى كۆتۈرلۈش بىلەنلا.
دولقۇن ئەيسانىڭ جەنۋە يۈرۈشىدىكى بۇ نۇتقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر زالىم كۈچنى يېڭىش ئۈچۈن سۈپەت ۋە سەۋىيە ئىمتىھانىغا ھازىر بولۇۋاتقانلىغىنىڭ مىسالى ئەلبەتتە.
سەبىر ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئۇخلاپ يېتىش دەپ قارىلىدۇ. ئەمما سەبىر كۈرەش دىمەكتۇر.سەبىر قەدەممۇ –قەدەم مۇكەممەللىشىش، تەپەككۈر بىلەن ئىش قىلىش دىمەكتۇر.
ئاللا يەنە ئەنئام سۈرىسى 135- ئايەتتە، ئەي قەۋمىم ، كۈچىڭنىڭ يەتىشىچە بىر ئىشلار قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىل، مەنمۇ ھەركەت قىلىمەن. يېقىندا دۇنيانىڭ كىمنىڭ بولىدىغانلىغىنى كۆرىسىلەر. زالىملار چوقۇم مەخسىدىگە يېتەلمەيدۇ دەيدۇ.
شۇنداق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە بۇ تىرىشچانلىقنىڭ ئاللا تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدىغانلىغىنى چوقۇم كۆرىمىز. ئۈمۈتسىزلەنمەيلى.

Share
1419 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.