logo

trugen jacn

جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا خىتايغا قارشى زور نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

11-ئاينىڭ 6-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىدا ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاسىيا ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت 4 قىتئەدىكى 22 دۆلەتتىن كەلگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشى قىلدى.

بۇ نامايىشنى د ئۇ ق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىن سىرت تىبەتلىكلەر، خىتاي دېموكراتلىرى، موڭغۇللار، قازاقلار، ۋىيېتناملىقلار ۋە جەنۋەدىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نامايىشقا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يۈزلەرچە چەتئەللىكلەرمۇ بۇ نامايىش سېپىگە قوشۇلدى.

جەنۋەدىكى ب د ت باش شتابى ئالدىنى ئالدىنى ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار قاپلىدى. خىتايغا قارشى جاراڭلىق شوئار سادالىرى ئەتراپنى لەرزىگە سالدى.

بۈگۈن 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى تەرىپىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى كۆزدىن كۆچۈرۈش يىغىنى رەسمىي باشلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ نامايىشنى دەل مۇشۇ كۈنگە توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كېچىلەپ يول يۈرۈپ سەھەر سائەت 9 بىلەن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمەت بىناسى بولغان ۋىلسون مەركىزى ئالدىغا جەم بولغان نامايىشچىلار بۇ يەردە 2 سائەت نامايىش قىلىپ، سائەت 11 بىلەن ئۇزۇن سەپ تۈزۈپ ب د ت باش شتابىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار يول بويى خىتايغا قارشى تۈرلۈك شوئارلارنى توۋلاپ جەنۋە كوچىلىرىنى تەۋرەتتى. نامايىشچىلار ب د ت باش شتابى ئالدىغا توپلانغاندىن كېيىن، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەم تارىخىي ئەھمىيىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. بىز نامايىش مەيدانىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەسىراتلىرىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. دىققىتىڭلار پروگراممىمىزنىڭ ئاۋازلىق تەپسىلاتىدا بولسۇن.

Share
2219 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.