logo

trugen jacn

جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك يەنە 3 نەپەر ئۇيغۇر سوتلانغان

image

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن چېتىشلىق دەپ قارالغان يەنە 3 نەپەر ئۇيغۇر يەكشەنبە كۈنى قەشقەردە سوتلانغان

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قەشقەر شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت غېنى ھەسەن بىلەن نۇرمەمەت ئابلىمىت ئىككىيلەننى تېررورلۇق گۇرۇپپىسى تەشكىللەش ۋە قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ئاتاۋۇللا تۇرسۇننى تېررورلۇق گۇرۇپپىسىغا قاتناشقان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان

جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ تۈنۈگۈن قەشقەردە ئېچىلغان سوتىنىڭ ھەقىقىي جەريانى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي تەرتىپى تېخىچە جامائەتچىلىككە ئاشكارا بولمىغان

كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر سوتنىڭ قانۇنىي تەرتىپلىرى ۋە بۇ 3 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ سوت مەيدانىدىكى ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقلىرىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمىغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/jume-tahir-09292014164137.html

Share
1534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.