logo

trugen jacn

جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

 

 

 

 

ئەلروھلان

2017-4-28

 

 

مەن بۇرۇنقى بىر قانچە پارچە يازمىلىرىمدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كەلگۈسىدە چوڭ ئۇرۇشلار يۈز بەرمەيدىغانلىقى، ئۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى بۇنىڭدىن كېيىن ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىشتىن توختايدىغانلىقى، ئىككىنچىدىن، ھەربىي ساھەدە جۇڭگو ھازىر ئامېرىكىدىن كەم دېگەندە 20 يىل ئارقىدا بولۇپ، بۇ پەرقنى يوق قىلىش ئېھتىماللىقى ھازىرچە مەۋجۇت ئەمەسلىكى قاتارلىق بىر قاتار كۆز-قاراشلارنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم.

 

ئەمدى بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: ئەگەر جۇڭگو كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە ئىقتىسادتا ئالدىنقى 30 يىلدىكىدەك تەرەققىي قىلىپ ماڭسا، چوڭ ئۇرۇشلاردىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟ مەزكۇر يازمىدا مەن ئەنە شۇ سوئالغا جاۋاب بېرىدىغان كۆز-قاراشلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

 

مېنىڭ بۇ قېتىم بايان قىلىدىغىنىم ئامېرىكا چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور جون مىئېرشايمېر (John Mearsheimer) نىڭ 2012-يىلى 17-ئۆكتەبىردە كانادانىڭ ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. مەن بايان قىلىدىغان ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن.

 

ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىنى باشلاشتىن بۇرۇن دوكتور مىئېرشايمېر ئامېرىكا ئارمىيىسىدە 5 يىل ئوفىتسېر بولۇپ ئىشلىگەن. 1980-يىلى كورنەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ئىلمى كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1979 – 1999-يىللىرى دۇنياغا داڭلىق خەلقئارالىق مۇناسىۋەت تەتقىقات ئورنى بولغان برۇكلىن ئىنستىتۇتىدا ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى بولغان، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتور-ئاشتى بولغان، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاشقى مۇناسىۋەت كونسۇلىدىمۇ تەتقىقاتچى بولغان. ئۇ 1982-يىلىدىن ھازىرغىچە چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور مىئېرشايمېر خەۋپسىزلىك ۋە خەلقئارا سىياسەت ساھەسىدە ناھايىتى كۆپ ساندىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، يەنە كەم دېگەندە 7 كىتاب يازغان. ئۇ دۇنيادا تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان سىياسەت ئىلمى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ «كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسى» (Great power politics) ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرى كىشىلەر تەرىپىدىن كەڭ تۈردە پايدىلىنىۋاتىدۇ. مەن يېقىندىن بۇيان جۇڭگو ھەققىدە ئىزدىنىپ، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ماتېرىياللاردا دوكتور مىئېرشايمېرنىڭ ئىسمىنى ناھايىتى كۆپ قېتىم ئۇچراتتىم.

 

مەزكۇر يازمىدا بايان قىلىنىدىغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىياسەت ئىلمىگە ئائىت ناھايىتى مۇھىم نەزەرىيىلەر ۋە دوكتور مىئېرشايمېرنىڭ كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسى ھەققىدىكى نەزەرىيىلىرىمۇ بار بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەر بۇ يازمىدىن خېلى كۆپ نەپ ئالالايدۇ، دەپ ئويلايمەن، ھەمدە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

ئەمدى رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

 

مەن بۈگۈن سۆزلەيدىغان تېما سىلەرنىڭ كەلگۈسى 50 يىلدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى چۈشەنچەڭلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر مۇھىم مەسىلە بار: جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالامدۇ؟ مېنىڭ جاۋابىم جۇڭگو ئۇنداق قىلالمايدۇ. مەن بۇ مەسىلىنىڭ ئەڭ نېگىزلىك يېرى ئۈستىدە ئانالىز يۈرگۈزۈشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئىككى مۇھىم نۇقتىنى شەرھلەپ ئۆتىمەن.

 

ئۇنىڭ بىرى، مەن جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىنكى 30 يىل ئىچىدە ئالدىنقى 30 يىلدىكى بىلەن ئوخشاش سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ، دېگەن پەرەزنى ئالدىنقى شەرت قىلىمەن. مېنىڭ مۇشۇ پەرىزىم بويىچە بولغاندا، جۇڭگو بىر ناھايىتى چوڭ خوڭكوڭغا ئايلىنىدۇ. ئەگەر جۇڭگو ئاشۇ دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۆز قوشنىلىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ بۇ سوئالنىڭ ھازىرقى دۇنيا بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئۇ پەقەت كەلگۈسىدىكى ئەھۋال ھەققىدە سورالغان بىر سوئال. شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، مېنىڭ بۇ يەردە دەۋاتقىنىم پەقەت بىر پەرەزدىنلا ئىبارەت بولۇپ، مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ كەلگۈسىدىكى ئىشلار ئەنە شۇنداق بولىدۇ، دېگەن ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرمەيۋاتىمەن.

 

1-رەسىم: پروفېسسور جون مىئېرشايمېر ئىلمىي دوكلات بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

 

2-رەسىم: جون مىئېرشايمېر يازغان 7 دانە كىتابنىڭ رەسىمى («كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسىنىڭ پاجىئەسى» دېگەن كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنىڭ رەسىمىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم).

 

ئۇنىڭ يەنە بىرى، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالامدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇنىڭ بىر نەزەرىيىۋى سوئال ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ سەۋەبى، بىزدە كەلگۈسى ھەققىدە ھېچ قانداق پاكىتلار يوق. كەلگۈسىدىكى ئەھۋاللار تېخى يۈز بەرمىدى. ئامېرىكىدىكى بىر قانچە كىشىلەر ماڭا «مەن يېقىندا بېيجىڭغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇلارنىڭ دېگىنىگە ئاساسلانغاندا جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلىۋېرىدىكەن» دېدى. بېيجىڭدىكى ھېلىقىدەك كىشىلەرنىڭ گېپىگە ھېچ كىم پەرۋا قىلمايدۇ. چۈنكى، بۇ مەسىلە بىر مۇھىم ئورۇنغا چىققاندا، ئۇ كىشىلەر ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولىدۇ. ئۇ چاغدا جۇڭگونى باشقۇرىدىغانلار ھازىر باشلانغۇچ 5- ياكى 6-سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان كىشىلەر بولۇپ، بىز ئۇ كىشىلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى ھازىرچە بىلمەيمىز. ئۇلار رەھبەر بولغاندا ئىش ئېلىپ بارىدىغان قۇرۇلما مۇھىتلىرىمۇ ھازىرقىنىڭكىگە تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ھازىر مۇشۇ سورۇندا ئولتۇرغانلار ئانچە پۇلدار ئەمەس. ئەگەر مەن سىلەرگە 5 مىليون دوللار پۇل بېرىپ، «ئۇ پۇلنى قانداق خەجلىگۈڭىز كەلسە، شۇنداق خەجلەڭ»، دېسەم، يانچۇقىڭىزدا 5 مىليون دوللار پۇل بار ۋاقىتتىكى سىز بىلەن ھازىرقى سىز تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالىسىز. يەنى، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىز تۈپتىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئەگەر قۇرۇلما مۇھىتى ئۆزگىرىدىكەن، سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. بۇ يەردە جۇڭگو بىر ناھايىتى چوڭ خوڭكوڭغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمدىكى مەسىلە، جۇڭگونىڭ قۇرۇلمىسى يىراق كەلگۈسىدە ئاشۇنداق ئۆزگىرىپ كەتسە، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو رەھبەرلىرى قانداق ئىش تۇتىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

 

بۇ بىر نەزەرىيىۋى سوئال بولۇپ، بىز ئۇنىڭغا كېسىپ جاۋاب بېرەلمەيمىز. ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بىز بىر نەزەرىيىنى، كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسىغا ئائىت بىر نەزەرىيىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. بىز «بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالامدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئەنە شۇنداق بىر نەزەرىيىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مېنىڭ دوكلاتىم مانا مۇشۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ.

 

مېنىڭ دوكلاتىم جەمئىي 3 قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. مەن 1-قىسىمدا كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسى ھەققىدە توختىلىمەن. ئىككىنچى قىسىمدا ئامېرىكىنىڭ 1783-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمەن. ھەمدە ئامېرىكىنىڭ تارىختىن بۇيانقى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ مەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. يەنى، مەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە بەزى ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن. دوكلاتىمنىڭ 3-قىسمىدا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنى دوراش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. يەنى، ئامېرىكا مەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە بويىچە ئىش تۇتقان بولۇپ، جۇڭگومۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتىمەن. ئۇنىڭغا قوشۇپ مەن يەنە ئامېرىكا جۇڭگوغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىمەن.

 

 

  1. كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسى نەزەرىيىسى

 

مەن سۆزۈمنى دۇنيا ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى 5 ئاددىي پەرىزىم بىلەن باشلايمەن.

 

(1) ئوخشىمىغان ئەللەر خەلقئارا سىياسىيسىدا مۇھىم رول ئالىدىغان ئوخشىمىغان ئارتىسلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئاشۇ ئەللەردىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان باشقا بىر نوپۇزلۇق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ساھەسىدە بىز بۇنى «رەتسىزلىك» (anarchy) دەپ ئاتايمىز. بۇ ھەرگىزمۇ خالىغانچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، قالايمىقانچىلىق چىقىرىش، دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى ئۇ «مەرتىۋە تۈزۈمى» (hierarchy) نىڭ ئەكسىنى بىلدۈرىدۇ. ھەر خىل دۆلەتلەر ئۈستىدە تۇرىدىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇق ئورگىنى مەۋجۇت ئەمەس، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئوخشىمىغان ئەللەر بىر بىليارت ئۈستىلىدىكى توپلارغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ چوڭلۇقى ئۆز-ئارا ئوخشىمايدۇ، ئەمما، ھوقۇق جەھەتتە ھەممىسى باراۋەر ئورۇندا بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر تېخىمۇ نوپۇزلۇق نەرسە يوق.

 

(2) ھەممە ئەللەر مەلۇم دەرىجىدىكى باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەربىي قابىلىيەتلىرىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق قابىلىيەتلەر ساھەسىدە ئوخشىمىغان ئەللەر بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ھازىر ئامېرىكا باشقا بارلىق ئەللەردىن كۈچلۈك. ئىسرائىلىيەگە ئوخشاش ئەللەرنىڭمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش ھەربىي قابىلىيىتى بار. ئەمما، ئىيوردانىيە، شىۋېتسىيە ۋە بېلگىيە قاتارلىق ئەللەر بۇ جەھەتتە بىر قەدەر ئاجىز.

 

(3) بۇ پەرەز ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇ مېنىڭ بۈگۈنكى دوكلاتىم ئۈچۈن بىر يادرولۇق رولنى ئۆتەيدۇ. بۇ پەرەز نىيەت ھەققىدە. خەلقئارا مۇناسىۋەتتە نىيەت ۋە قابىلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى نەرسە بار بولۇپ، مەن 2-پەرەزدە قابىلىيەت ھەققىدە توختالدىم. مېنىڭ نىيەت ھەققىدىكى قارىشىم مۇنداق: ھېچ قانداق بىر دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنىڭ نىيەتلىرىنى ئېنىق بىلەلمەيدۇ. نىيەتنى بايقاش ئىنتايىن تەس. چۈنكى، نىيەت كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، سىز ئۇنى كۆرەلمەيسىز، ياكى ئۇنى ئۆلچىيەلمەيسىز. مەسىلەن، سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكا سوۋېتنىڭ تەھدىتىنى توغرا مۆلچەرلەشكە ئىنتايىن كۆپ ۋاقىت ۋە ئېنېرگىيە سەرپ قىلدى. بىز سوۋېتنىڭ قانداق قابىلىيەتلىرى بارلىقىنى ئانچە قىينالمايلا بىلىۋالدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىر خىل ھەربىي قورالىدىن قانچىسى بارلىقىنى ئاسانلا ساناپ چىقتۇق. بۇنداق ماددىي قابىلىيەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بىلگىلى بولىدۇ، ۋە سانىغىلى بولىدۇ. ئەمما، سوۋېتنىڭ نىيىتىنى بىلىش بىز ئۈچۈن ئىنتايىن تەسكە توختىدى. سوۋېتنىڭ نىيىتىنى مۆلچەرلەشتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئەمەلدارلار ئارىسىدا ناھايىتى چوڭ ئىختىلاپلار يۈز بەردى. قىسقىسى، بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتنىڭ نىيىتىنى توغرا بىلەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر بۇ كۆز-قاراشقا قوشۇلماسلىقى مۇمكىن. ئۇلار ھەر بىر ئالاھىدە ۋاقىت ۋە مەلۇم بىر ئالاھىدە نەرسە ھەققىدە يېتەرلىك ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى، شۇ ئارقىلىق بىر دۆلەتنىڭ ئاشۇ نەرسە ھەققىدىكى نىيىتىنى بىلگىلى بولىدۇ، دەپ قارىشى مۇمكىن. مېنىڭچە بەزى دۆلەتلەرنىڭ ھازىرقى نىيەتلىرىنى يۇقىرىقىدەك ئاماللار بىلەن بىلىۋېلىش بەزىدە مۇمكىن، ئەمما باشقا دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى نىيەتلىرىنى ھازىرلا بىلىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى، خۇددى مەن يۇقىرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، پولشانى كەلگۈسىدە كىم باشقۇرىدۇ، ۋە جۇڭگونى كەلگۈسىدە كىم باشقۇرىدۇ، بىز ئۇنى بىلمەيمىز.

 

مەن بۇ يەردە سىلەرگە خەلقئارا مۇناسىۋەت بىلەن ھېچ قانداق چېتىشلىقى يوق، ئەمما ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئاجرىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىسالدىن بىرنى كۆرسىتەي. بىر جۈپ ئەر-ئايال توي قىلغاندا، ئۇلار بىر-بىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ياخشى كۆرۈشۈپ شۇنداق قىلىدۇ. بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى «ئۇ بىر ياخشى ئادەم، ئۇ بىر ياخشى نىيەتلىك ئادەم»، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما، ئامېرىكىدىكى ئاجرىشىش نىسبىتى ھازىر 50 پىرسەنتكە يېقىن كېلىدۇ. يەنى، كۆپلىگەن كىشىلەر قارشى تەرەپنىڭ نىيىتى ياخشى، دەپ ئويلاپ توي قىلىدۇ. ئەمما، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قارشى تەرەپ ياخشى نىيەتلىك بولۇپ چىقماي قالىدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال. قىسقىسى، باشقىلارنىڭ نىيىتىنى ئېنىق بىلىش مۇمكىن ئەمەس.

 

(4) دۆلەتلەرنىڭ تۈپ نىشانى ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىش. ئەگەر بىر دۆلەت ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدىكەن، ئۇ باشقا نىشانلارنى قوغلىشىپ ماڭالمايدۇ.

 

(5) دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى راتسىئوناللىق بىلەن ئويلاپ ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھېسابلاپ ئىش قىلىدىغان ئارتىسلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاقىلانە ئىستراتېگىيىلەرنى ئويلاپ چىقىشقا قادىر كېلىدۇ.

 

مەن سىلەرگە بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغان 5 پەرەز يۇقارقىلاردىن ئىبارەت.

 

دۇنيادىكى ئەللەر يۇقىرىدىكى 5 پەرەزنىڭ بىرىكمىسى ئاساسىدا، تۆۋەندىكىدەك 3 خىل ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ:

 

1) خەلقئارا سىستېمىدىكى ئوخشىمىغان ئەللەر بىر-بىرىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. بۇ يەردە مەن ئاساسەن كۈچلۈك ئەللەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بىر-بىرىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق 2 سەۋەبى بار: بىرىنچى، سىزنىڭ قوشنىڭىز ناھايىتى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇشى، ھەمدە كۆڭلىدە بىر يامان نىيەتنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىر 1900-يىللىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان بولسىڭىز، گېرمانىيەنىڭ بىر جاھانگىر ياكى ناتسىست گېرمانىيەگە ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولاتتىڭىز. ئىككىنچى، ئەگەر سىز ئامېرىكىدا بولۇپ، بىرەر جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كېلىپ قالسىڭىز، 911 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ، دەرھال قۇتقۇزىلىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايسىز. ئەمما، خەلقئارا سىستېمىدا ئەگەر سىز 911 نومۇرغا تېلېفون قىلسىڭىز، تېلېفوننىڭ قارشى تەرىپىدە سىزگە ھېچ كىم جاۋاب بەرمەيدۇ. سىزنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان ھېچ قانداق ئورۇن چىقمايدۇ. ھەممە ئەللەر باراۋەر بولۇپ، نوپۇزدا بارلىق ئەللەردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرەر ئورگان مەۋجۇت ئەمەس.

 

2) ئۆزىنى ئۆزى يۆلەيدۇ. بارلىق دۆلەتلەر جىددىي ئەھۋالدا ئۆزلىرىگە ياردەم قىلىدىغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋالىدىغان باشقا بىرەر دۆلەت ياكى ئورۇننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ناھايىتى تېزلا بايقاپ، ئۆزىنى ئۆزى قۇتۇلدۇرۇش، ئۆزىگە ئۆزى ياردەم قىلىش يولىغا ماڭىدۇ.

 

ئىلاۋە: بىزنىڭ نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تاكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە «بىزگە باشقىلاردىن ياردەم كېلىدۇ»، دەپ ئويلاپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ياردىمىنى ساقلاۋاتقىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولدى، ئەمما ئۇ ياردەملەر تېخىچە يېتىپ كەلمىدى. يۇقىرىدىكى نەزەرىيە بويىچە قارىساق، بىزگە باشقىلاردىن مەڭگۈ ياردەم كەلمەيدۇ.

 

3) خەلقئارا سىستېمىدا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈچلەندۈرۈش، دېگەندىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتكە ئىشىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئاخشىمى كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كانادا ۋە مېكسىكىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەنسىرەيدىغان بىرەر ئادەم يوق. سەۋەبى، ئامېرىكا ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ھېچ كىم بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. بىزنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىمىزدە ئاجىز دۆلەتلەر بار، شەرقىي ۋە جەنۇبىي تەرىپىمىزدە بولسا بېلىقلار بار. بۇ بىر ھەممە ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىستراتېگىيىلىك غايىۋى ئەھۋالدۇر. قىسقىسى، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىر چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەت بولۇش.

 

بىر ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش، دېگەنلىك، بىر زومىگەر (hegemon) بولۇش، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇشتىن ئىبارەت. دۇنيا بەك چوڭ، ۋە دۇنيادا سۇ كۆپ، شۇڭلاشقا بىر دۆلەتنىڭ بىر دۇنياۋى زومىگەر بولالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكا ھاكىمىيىتىنىڭ بېشىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر دۆلەتنى خام-خىيال بىلەن باشقۇرۇپ، ئامېرىكىنى بىر دۇنياۋى زومىگەرگە ئايلاندۇرماقچى بولدى. نەتىجىدە ئالدىنقى 20 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە دۆلەتنى بىر قىسىم ناھايىتى قىيىن ئەھۋاللارنىڭ ئىچىگە پاتتۇرۇپ قويدى. دۇنياۋى زومىگەر بولغىلى بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەنسىز، سىز ئافغانىستان ۋە ئىراقتەك يەرلەرگە پېتىپ قالىسىز. ئەمما سىز بىر رايونلۇق زومىگەر بولالايسىز. سىز ئۆز رايونىڭىزغا ھۆكۈمرانلىق قىلالايسىز.

 

دېمەك، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى: (1) بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇش، (2) ئۆزىڭىزگە تەڭ كېلەلەيدىغان بىر رىقابەتلەشكۈچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق، يەنى خەلقئارا سىستېمىدا رايونلۇق زومىگەر بولالايدىغان باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ساقلىنىش.

 

 

ئۇنداق دېسەم، «گېرمانىيە بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇپ قالسا، ياكى جۇڭگو بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇپ قالسا نېمە بولاتتى؟» دېيىشىڭلار مۇمكىن. بۇ «لاغايلاپ يۈرۈش ئەركىنلىكى» (freedom to roam) دېگەن ئۇقۇم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھازىر ئامېرىكا دۇنيادىكى دېڭىزلارنىڭ ھەممىسىدە باشقىلارنىڭ دۆلەتلىرىنى مارىغان ھالدا لاغايلاپ يۈرۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ سەۋەبى يالغۇز ئامېرىكىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى بىزدە لاغايلاپ يۈرۈش ئەركىنلىكى بار بولغانلىقىدا. بىزگە قارىتا بىرەر بىخەتەرلىك تەھدىتى مەۋجۇت بولمىغاچقا، بىز دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە لاغايلاپ يۈرۈپ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ يۈرۈۋاتىمىز. ئامېرىكا بىرەر دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ، خۇددى بىز غەربىي يېرىم شارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقاندەك، ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ياكى ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. چۈنكى، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن، ھېلىقى دۆلەتمۇ ئەركىن ھالدا لاغايلاپ يۈرىدىغان بولىدۇ.

 

ئاسىياغا قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى جۇڭگو ئەتراپىدىكى دېڭىزلاردا خالىغانچە لاغايلاپ يۈرۈيدۇ. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى جۇڭگو زېمىنىغا يېقىن يەرلەردە ماكان تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئاۋىئاماتكا ۋە ئۇرۇش قوشۇنلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىدا ئاسمانغا چىقىپ ۋە يەرگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. ئامېرىكا ئەسكەرلىرى 1944-يىلىدىن باشلاپ ياۋروپادا ماكان تۇتۇپ تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بىزدە لاغايلاپ يۈرۈش ئەركىنلىكى بار. بىز ئۆز ماكانىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ھەققىدە ئازراقمۇ ئەنسىرىمەيمىز. ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ غايىۋى ئەھۋال جۇڭگو، گېرمانىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەللەر ئامېرىكا تەھدىتى تۈپەيلىدىن ئۆز بىخەتەرلىكى ئۈستىدە ئەنسىرەپ ياشىشىدىن ئىبارەت.

 

دېمەك، ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، بىرىنچىدىن بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇش، ئىككىنچىدىن ئۆزىڭىزگە تەڭ كېلەلەيدىغان بىر رىقابەتلەشكۈچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويماسلىق. يەنى خەلقئارا سىستېمىدا رايونلۇق زومىگەر بولالايدىغان باشقا بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىن ساقلىنىش.

 

 

  1. ئامېرىكىنىڭ 1783-يىلىدىن بۇيانقى تاشقى ئىشلار سىياسەتلىرى

 

ئامېرىكا 1700-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مەۋجۇتلۇقنى باشلىغاندا، ئۇ ئاتلانتىك ئوكيان قىرغىقىدىكى 13 شتاتتىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكىنى قۇرغۇچىلار شىمالىي ئامېرىكىغا سەپەر قىلىپ، تىنچ ئوكيان قىرغىقىچىلىك كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان يەرلىك ئىندىئانلاردىن ناھايىتى كۆپ سانلىق كىشىلەرنى قىرغىن قىلدى. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى بۇلىدى. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى غەربىي-جەنۇبىي قىسىملىرىنى مېكسىكىدىن تارتىۋالدى. 1892-يىلى كاناداغا بېرىپ، ئۇلارنىمۇ ئامېرىكىغا قوشۇۋالماقچى بولدى. كانادا ئۆزىنىڭ پايتەختى ئۈچۈن ئامېرىكىغا يېقىن بولغان تورونتونى تاللىماي، ئامېرىكىغا يىراق بولغان ئوتتاۋانى تاللىشىدىكى سەۋەبمۇ ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىن قورققانلىقىدۇر. باشقىلارنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىۋېلىشقا كەلگەندە تارىختا ئامېرىكىغا يېقىن كېلىپ باققان باشقا بىرەر دۆلەت يوق. ئەگەر قۇللار مەسىلىسى يۈز بەرمىگەن بولسا، ئامېرىكا بۇ چاغقىچە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسمىنىمۇ ئىگىلەپ بولغان بولاتتى. ئامېرىكا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، غەربىي يېرىم شاردىكى زومىگەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، 1853-يىلى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى مېكسىكىنىڭ بىر پارچە زېمىنىنى ئىنگلىزچە «Gadsden Purchse» دەپ ئاتىلىدىغان كېلىشىم ئارقىلىق 10 مىليون دوللارغا سېتىۋالدى. ئۇ زېمىن كېيىنچە ئارىزونا ۋە يېڭى مېكسىكا شتاتلىرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى. ئامېرىكا يەنە ئەنگلىيە ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق ياۋروپالىقلارنى غەربىي يېرىم شاردىن قوغلاپ چىقاردى. 1897-يىلى ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن بىز ئىسپانىيەلىكلەرنى جەنۇبىي ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شۇنىڭ بىلەن بىز رايونلۇق زومىگەرگە ئايلاندۇق. ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنجى رايونلۇق زومىگەر بولدۇق. پۈتۈن غەربىي يېرىم شارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلاپ، ئۇ ھۆكۈمرانلىقنى بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز.

 

مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك كۈچلۈك ئەللەر ئىككى ئىشنى نىشان قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىرى بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇش. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا باشقىلارنىڭ رايونلۇق زومىگەرگە ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. تەلىيىمىزگە يارىشا، 19-ئەسىردە بىز بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇش يولىدا تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، بىز بىلەن ئوخشاش سەۋىيىدە رىقابەتلىشىدىغان باشقا بىرەر دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقمىدى. ئەمما 20-ئەسىردە بىز بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە رىقابەتلەشكۈچىلەردىن 4 دۆلەت ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار ئىمپېرىيەچى گېرمانىيە، ئىمپېرىيەچى ياپونىيە، ناتسىست گېرمانىيە ۋە ئىمپېرىيەچى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت. بۇ 4 دۆلەتنىڭ ھەممىسىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىكى ئورنىنى يوق قىلىشتا ئامېرىكا ھالقىلىق رول ئوينىدى. 1917-يىلى ئاپرېلدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا گەرچە گېرمانىيە ئۇتۇپ چىقىدىغاندەك قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا بىز غەلىبە قىلدۇق. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنى ئامېرىكا ئۆزى يالغۇز يەڭدى. ناتسىست گېرمانىيەنى يېڭىشتە سوۋېت ئىتتىپاقى ھالقىلىق رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇرۇشتىمۇ ئامېرىكا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىدى. سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەپ تۇرۇشتا ئامېرىكا مەركىزىي رول ئوينىدى. 1989 – 1991-يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈرۈۋېتىشتىمۇ ئامېرىكا ھالقىلىق رول ئوينىدى. شۇنداق قىلىپ ئامېرىكا ئۆزى بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە رىقابەتلەشكۈچىلەرنىڭ ھېچ قايسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يول قويمىدى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، پرېزىدېنت بۇش ئامېرىكىنى دۇنيادىكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت، دەپ جاكارلىدى. ھەمدە ئامېرىكا شۇنىڭدىن باشلاپ ئاشۇنداق ئورۇننى ساقلاپ مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

 

دېمەك، مېنىڭ نەزەرىيەم بىلەن ئامېرىكىنىڭ 1783-يىلىدىن بۇيانقى تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايسىز. باشقىلار ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېسىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ، ماختىنىپ يۈرۈيدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق سەپسەتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھەقىقىي ئامېرىكا دەل مەن يۇقىرىدا تەسۋىرلەپ ئۆتكىنىمدەك بىر دۆلەت بولۇپ، كانادا 19-ئەسىردىن تارتىپ ئامېرىكىدىن ئەنسىرەپ ياشاپ كەلدى.

 

 

  1. جۇڭگو كۈچەيگەندە قانداق يول تۇتىدۇ؟

 

ئامېرىكا ھازىرغىچە شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىلا ئەمەس، پۈتۈن غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشنى ئىستەپ كەلدى. سىز جۇڭگونىڭمۇ ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولغۇسى بار، دەپ ئويلىمامسىز؟ جۇڭگو ئاجىز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. جۇڭگو ئاجىز ۋاقتىدا، ياۋروپالىقلار، ئامېرىكىلىقلار، بولۇپمۇ ياپونلۇقلار جۇڭگوغا قىلغان ئەسكى ئىشلارنى جۇڭگولۇقلار زادىلا ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. ئۇ ئېچىنىشلىق ئىشلارنى جۇڭگولۇقلار زادىلا ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. ئاجىز بولۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئۇلار ناھايىتى ياخشى چۈشىنىدۇ. سىز بىر جۇڭگولۇقتىن «جۇڭگو ياپونىيەدىن 20 ھەسسە كۈچلۈك بولۇش بىلەن ياپونىيە جۇڭگودىن بىر ھەسسە كۈچلۈك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى تاللاشنىڭ قايسىسىنى تاللايسىز؟» دەپ سوراپ بېقىڭ. بۇ بىر ئەستايىدىللىق بىلەن سورالغان سوئالمۇ ئەمەس. جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى ياپونىيەدىن 20 ھەسسە، ھەتتا 50 ھەسسە كۈچلۈك بولۇشنى ئىستەيدۇ. خەلقئارا سىستېمىدا ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۆزىگە قوشنا بولغان ئەللەردىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك بولۇش. بۇ لوگىكا جۇڭگوغىمۇ ماس كېلىدىغان بولۇپ، جۇڭگولۇقلار بۇ لوگىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا ياۋروپالىقلارنى غەربىي يېرىم شاردىن تولۇق قوغلىۋەتكەن. جۇڭگومۇ ئامېرىكىنى ئاسىيادىن تولۇق قوغلىۋېتىشنى ئىستەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھاۋا ئارمىيىسى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى تەلتۆكۈس تازىلىۋېتىشنى ئىستەيدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى كۇبادا ھەربىي بازا قۇرۇۋالغاندا، ئامېرىكا ئۇلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، قوغلىۋېتىشكە تاس قالغان. جۇڭگو ھازىر ھەر خىل چارىلار بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى ئۆزىنىڭ چېگرا رايونلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بىر ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. ئۇلارمۇ ئامېرىكىنى ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپ، ئاسىياغا ئۆزلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئىستەيدۇ. بۇ خۇددى بىز ياۋروپالىقلارنى قوغلىۋېتىپ، غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇۋالغىنىمىز بىلەن ئوخشاش.

 

 

  1. ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا قانداق يول تۇتىدۇ؟

 

مەن يۇقىرىدا ئۆزۈمنىڭ نەزەرىيىسىنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. ئۇ بولسىمۇ، بىز ھەرگىز ئۆزىمىزگە تەڭ كېلەلەيدىغان باشقا بىر رىقابەتچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمايمىز. جۇڭگونىڭ يۇقىرىقىدەك بىر پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا رازى بولمايمىز. خۇددى بىز غەربىي يېرىم شارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغاندەك، جۇڭگونىڭ ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايمىز. بىز تارىختا ئىمپېرىيەچى گېرمانىيە، ئىمپېرىيەچى ياپونىيە، ناتسىست گېرمانىيە، ۋە ئىمپېرىيەچى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچلەرگە ئايلىنىشىغا يول قويمىدۇق. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ھەرگىزمۇ جۇڭگونىڭ ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولۇۋېلىشىغا يول قويمايمىز.

 

ئۆتكەن يىل (يەنى 2011-يىلى) پرېزىدېنت ئوباما ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا بىر خىل كۈچ تەڭشەش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، يەنى ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم كۈچلىرىنى ئاسىياغا يۆتكەيدىغانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ چەت ئەللەردىكى ھەربىي كۈچىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاسىيانى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى (بۇ ئىنگلىزچە «pivoting Asia policy» دەپ ئاتىلىدۇ). يەنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ بارغانسېرى چوڭىيىپ، بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىسىنى شۇنىڭغا ماس ھالدا تەڭشەۋاتىدۇ. دېمەك، بىز ئۆزىمىز بىلەن تەڭ تۇرىدىغان باشقا بىر رىقابەتچىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايمىز.

 

ھازىر جۇڭگونىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئىنكاسلىرى قانداقراق بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇلارمۇ ھەربىي كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان ھەر خىل ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى باشلىدى. ياپونىيە بىلەن ھىندىستاننىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يىراق، ئەمما ئۇلار ھازىر ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىۋاتىدۇ. سەۋەبى بۇ 2 دۆلەتنىڭ ھەر ئىككىسى جۇڭگودىن قورقۇۋاتىدۇ. سىنگاپورمۇ جۇڭگودىن ناھايىتى قورقۇۋاتىدۇ. يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كېلىۋاتقان ھەمكارلاشقۇچى ئەللەر ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، تەيۋەن، سىنگاپور، ۋىيېتنام، ھىندىستان ۋە رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 

ھازىر جۇڭگو قوشنىلىرىنىڭ ھەممىسى ناھايىتى جىددىيلىشىۋاتىدۇ. سەۋەبى جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭىيىپ، تېخىمۇ كۈچلىنىپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا ھازىر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر خىل بىخەتەرلىك رىقابىتى شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپى جۇڭگو بولۇپ، يەنە بىر تەرىپى بولسا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى جۇڭگونىڭ بىر قىسىم قوشنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلاشقۇچى ئەللەردۇر. تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ھەمكارلىق كۈچلىرىنىڭ ئالامەتلىرى ھازىر ئاللىقاچان نامايان بولۇشقا باشلىدى. بۇ بىر ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋال.

 

 

  1. بىخەتەرلىك دىلەمماسى (Dilemma)

 

بىخەتەرلىك دىلەمماسى مۇنداق: ئوخشىمىغان ئەللەر ئۆزلىرىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىش-ھەرىكەتلەر ماھىيەت جەھەتتە قارشى تەرەپكە قارىتىلغان ھۇجۇم بولۇپ كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ بىر ياخشى مىسالى «چەكلەپ تۇرۇش سىياسىتى» (policy of containment) دىن ئىبارەت. بىزنىڭ قارىشىمىزچە ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى چەكلەپ تۇرۇش سىياسىتى بىر خىل ئۆزىنى قوغداش چارىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، جۇڭگولۇقلارنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ئەتراپىدا شەكىللىنىۋاتقان ھەمكارلاشقۇچى كۈچلەر بىر خىل «قورشىۋېلىش چارىسى» (encirclement) گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە بىر ھەمكارلاشقۇچى كۈچ بولۇپ شەكىللەنگەندە، گېرمانىيە ئۇنى «قورشىۋېلىش كۈچلىرى» دەپ ھېسابلىغان. سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا بىز ياۋروپا ۋە ئاسىيادا بىر خىل تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى كۈچنى شەكىللەندۈردۇق. ھەمدە بىز ئۇنى «چەكلەپ تۇرۇش» دەپ ھېسابلىدۇق. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئۇنىڭغا «قورشىۋېلىش» دەپ قارىدى. جۇڭگو ھازىر دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى ئۆستۈرۈش، ئاۋىئاماتكا ياساپ چىقىش ۋە ھۇجۇمچى ئايروپىلان ياساپ چىقىش قاتارلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز ئاپتوماتىك ھالدا ئۇنىڭغا «ماھىيەت جەھەتتە باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرى» دەپ قاراۋاتىمىز.

 

بۇنى مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان قابىلىيەت ۋە نىيەت چۈشەنچىسى بىلەنمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ: بىر دۆلەتنىڭ قابىلىيىتى كۈچەيگەنسېرى باشقىلار «ئۇنىڭدا يامان نىيەت بار» دەپ قاراشقا باشلايدۇ.

 

كۈچلۈك ئەللەر سىياسىيسى بويىچە قارىغاندا، بىر دۆلەت ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنى بىر كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ھازىر جۇڭگو تۇتقان يول ھەرگىزمۇ قانۇنسىز يول ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ جۇڭگو ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقىنىنى قانۇنلۇق، دەپ ھېسابلايدۇ. مەنمۇ شۇنداق. بۇ يەردە مەن ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ياخشى، جۇڭگو ئەسكى دېمەكچى ئەمەس. شۇنداقلا ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ئەسكى، جۇڭگو ياخشى، دېمەكچىمۇ ئەمەس. جۇڭگونىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قارىغاندا، جۇڭگو ئۆزىنى ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم قوشنىلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن مەلۇم ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئەمما ئۇلار ئۆزىنى قوغداش يولىدا قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە بىز «ماھىيەت جەھەتتىن باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىش چارىسى» دەپ قارايمىز. ھەمدە بىزمۇ ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن بىر قىسىم يېڭى تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز. ئەمما، جۇڭگونىڭ قارىشىچە بىز قىلغان ئىشلار ماھىيەت جەھەتتىن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

شۇڭلاشقا، ئەگەر جۇڭگو داۋاملىق تۈردە تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋېرىپ، بىر چوڭ خوڭكوڭغا ئايلىنىدىكەن، ئاسىيادا ناھايىتى چوڭ قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. ئۇ چاغدا جۇڭگو ھازىرقىدىن ناھايىتى كۆپ ھەربىي قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو ھازىرچە بىر قەغەز يولۋاستىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىغا تەڭ كېلەلمەيدۇ. ئەمما، مەن يۇقىرىدا دېگەن ئەھۋاللار جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ، ئامېرىكىغا تەڭ كېلەلىگۈدەك بولغاندا ئاندىن يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللاردۇر.

 

مەن ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيە، باشقا بارلىق ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيىلىرىگە ئوخشاش، بىر قىسىم ۋاقىتلاردا توغرا بولۇپ چىقىپ، ھەممە ۋاقىتلاردا توغرا بولۇپ چىقىۋەرمەيدۇ. ئۆزۈمنىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، مېنىڭ نەزەرىيەم 75 پىرسەنت ۋاقىتلاردا توغرا بولۇپ چىقىدۇ. مېنىڭچە بىر ئادەم ئىجتىمائىي-پەن نەزەرىيىسىدە قولغا كەلتۈرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى نەتىجە ئەنە شۇنچىلىك بولىدۇ. يەنى، مېنىڭ نەزەرىيەم ھەممە ۋاقىتلاردا توغرا بولۇپ چىقىۋەرمەيدۇ. بىز ھەممىمىز مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۆلچەرلەرنىڭ ھېلىقى توغرا بولۇپ چىقمايدىغان 25 پىرسەنت ۋاقىتنىڭ بىرسىگە توغرا كېلىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلايلى. رەھمەت!

 

ئىلاۋە: جون مىئېرشايمېر (John Mearsheimer) نىڭ رەسمىي دوكلاتى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. مەزكۇر دوكلاتتىن كېيىن سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەن كېيىنكى يازمامدا ئاشۇ پائالىيەتتە ئوتتۇرىغا چۈشكەن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى، شۇنداقلا جون مىئېرشايمېر باشقا بىر پروگراممىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم مۇھىم كۆز-قاراشلارنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

مەزكۇر يازمىنىڭ ئالدىنقى قىسمى (2-قىسمى) دا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىمدەك، رەسمىي دوكلات ئاخىرلاشقاندىن كېيىن جون مىئېرشايمېر (John Mearsheimer) بىلەن دوكلاتنى ئاڭلىغىلى كەلگەنلەر ئوتتۇرىسىدا سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. تۆۋەندە مەن ئاشۇ سوئال-جاۋاب پائالىيىتىدە بايان قىلىنغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئۆزۈم تاللىغان قىسمىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن.

 

1-سوئال: جۇڭگونىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى ئەللەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچىيىشى ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئورنىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

 

جاۋاب: مەن ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باغلىنىش ئوينايدىغان مۇھىم روللار ھەققىدە پەقەت جۇڭگونىڭ ئۆزىدىلا 35 قېتىمدەك ئىلمىي دوكلات بېرىپ بولدۇم. مەن بۈگۈنكى دوكلاتىمدا تىلغا ئالغىنىمدەك، ئەگەر جۇڭگو ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋېرىدىكەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا چوقۇم بىر قىسىم توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. مېنىڭ بۇ كۆز قارىشىمغا قوشۇلمايدىغانلار ئادەتتە مۇنداق 3 سەۋەبنى كۆرسىتىدۇ: (1) جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن ھازىرقىدەك تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋەرمەيدۇ. (2) جۇڭگو كۇڭزى تەلىماتى بويىچە ئىش قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ داۋاملىق كۈچىيىپ ماڭسىمۇ بىر تىنچلىق يولىنى تۇتۇپ ماڭىدۇ. (3) ئىقتىسادىي جەھەتتە ئوخشىمىغان ئەللەرنىڭ بىر-بىرىگە يۆلىنىشى. 3-سەۋەبنى كۆرسەتكەنلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا، ۋە جۇڭگو بىلەن ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھازىر ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىسادىي بېقىندىلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولغاچقا، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا ئۇرۇشمايدۇ. يەنى، ھېچ قانداق بىر ئادەم ئالتۇن تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىغان ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى خالىمايدۇ. قىسقىسى، مېنىڭ نەزەرىيەمگە قارشى تۇرىدىغان نەزەرىيىدىكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان سەۋەب ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي باغلىنىش. ئەمما، مېنىڭ قارىشىمچە مېنىڭ نەزەرىيەمگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان يۇقىرىدىكىدەك نەزەرىيىلەر توغرا ئەمەس.

 

2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز-ئارا بېقىنىدىغان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؟

 

جاۋاب: بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئىقتىسادىي ساھە بىلەن سىياسىي ساھەنىڭ تەڭپۇڭلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىساد ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. ئەمما، كۆپىنچە ئەھۋالدا سىياسىي مەنپەئەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىدىكەن، جۇڭگو بۈگۈنلا ئۇنىڭغا قارشى ئۇرۇش باشلايدىغانلىقى جاكارلىدى. روشەنكى، بۇنداق ئۇرۇش ئالتۇن تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىغان ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ يەردە جۇڭگو ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتىنى ئىقتىسادىي مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ. سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدىمۇ، جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، سىياسىي مەنپەئەتنى كۆزلىگەن ئاساستا بىر قىسىم تاشلار ئۈچۈن ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ قېلىشقا تاس قېلىۋاتىدۇ. دېمەك، سىياسەت ئىقتىسادتىن كۆپ كۈچلۈك.

 

جۇڭگودا كوممۇنىزم دېگەندەك بىر قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە ئەمەس، ھەمدە جۇڭگودا دېموكراتىيە يوق. شۇڭا جۇڭگو دائىرىلىرىنىڭ ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تەرتىپنى ساقلاپ مېڭىشى ئىنتايىن قىيىنغا توختايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ھازىرقى تۈزۈمنى ساقلاپ مېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى مىللەتچىلىك (nationalism) نى كۈچەيتىش. مىللەتچىلىك خۇددى بىر يېلىمدەك ئوخشىمىغان نەرسىلەرنى بىر گەۋدە قىلىپ تۇتۇپ تۇرالايدۇ. بۇنى بىز يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلى ۋەقەلىرىدە كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. ئۇ توقۇنۇشلاردا مىللەتچىلىك ھەممە ئىشلارنىڭ مەركىزى بولۇش رولىنى ئويناۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكا ۋە جۇڭگوغا قوشنا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىقتىساد ناھايىتى مۇھىم. ئىقتىساد بەزى ۋاقىتلاردا توقۇنۇشلارنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئەمما، سىياسىي مەنپەئەت ھەر دائىم ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

3-سوئال: سىزنىڭ نەزەرىيىڭىزنىڭ 75 پىرسەنت ۋاقىتتا توغرا چىقىپ، قالغان 25 پىرسەنت ۋاقىتتا توغرا چىقمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز. جۇڭگو ئەھۋالىنىڭ ئاشۇ 25 پىرسەنتكە توغرا كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

 

جاۋاب: مېنىڭ نەزەرىيەمگە قارشى چىقىپ پىكىر قىلىدىغانلار ئاساسىي جەھەتتىن مۇنداق 3 سەۋەبنى كۆرسىتىدۇ: (1) يادرو بومبىسى بار دۆلەتلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ماڭا قويۇلغان ئەڭ كۈچلۈك قارشى پىكىر بولۇپ، بۇ پىكىردىكىلەرنىڭ قارىشىچە ھېچ كىم يادرو بومبىسى بىلەن پارغا ئايلىنىپ كېتىشنى، ۋە 3-دۇنيا ئۇرۇشىنى باشلاشنى خالىمايدۇ. (2) ئوخشىمىغان ئەللەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىدا بىر-بىرىگە يۆلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولۇپ، بۇ نۇقتىنى مەن يۇقىرىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۈم. (3) مىللەتچىلىك مەسىلىسى. مەن مۇشۇ مەسىلە سەۋەبى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى چىققان. كۆپىنچە كىشىلەر ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي ئىدېئولوگىيە دېموكراتىيە، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي ئىدېئولوگىيە دېموكراتىيە بولماستىن، بەلكى مىللەتپەرۋەرلىك. مىللەتپەرۋەرلىك ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى قارار قىلىش، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. مىللەتپەرۋەرلىك بىر دۆلەتنىڭ يەنە بىر دۆلەتكە تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇنى ئىشغال قىلىۋېلىشىنى ناھايىتى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ. مىللەتپەرۋەرلىك كۈچلۈك بولمىغان بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ئۇ زېمىن بۇ زېمىنلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ زېمىنى قىلىپ ماڭغان ئىدى. ئەمما، ھازىر دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە مىللەتپەرۋەرلىك ئىنتايىن كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، سىز باشقىلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ بارسىڭىز، چوڭ بالايىئاپەتكە ئۇچرايسىز. ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ نەتىجىسى ئەنە شۇنداق بولدى. ۋىيېتنامغا فىرانسىيەمۇ تاجاۋۇز قىلىپ باقتى، بىزمۇ تاجاۋۇز قىلىپ باقتۇق. ئەمما ئۇنىڭ ئاقىۋىتىمۇ ياخشى بولمىدى. ئىراققا قىلىنغان تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھازىر ھەممىمىزگە ئايان. بۈگۈنكىدەك مىللەتپەرۋەرلىك زامانىدا ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر دۆلەتكە بېسىپ كىرىپ، ئۇ يەردە ئىجتىمائىي ئىنژېنېرلىق ئېلىپ بارماقچى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئىشى زادىلا ئاقمايدۇ.

 

شۇڭلاشقا باشقىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشتا جۇڭگو قىلالايدىغان ئىشلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇلار 1979-يىلى ۋىيېتنامغا تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ، دەككىسىنى خېلى ياخشى يەۋالدى.

 

4-سوئال: بۇرۇن ياۋروپانىڭ رايونلۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ياۋروپا بىرلىكى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلگەن. سىزچە بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگوغا تاقابىل تۇرىدىغان، ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش بىر ئاسىيا ئەللىرى بىرلىكىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

 

جاۋاب: ئاسىيانىڭ ئەھۋالى ياۋروپاغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئاسىيانىڭ جۇغراپىيىسى جۇڭگوغا قارشى بىر ئاسىيا بىرلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تولىمۇ پايدىسىز. مەسىلەن، ئەگەر جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئۇرۇشۇپ قالىدىكەن، ھىندىستان، مالايسىيا ۋە ۋىيېتنام قاتارلىق ئەللەرنىڭ ياپونىيە بىلەن بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇ ئەللەر ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ، ئاندىن ياپونىيە رايونىغا كېلىشى كېرەك. شۇڭلاشقا بۇ سوئالغا بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تېپىش بىر ناھايىتى قىيىن مەسىلە بولۇپ، مېنىڭچە بۇ بىر تەتقىقات تېمىسى بولالايدۇ.

 

5-سوئال: جۇڭگو ھازىر كوممۇنىزم ۋە ماركسىزم يولىدىن چەتنەپ، بىر خىل فاشىزم يولىغا مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ. بىر تەرەپتىن كاپىتالىستلارنىڭ باي بولۇشىغا يول قويۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە خاس بىر خىل ئالاھىدە سىياسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇلار يەنە شىنجاڭ ۋە تىبەتتە كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىدىغان سىياسەتلەرنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. سىزچە جۇڭگو ھازىر بىر خىل ئېتنىك مىللەتچىلىك يولىغا مېڭىۋاتامدۇ؟ قارايدىغان بولساق، ھازىر كۆپ ساندىكى خەنزۇلار شىنجاڭ ۋە تىبەتكە كۆچۈپ بېرىپ يەرلىشىپ، ئۇ يەردىكى خەلقلەر بىلەن ئېتنىك توقۇنۇش پەيدا قىلىۋاتىدۇ، ھەمدە كىشىلىك ھوقۇقلارنى دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. سىزچە جۇڭگونىڭ ئىدېئولوگىيىسى جۇڭگو ئىچىدە ۋە خەلقئارادا بۇنىڭدىن كېيىن قانداق مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟

 

جاۋاب: مەن تاكى بۈگۈنگە كەلگۈچە فاشىزمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تېخى تولۇق چۈشىنىپ بولالمىدىم. شۇڭلاشقا، گەرچە مەن سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى خاتاغا چىقارمىساممۇ، سوئالىڭىزنىڭ فاشىزمغا ئائىت قىسمى ئۈستىدە توختالمايمەن. جۇڭگو بىر ھاكىممۇتلەقچىلىك تۈزۈمىدىكى (totalitarian) دۆلەت. ئادەتتە ھاكىممۇتلەقچىلىك تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى بىر دېموكراتىك تۈزۈمگە قاراپ ئۆزگەرتىپ ماڭاتتى، ئەمما جۇڭگو ھازىرچە دېموكراتىيىگە قىزىقىدىغاندەك قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا جۇڭگو ھاكىمىيىتى ھازىر بىر تولۇق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى ئەھۋال بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ناچارلىشىپ مېڭىشى مۇمكىن. ھەمدە مىللەتچىلىكنى كۈچەيتىش چارىسىغا تايىنىشى مۇمكىن. شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىسىدە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھازىر ئاشۇ رايونلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللاردىن ناھايىتى ئەنسىرەۋاتقان بولۇپ، ئۇ يەرنى كونترول قىلىشتا ئۇ رايونلارغا ناھايىتى كۆپ ساندىكى خەنزۇ نوپۇسىنى يۆتكەشكە ئوخشاش ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ۋەزىيەت شۇنداق قىلىشقا قىستايدىكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىۋېرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار كۆرسىتىدىغان سەۋەبلەر بىلەن ئامېرىكا كۆرسىتىدىغان سەۋەبلەر ئوخشاش. كۆپلىگەن دۆلەتلەر بەزىدە يالغۇز ئۆز خەلقلىرىگىلا ئەمەس، باشقا ئەللەرنىڭ خەلقلىرىگىمۇ ۋەھشىي ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەگەر جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەملىكەت ئىچىدە دۆلەت ھاكىمىيىتىگە تەھدىت بولىدىغان كۈچلەر باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ، دەپ قارايدىكەن، ئۇلار چوقۇم بىر قىسىم زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھېلىقىدەك كۈچلەرنى يوقىتىشقا تىرىشىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان 5 پەرەزنىڭ بىرى مۇنداق: ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئاساسىي نىشانى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش. جۇڭگومۇ ئاشۇنداق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بەزى دۆلەتلەر بەزىدە چوڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقلارنىمۇ ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب مەلۇم بىر ئىدېئولوگىيىنى قوغلىشىش بولماستىن، بەلكى مەلۇم بىر ئىستراتېگىيىلىك مەقسەت ئۈچۈن بولىدۇ. يەنى ئۇلار ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ. مەن بۇ يەردە جۇڭگونى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن. مېنىڭ بۇ يەردە دېمەكچى بولغىنىم، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا چوڭ كۆلەملىك ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن.

 

6-سوئال: سىزچە بۇنىڭدىن كېيىنكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

 

جاۋاب: مەن يۇقىرىدا تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى كۈچلەر ھەمكارلىقى ھەققىدە توختالغاندا، بىر تەرەپتە جۇڭگو بار بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتە ئامېرىكا، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، سىنگاپور، ۋىيېتنام، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. يەنى، جۇڭگوغا قارشى ھەمكارلاشقۇچى ئەللەر ئىچىدە رۇسىيەمۇ بار، دېدىم. سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنى بولدى. ئامېرىكا 1965-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە ۋىيېتنام بىلەن ئۇرۇش قىلغان بولۇپ، ئۇ 20-ئەسىردىكى ئەڭ قانلىق ئۇرۇش بولدى. شۇنداق بولسىمۇ ۋىيېتنام ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھەمكارلىشىشنى ئىستەۋاتىدۇ. يەنى، بۇرۇن ئۆز-ئارا ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەن بولۇش رولىنى ئالغان ئىككى دۆلەت ھازىر بىرلەشمەكچى بولۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا مېنىڭچە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا جۇڭگوغا تاقابىل تۇرىدىغان ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئەزالىرى بولىدۇ. بۇ ئىش جۇغراپىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن چېگرىداش بولۇپ، ئۇلار 1969-يىلى بىر چېگرا ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا ئۇرۇشقىلى تاس قالغان. ئەگەر جۇڭگو توختىماي تەرەققىي قىلىپ، ئەتراپىدىكىلەرنى سىرتقا ئىتتىرىپ، ئەتراپىدىكىلەرگە مۇش تەڭلەپ يۈرۈيدىكەن، رۇسىيە باشقا بىر قىسىم ئەللەرگە قوشۇلۇپ، ئامېرىكا بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇ نۇقتىنى ھازىرچە كۆرگىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا ھازىر ئوتتۇرا شەرقتە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ھازىرچە رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ، ب د ت نىڭ سۈرىيە ئۈستىدىن چىقارغان قارارلىرىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزمەيۋاتىدۇ. ب د ت لىۋان ئۈستىدىن قارار ئالماقچى بولغاندىمۇ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھازىر ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار. ئەمما، مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ خىل ئەھۋال كەلگۈسىدە ئۆزگىرىدۇ. خۇددى ياپونىيە ۋە ھىندىستانغا ئوخشاش، رۇسىيە كەلگۈسىدە ئامېرىكا تەرەپكە ئۆتىدۇ.

 

«ئىلاۋە»: مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمى (3-قىسمى) دا بايان قىلغىنىم دوكتور جون مىئېرشايمېرنىڭ كانادا ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىدا 2012-يىلى بەرگەن بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتى بىلەن دوكلاتتىن كېيىنكى سوئال-جاۋاب پائالىيىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز-قاراشلارنىڭ ئۆزۈم تاللىغان بىر قىسمى ئىدى. پروفېسسور جون مىئېرشايمېر 2013-يىلى 10-ئاپرېلدىمۇ باشقا بىر ئالىي مەكتەپتە ئوخشاش تېمىدا دوكلات سۆزلىگەن بولۇپ، يۇتيۇبتىكى سىن ھۆججىتىدە ئۇ دوكلاتنىڭ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتتا سۆزلەنگەنلىكى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمەپتۇ. بۇ دوكلاتنىڭ ئاخىرىدىمۇ سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەن مەزكۇر يازمىدا جون مىئېرشايمېر سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلاردىن ئۆزۈم مۇۋاپىق كۆرگەنلىرىنى تاللاپ تونۇشتۇرىمەن. بۇ 2-دوكلاتنىڭ مەنبەسىنى مەن مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەڭ ئاخىرىغا 2-مەنبە قىلىپ كىرگۈزۈپ قويدۇم.

 

7-سوئال: سىز، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ رايونلۇق زومىگىرى بولۇۋېلىشىغا يول قويمايدۇ، دېدىڭىز. ئامېرىكا بۇ ئىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرىدۇ؟ ئىقتىسادىي ۋاسىتە بىلەنمۇ، ھەربىي ئۇرۇش بىلەنمۇ، ياكى باشقا تەدبىر بىلەنمۇ؟

 

جاۋاب: ھەممىمىزنىڭ خەۋىرىدە بار بولغىنىدەك، ئىقتىسادىي كۈچ ھەربىي كۈچنىڭ ئاساسى. ھەربىي كۈچنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئىككى نەرسە بار. ئۇنىڭ بىرى بايلىق. يەنە بىرى نوپۇس سانى. شۇڭلاشقا ناھايىتى باي بولۇش، ۋە ناھايىتى كۆپ ساندىكى نوپۇسقا ئىگە بولۇش تولىمۇ مۇھىم. جۇڭگونىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا بىزنى ئىنتايىن قورقۇتىدىغان نەرسىلىرىنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن كۆپ، يەنە بىرى بولسا ئۇلار كەلگۈسىدە ناھايىتى زور مىقداردىكى بايلىققىمۇ ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

 

جۇڭگونى چەكلەش ھەققىدە گەپ بولغاندا داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىدىغان بىر گەپ «ئامېرىكا جۇڭگو ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلالامدۇ-يوق»، دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭچە بۇ سوئالنىڭ جاۋابى «ياق، ئۇنداق قىلالمايدۇ». بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باققانلارنىڭ ھەممىسى ئەڭ ئاخىرىدا «بىز جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى چەكلىيەلمەيدىكەنمىز»، دېگەن خۇلاسىگە كېلىۋاتىدۇ.

 

سىز جۇڭگو بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق ئۇنى داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ مېڭىشتىن توسۇش چارىسىنىمۇ تىلغا ئالدىڭىز. بۇنى «ئالدىنى ئېلىش ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى» دەپ ئاتىساق بولىدۇ. ئامېرىكا ئىراققا ئەنە شۇنداق ئىستراتېگىيىنى قوللاندى. ئەمما، مېنىڭچە ئامېرىكا جۇڭگوغا ئۇنداق قىلمايدۇ. بىزنىڭ جۇڭگوغا ئىشلىتىدىغان ئىستراتېگىيىمىز مېنىڭچە بىۋاسىتە چەكلەش (straight containment) ئىستراتېگىيىسى بولىدۇ. يەنى، ئامېرىكىنىڭ قوللىنىدىغىنى بىز سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشلەتكەن ئىستراتېگىيە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بىز بىر تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ھەمكارلىق ئەللىرى (balancing coalition states) نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونى چەكلەش ئۈچۈن ئۇنى بىر قورشاۋ ئىچىگە ئالىمىز. بىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىمۇ شۇنداق قىلغان.

 

8-سوئال: جۇڭگوغا تەسىر كۆرسىتىشتە ب د ت قانداق رول ئوينايدۇ؟ ھازىر ئاساسىي رول ئويناۋاتقىنى پەقەت ئامېرىكىلا بولۇۋاتىدۇ.

 

جاۋاب: سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشتا ب د ت كىچىككىنە رول ئوينىدى. جۇڭگو تەرەققىي قىلىپ، مەن يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن بىخەتەرلىك رىقابىتى يولغا قويۇلغان ۋاقىتتا، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۈچۈن ب د ت تىن پايدىلىنىش ئانچە مۇمكىن بولمايدۇ. سەۋەبى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ب د ت قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار. شۇڭلاشقا ب د ت بىز ئۈچۈن بىر ناھايىتى پايدىلىق قورال بولۇپ بېرەلمەيدۇ. ب د ت سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغان 1989-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە بولغان 20 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە بىر ناھايىتى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرالىدى. ئۇنىڭ سەۋەبى ئاشۇ مەزگىلدە ئامېرىكا باشقا ھەممە دۆلەتلەردىن كۆپ كۈچلۈك بىر ئورۇندا تۇرغانلىقىدۇر. ئاشۇ بىر مەزگىل ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكا ب د ت دىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىدى. ئەمما، شۇ چاغدىمۇ رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزلىرىنىڭ ب د ت قارارلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىزنىڭ بىر قىسىم پىلانلىرىمىزنى توسۇپ قالالىغان ئىدى. ئەگەر جۇڭگو داۋاملىق كۈچىيىپ ماڭىدىكەن، ب د ت نىڭ رولىمۇ بۇرۇنقىدەك بولالماي قالىدۇ.

 

ب د ت 1945-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇ چاغدىكى دۇنيادىكى كۈچلەرنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلغان بولسىمۇ، ھازىرقى دۇنيا كۈچلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر ب د ت دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئەمەس. جەنۇبىي ئامېرىكىدىن ب د ت دائىمىي ئىشلار كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بىرسىمۇ يوق. ئەگەر ھازىر ب د ت نى ئۆزگەرتىدىغان بولساق، گېرمانىيە، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر دائىمىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولالىشى مۇمكىن.

 

9-سوئال: بەزىلەر «جۇڭگونىڭ يادرو بومبىسى ئامېرىكىغا بىۋاسىتە ئۇچۇپ كېلەلەيدىغان بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئەللەر بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگونى چەكلەش ئىستراتېگىيىسى ئىشلىمەس بولۇپ قالىدۇ»، دەپ قارايدىكەن. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

 

جاۋاب: مېنىڭچە ئۇلارنىڭ پەرىزى خاتا. مېنىڭ نەزەرىيەمگە قارشى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىدىيىلەرنىڭ بىرى يادرو قورالى بار ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇشى مۇمكىن ئەمەس، دېگەندىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئىدىيىگە ئىگە كىشىلەر سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھازىر يادرو قورالى بار ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشمايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى چارلىس گلېيزېر (Charles L. Glaser) «ئامېرىكا تەيۋەندىن ۋاز كېچىشى كېرەك»، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى [4]. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىنى، بىز تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئوت تۇتاشتۇرۇشى سەۋەبىدىن جۇڭگو بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. مەن جۇڭگوغا بېرىپ ئىلمىي دوكلات بەرگەندە، ئۇ يەردىكى زىيالىيلار مېنىڭ نەزەرىيەمگە قارشى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئەڭ كۈچلۈك كۆز-قاراش، ئامېرىكا-جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر ئىقتىسادتا بىر-بىرىدىن ئايرىلالماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت. ئەمما، جۇڭگولۇقلار سىزگە مۇنداق بىر نەرسىنىمۇ دەيدۇ: ئەگەر تەيۋەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ قالىدىغان بولسا، جۇڭگو ھېچ قانداق ئىككىلەنمەستىن تەيۋەن بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ دېگەنلىك «جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ»، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى سىياسەت ئىقتىسادتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. جۇڭگو تەيۋەن بىلەن ئۇرۇشسا ئالتۇن تۇخۇم تۇغۇپ بېرىدىغان ئۆردەكنى ئۆلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر چوڭ بالايىئاپەت يۈز بېرىدىغانلىقىنى جۇڭگولۇقلار ئوبدان بىلىدۇ. شۇنداق بولۇپ تۇرۇقلۇق يۇقىرىقىدەك يول تاللىشى ئۇلار ئۈچۈن ئىقتىسادقا قارىغاندا سىياسەت بەكرەك مۇھىم ئىكەنلىكىدىندۇر. بۇ نۇقتىنى چارلىس گلېيزېر تولۇق چۈشىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئامېرىكىغا تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش تەكلىپىنى بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن مۇنداق بىر ئىشنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ: يادرو قورالى دەۋرىدىمۇ بىخەتەرلىك رىقابىتى ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋېرىدۇ. سوغۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر ئىككىسىدە يادرو قوراللار بار بولۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك رىقابىتى ئۈزۈلۈپ باققان ئەمەس.

 

شۇڭلاشقا مېنىڭ قارىشىمچە، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۆلىنىش ھالىتى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقىنىڭ دەرىجىسىنى بىر ئاز تۆۋەنلىتىدىغان بولۇپ، يادرو قوراللارمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ھېلىقىدەك ئېھتىماللىقنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ.

 

10-سوئال: سىزچە ئامېرىكا چەت ئەللەردىكى ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىشى كېرەكمۇ؟

 

جاۋاب: مېنىڭچە ئەگەر ئوتتۇرا شەرق، ياۋروپا ۋە ئاسىيادا بىرەر رايونلۇق زومىگەرنىڭ پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىلا مەۋجۇت بولمايدىكەن، ئامېرىكا ئۇ يەرلەردە بىر كۈچلۈك ھەربىي قوشۇننى تۇرغۇزماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا 1968-يىلىغىچە ئوتتۇرا شەرقتە بىرەر ھەربىي بازا قۇرمىدى. سەۋەبى، ئامېرىكا 1945-يىلىدىن 1968-يىلىغىچە ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئەنگلىيەگە تاياندى. 1968-يىللىرىغا كەلگەندە ئەنگلىيە ئىمپېرىيىسى ئاجىزلاپ، «بىز ئوتتۇرا شەرقنى قوغدىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدۇق»، دېدى. ئاشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىز ئىراننىڭ پادىشاھى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. شۇنىڭ بىلەن 1968-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە ئوتتۇرا شەرقتىكى مەينەت ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىزگە ئىران قىلىپ بەردى. 1979-يىلى ئىران پادىشاھى ئۆرۈپ تاشلىنىپ، ئاياتوللا خومەينى ھوقۇقنى ئۆز قولىغا ئالدى. شۇ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلدى. ئافغانىستان بىلەن ئىران قوشنا دۆلەتلەردۇر. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىزگە كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، بىزنى ناھايىتى قورقاتتى. بىز ئۇ چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئىرانغا كىرىپ، ئىراندىكى نېفىتكە ئىگە بولۇۋالىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشقا مەجبۇرى بولدۇق. پرېزىدېنت كارتېرنىڭ ۋاقتىدا بىز بىر ناھايىتى تېز ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدىغان ھەربىي قوشۇننى بەرپا قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ ئىش پرېزىدېنت رىگاننىڭ دەۋرىگە كەلگەندە ئاندىن تاماملاندى. شۇ چاغدا ئامېرىكا تۇنجى قېتىم پارس قولتۇقىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى بەرپا قىلدى. ئۇ بىر ناھايىتى تېز ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدىغان قوشۇن ئىدى. ئۇ قوشۇن پارس قولتۇقىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان بولۇپ، زۆرۈر بولغاندا ئۇ رايونغا ناھايىتى تېزلا يۆتكىلىپ بارالايتتى. بۇ چەت ئەللەردىكى ھەربىي كۈچنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا ھەربىي قوشۇنلار چەت ئەلدىكى رايونلارغا جايلاشقان بولىدۇ. 1991-يىلى بىز 1-قېتىملىق ئىراق ئۇرۇشىنى ئېلىپ باردۇق. 1993-يىلى كلىنتون پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، بىر ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا قوشۇنىنى ئىراق دېڭىز قولتۇقى رايونىدا تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت. بىز ئەسكەرلىرىمىزنى ئۇ رايونلاردىن ئېلىپ چىقىپ كەتمىدۇق. بۇش پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئۇ رايونلاردا دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنى ئۆزگەرتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇ رايونلارنى دېموكراتلاشتۇرماقچى بولدى. چەت ئەلدىكى كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش (balancing offshore power) ئىستراتېگىيىسى بويىچە بولغاندا، ئۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئەسكەر تۇرغۇزماسلىق، قىلىدىغان ئىشلارنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنلا دەرھال ئەسكەرلەرنى ئۇ يەرلەردىن ئېلىپ چىقىپ كېتىش كېرەك ئىدى.

 

سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ياۋروپادىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىنىمۇ ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بولسا توغرا بولاتتى. ئامېرىكا ياۋروپانى قوغداشقا خەجلىگەن پۇللارنى ئامېرىكىنىڭ ئىچىدىكى يول ۋە كۆۋرۈكلەر قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قايتىدىن ياساپ چىقىش ئىشلىرىغا خەجلىگەن بولسا توغرا بولاتتى. بىز ئۆز-ئۆزىنى تولۇق قوغدىيالايدىغان كىشىلەرنى قوغداشقا پۇل خەجلىمىسەك توغرا بولاتتى. مەن ھەر قېتىم ياۋروپاغا بېرىپ، ئۇ يەرلەردىكى گۈزەل ئىمارەتلەرنى كۆرگىنىمدە، ناھايىتىمۇ زەردەم قايناپ كېتىدۇ. بىز شۇنچە كۆپ پۇل خەجلەپ، ئۆز-ئۆزىنى پۈتۈنلەي قوغدىيالايدىغان ياۋروپالىقلارنى قوغداۋاتىمىز. ياۋروپادا ھازىر بىر رايونلۇق زومىگەر بولۇۋالالايدىغان كۈچ مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭلاشقا بىز ئۇ يەردە چەت ئەللەردىكى كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىشىنى ئېلىپ بارمىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ.

 

چەت ئەلدىكى كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلارنىڭ قارىشى مۇنداق: چەت ئەلدىكى مەلۇم بىر جايدا بىر دۆلەت رايونلۇق زومىگەر بولۇۋېلىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئۇنى شۇ يەردىكى باشقا ئەللەر چەكلىيەلمەيدىكەن، ئۇ ھالدا سىز شۇ رايوندا ئۇزۇن مۇددەت ئەسكەر تۇرغۇزسىڭىز بولىدۇ. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە يۈز بەرگەن ئەھۋال ئەنە شۇنداق. 1945-يىلى گېرمانىيە مەغلۇپ قىلىنىپ، 3-4 پارچىغا بۆلۈۋېتىلدى. ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھالىدىن كەتتى. سوۋېت ئارمىيىسى بېسىۋالغان يەرلەردىن چىقىپ كەتمەي، ئۇ رايونلارنى بېسىپ ياتتى. شۇنىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۇ رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە، ھەمدە ئۇ ئەسكەرلەرنى ئاشۇ رايونلاردا 40 يىلدەك ۋاقىت تۇرغۇزۇشقا مەجبۇرى بولدى.

 

ئەمدى ئاسىياغا كەلسەك، ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە، ھىندىستان ۋە رۇسىيە قاتارلىق ئەللەر جۇڭگونى چەكلەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭلاشقا ئەگەر جۇڭگو داۋاملىق كۈچىيىپ مېڭىۋېرىدىكەن، ئامېرىكىنىڭ چەت ئەلدىكى كۈچلەرنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قوشۇنى ئاشۇ رايونغا بېرىپ، ئاشۇ رايوندا نەچچە ئون يىل بازا قۇرۇپ تۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ.

 

11-سوئال: كىچىك بۇش يولى (Bush Doctrine) غا قانداق قارايسىز؟

 

جاۋاب: مەن ھەر قېتىم جۇڭگوغا بارغاندا، ئۇ يەردىكىلەرگە مۇنداق دەيمەن: ئامېرىكا تېررورىزمغا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئافغانىستان بىلەن ئوتتۇرا شەرققە پېتىپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچىنى خورىتىۋاتىدۇ. تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش جۇڭگو ئۈچۈنمۇ مۇھىم بولسىمۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ ھېچ قانداق ئىشلىرىغا ئارىلاشماي، ئامېرىكا قىلىۋاتقان ئىشلارنى قوللاپ قويۇپ ۋە ئامېرىكىغا ئىلھام بېرىپ قويۇپ، ھەدەپ ئۆزىنى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلدۇرۇپ مېڭىش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جۇڭگو ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو ئۈچۈن ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەللەرگە قانچە كۆپ ھۇجۇم قىلسا، ئۇ يەرلەردىكى قانچە كۆپ ئەللەرنى بېسىۋالسا شۇنچە ياخشى. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئىشتىن قاتتىق نارازى بولۇپ كەتتى. مەن بولسام «ئۇنىڭغا نېمىشقا نارازى بولىسىلەر؟ بۇ بىز ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئەڭ ياخشى ئىشلارنىڭ بىرى»، دېدىم.

 

1954-يىلى فىرانسىيە ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. 1964- ۋە 1965-يىلى ئامېرىكا ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرمەكچى بولغاندا فىرانسىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پرېزىدېنتى بىزگە «ئۇ دۆلەتكە ھەرگىزمۇ كىرمەڭلار. بىز ئۇ يەرگە كىرىپ باققان. ئۇ يەرگە كىرىش بالايىئاپەتتىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمەيدۇ»، دېدى. ئەمما بىز ساراڭلىق قىلىپ، ۋىيېتنامغا كىردۇق. ئاندىن ئۇ يەردىن 1973-يىلى يېنىپ چىقتۇق. ئۇ چاغدا جۇڭگو بىزگە قارشى ۋىيېتنامغا ياردەم قىلدى. ئەمما جۇڭگومۇ ساراڭلىق قىلىپ 1979-يىلى ۋىيېتنامغا تاجاۋۇز قىلدى، ھەمدە جاجىسىنى قاتتىق يېدى. مەن 1965-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە ئامېرىكا ئارمىيىسىدە ئىشلىگەن. شۇڭا ۋىيېتنام ئۇرۇشىنىڭ قانداق ئۇرۇش بولغانلىقىدىن ناھايىتى ياخشى خەۋىرىم بار. مەن ئۆگەنگەن بىر مۇھىم ئىش شۇ بولدىكى، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ۋىيېتنام، ئافغانىستان ۋە ئىراقتەك دۆلەتلەردىن يىراق تۇرۇڭ. ئەگەر ئۇنداق دۆلەتلەرگە كىرىپ قالسىڭىز، جاجىڭىزنى يەتكۈچە يەيسىز. بىز ئافغانىستان ۋە ئىراق بىلەن ئۇرۇشۇپ ھەقىقەتەنمۇ نادانلىق قىلدۇق. ھازىر بەزىلەر تېخى ئىران بىلەن ئۇرۇشۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئۈچۈن ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەھۋال خۇددى بىر جەننەتتەك بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ غەلىبە قىلىشتىن ھېچ قانداق ئۈمىد يوق ئۇرۇشلارغا پېتىپ قېلىشى ئۇلار ئۈچۈن يۈز بەرگەن ئەڭ ياخشى ئىش. سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 22 يىلنىڭ 15 يىلىدا بىز ئوخشىمىغان يەرلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق. يەنى سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ھەر 3 يىل ئىچىدىكى 2 يىل ئىچىدە بىز ئۇرۇش قىلدۇق. بۇ خىل ئەھۋال ھازىرمۇ ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس. ئەگەر جۇڭگولۇقلار ئەقىللىق بولىدىغان بولسا، ئامېرىكىنى مۇشۇنداق ئىشلارنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ توختاتماي قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەرەققىياتىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرۇپ ماڭىدۇ.

 

12-سوئال: مەن مۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا جۇڭگو تارىخىنى ئوقۇۋاتىمەن. مەن ھازىرغىچە ئىگىلىگەن بىلىملەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ تارىخى باشقا رايون خەلقلىرىدىن ئۇزۇن ئىكەن. ھەمدە ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ چېگراسى ئىچىگىلا كۆڭۈل بولۇپ، سىرتنىڭ ئىشلىرىغا ئاساسەن ئارىلىشىۋالمايدىكەن. سىز «جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ» دېگەندە قانداق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇۋاتىسىز؟

 

جاۋاب: مېنىڭ كۆز قارىشىم جۇڭگو باشقىلار بىلەن ئۆزلۈكىدىنلا ئۇرۇشىدۇ، ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك رىقابىتى يۈز بېرىپ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆز-ئارا تۇتىشىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ھەربىي مۇسابىقە يۈز بېرىپ، ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشىدىغان ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ باقمىغان. ئەمما مېنىڭچە ئۇ دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدا ئوق چىقىرىپ ئۇرۇشۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى خېلىلا كۈچلۈك. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك رىقابىتى يۈز بېرىپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى گېرمانىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىگە قاراپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك رىقابىتى مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا ئۇلار بىر-بىرى بىلەن تىنچلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىيالايدۇ.

 

مەن ئەمدى جۇڭگو تارىخى ھەققىدە قىسقىچە توختىلاي. مەن ھەر قېتىم جۇڭگوغا بارغاندا ئۇ يەردىكىلەردىن مېنىڭ نەزەرىيەم خاتا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مۇنداق 3 سەۋەبى بارلىقىنى ئاڭلايمەن: (1) ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۆلىنىش نەزەرىيىسى، (2) «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز كۇڭزى مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەت بىر تىنچلىقنى ياقلايدىغان مەدەنىيەت. بىز باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى، ۋە بىر زومىگەر بولۇۋېلىشنى خالىمايمىز» دېگەن كۆز-قاراش، (3) جۇڭگو ھازىرقىدىن ئارتۇق تەرەققىي قىلمايدۇ، شۇڭا جۇڭگو دۇنيا ئۈچۈن بىر خەۋپ بولۇپ قالمايدۇ، دېگەن كۆز-قاراش. مېنىڭچە سىز ئۆگەنگەن جۇڭگو تارىخى بىلەن جۇڭگولۇقلار تەشۋىق قىلىۋاتقان جۇڭگو تارىخىنىڭ ھەر ئىككىسى خاتا. جۇڭگومۇ تارىختا كۆپلىگەن جايلارغا تاجاۋۇز قىلىپ، باشقىلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان [3]. ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئىمكانىيىتى يار بەرگەن ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلار شۇنداق قىلغان. باشقىلارغا ھۇجۇم قىلماي، باشقىلارنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالماي ئۆتكەن دەۋرلەرنىڭ ھەممىسى ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئۇلاردا ئاشۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى يوق ۋاقىتلارغا توغرا كەلگەن. ھەقىقەتەنمۇ جۇڭگو داۋاملىق ئۆزلىرىنى «ياخشى تەرەپ» قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئۆزلىرىنى «ياخشى تەرەپ»، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇلار ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش. ئەمما تارىختا سادىر قىلغان يامان قىلمىشلىرى جەھەتتە جۇڭگولۇقلارنىڭ باشقىلاردىن ھېچ قانداق پەرقى يوق.

 

 

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

 

[1]Why China Cannot Rise Peacefully 20:10

https://www.youtube.com/watch?v=CXov7MkgPB4

 

[2] Why China Cannot Rise Peacefully

https://www.youtube.com/watch?v=Jzlxl5wC1s4

 

[3] Crouching Tiger: John Mearsheimer on Strangling China & the Inevitability of War

 

[4] https://elliott.gwu.edu/glaser

 

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

 

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu>

 

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik>

 

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu>

 

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye>

 

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu

 

[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

<http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda>

 

7]] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47530-Tarix-Bilen-S%F6hbet-Am%E9rika-Gherb-Asiya-we-Junggo

 

 

 

Share
1631 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.