logo

trugen jacn
20 ئىيۇل 2015

جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ سودىسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ كەتتى

images

جۇڭگو-رۇسىيە سودىسىدىن كىشىنى بىئارام قىلىدىغان كۈتۈلمىگەن ئۇچۇر كەلدى. ئۇزۇن مەزگىل ئاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو-رۇسىيە سودا سوممىسى 2015-يىلى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى. جۇڭگو تاموژنىسى باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو-رۇسىيە سودا سوممىسى 31 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 كە يېقىن ئازلاپ كەتكەن. جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىشىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى چوڭ بولۇپ، رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشىنىڭ تۆۋەنلەش سۈرئىتىنىڭ 1.5 ھەسىسى بولغان.رۇسىيە «سەھەر گېزىتى» تور بېتىنىڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدا جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىشى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.2 تۆۋەنلەپ كېتىپ، 14 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان؛ رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا تاۋار ئېكسپورت قىلىشى %23.9 تۆۋەنلەپ، 16 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ يىل 6-ئايدا ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى پەقەت 6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.9 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدا، جۇڭگونىڭ رۇسىيەگە ئېكسپورت قىلىشى 2 مىليارد 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34.2 ئازلىغان؛ رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشى %3.4 تۆۋەنلەپ، 3 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.رۇسىيە سۈنئىي ھەمرا تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇتەخەسسىسلەر رۇسىيەنىڭ سودىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋاقىتلىق ھادىسە دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىشنى تامامەن ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق سەۋەبى ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە غەربنىڭ جازاسى رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاقىۋەت ئىستېمال ئېھتىياجى ۋە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەن. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ھەمدە يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىش ھادىسىسىمۇ رۇسىيەنىڭ مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۇرغان. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىشى مۇھىم نۇقتىنى ئىچكى ئېھتىياج ۋە مۇلازىمەت كەسپىگە يۆتكەشنى كۆرسىتىدۇ.رۇسىيە ئاكادېمىيەسى يىراق شەرق تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىقتىسادشۇناس ئاندىرىينىڭ دېيىشىچە، بۇ پەقەت يۈزەكى ھادىسە ئىكەن، باشقا يەنە نەچچە يىل توپلىنىپ قالغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلە مەۋجۇتكەن. ئالدى بىلەن رۇسىيە-جۇڭگو سودا قۇرۇلمىسىدا تولغىنىش كۆرۈلدى، جۇڭگو ئېكسپورتىدا ئاساسلىق ئۈلۈشىنى ئىگىلىگىنى ماشىنا ئېلېكتر مەھسۇلاتلىرى بولغان، رۇسىيەنىڭ ئېكسپورتىدا ئاساسلىق ئۈلۈشىنى ئىگىلىگىنى خام ئەشيا مەھسۇلاتلىرى بولغان. ئىككىنچىدىن، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىش سوممىسى ئىنتايىن ئاز.جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد سودا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ مەسئۇلى سېرگىينىڭ قارىشىچە، رۇسىيە سودا ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو ئېكسپورتىدا يېڭى ئېشىش نۇقتىسى تېپىشى، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا مەبلەغ سېلىشتىكى يېڭى ساھە تېپىشى كېرەك ئىكەن

 

پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 16-ئىيۇلدىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى

Share
937 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.