logo

trugen jacn

جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە زېرەك كۈچ -Smart Power

 


جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە زېرەك كۈچ -Smart Power

ئەلروھلان

يىل  2017- 11-ئاۋغۇست

مەن ئالدىنقى يازمامدا «يۇمشاق كۈچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۈچ ھەققىدە توختىلىپ، ھازىر جۇڭگو ئاشۇ ساھەدىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ بىلەن قاتتىق تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ھەمدە ئەگەر جۇڭگو ئۆزىنىڭ ھازىرقىدەك سىياسىي تۈزۈمىنى ساقلاپ ماڭىدىكەن، ئۇ يۇمشاق كۈچ جەھەتتە دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتتۈم.

خەلقئارا مۇناسىۋەتتە ھەربىي كۈچ، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە يۇمشاق كۈچتىن باشقا يەنە «زېرەك كۈچ» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر كۈچمۇ بار بولۇپ، بۇ كۈچ ھەققىدىكى ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىققىنىغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىدى. مەن بۇ قېتىم ئاشۇنداق «زېرەك كۈچ» ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن. مېنىڭ بۇ قېتىم پايدىلانغىنىم ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور جوسېف ناي نىڭ «دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى: قاتتىق كۈچ، يۇمشاق كۈچ، ۋە زېرەك كۈچ» دېگەن تېمىدىكى بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتى بولۇپ، مەن مەزكۇر يازمىدا ئاشۇ دوكلاتنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ دوكلاتنىڭ سىن ھۆججىتى 2014-يىلى 18-نويابىر كۈنى يۇتيۇبقا قويۇلغان بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە دۇنياغا داڭلىق تېلېۋىزور نۇتقى پروگراممىسى «تېخنولوگىيە، كۆڭۈل ئېچىش، ۋە لايىھە» دە سۆزلەنگەن ئىكەن. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، پەقەت كىچىك تېمىلارنىلا مەن ئۆزۈم قويدۇم. ئەگەر تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئۆزۈمنىڭ سۆزىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى «ئىلاۋە» سۆزى بىلەن باشلانغان بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ قىستۇرۇپ قويىمەن.

Name: 20170811_nye1.jpg Views: 75 Size: 141.1 KB
بىرىنچى رەسىم: جوسېف ناي 2014-يىلى 18-نويابىردىكى «TED» پروگراممىسىدا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

پروفېسسور ناينى مەن ئالدىنقى يازمىدا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنى بۇ يەردە قايتا تەكرارلىمايمەن. تۆۋەندىكىسى پروفېسسور ناينىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلار.

مەن سىلەرگە 21-ئەسىردىكى كۈچلەر ھەققىدە سۆزلەپ بېرىمەن. مېنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن دەپ قويىدىغىنىم، ھازىر كۈچلەر ئۆزگىرىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزگىرىشلەرنى 2 تۈرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇنىڭ بىرى كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى بولۇپ، ئۇ كۈچلەرنىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەقسىماتىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ھازىر كۈچلەر غەربتىن شەرققە يۆتكىلىۋاتىدۇ. يەنە بىرى بولسا كۈچلەرنىڭ تارقىلىشى  بولۇپ، ھازىر كۈچلەر دۆلەتلەردىن بىرەر دۆلەتكە تەۋە ئەمەس تەشكىلاتلارغا تارقىلىۋاتىدۇ. مانا بۇلار مۇشۇ ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان كۈچلەر ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەردۇر. مەن يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلەپ، ئەڭ ئاخىرىدا بەزى ياخشى خەۋەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتىمەن.

1. كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى

بىز داۋاملىق ئاسىيانىڭ كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىمىز. ئەسلىدە بىز ئۇنى «ئاسىيانىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئاسىيانىڭ ئەسلىگە قايتىشى» دېسەك توغرىراق بولىدۇ. ئەگەر بىز 1800-يىلىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئاسىيادا ياشاۋاتقانلىقىنى، ھەمدە دۇنيادىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىمۇ ئاسىيالىقلار ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئالدىمىزغا 100 يىل مېڭىپ، 1900-يىلىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەڭدىن تولىسى يەنىلا ئاسىيادا ياشاۋاتقانلىقىنى، ئەمما دۇنيادىكى مەھسۇلاتنىڭ ئاران 20 پىرسەنتىنى ئاسىيالىقلار ئىشلەپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئارىلىقتا نېمە بولدى؟ «سانائەت ئىنقىلابى» بولدى. شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا دۇنيانىڭ ھۆكۈمران ئورنىدا تۇرىدىغان يېڭى مەركەزگە ئايلاندى. بىز 21-ئەسىردە ئاسىيانىڭ تەدرىجىي ئۆز ئەسلىگە قايتىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ تەڭدىن كۆپىنى ئىگىلەيدىغان، ھەمدە دۇنيا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ناھايىتى مۇھىم، ھەمدە ئۇ بىر ناھايىتى مۇھىم ئۆزگىرىش ياكى يۆتكىلىش.

2. كۈچلەرنىڭ تارقىلىشى

ئەمدى مەن يەنە بىر ئۆزگىرىش ياكى كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى ئۈستىدە توختىلىمەن. ئۇ بولسىمۇ كۈچلەرنىڭ تارقىلىشى. بۇ مەسىلىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كۆڭلىڭىزدە مۇنداق بىر ئىشنى چىڭ ساقلاڭ: 1970-يىللىرىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىغىچە كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ تەننەرخى 1000 ھەسسە تۆۋەنلىدى. بۇ بىر ئابستراكت سان. ئەگەر يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ باھاسىمۇ ئاشۇنداق تېز چۈشكەن بولسا، بۈگۈن سىز بىر ماشىنىنى 5 دوللارغا سېتىۋالالايتتىڭىز. ئەگەر بىر مەھسۇلاتنىڭ باھاسى ئاشۇنداق تېز چۈشۈپ كېتىدىكەن، «بۆسۈپ كىرىش توسالغۇسى» (barrier of entry) مۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. يەنى، ئۇ مەھسۇلاتنى ھەممە ئادەم ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ كېتىدۇ. 1970-يىلى سىز بىرلا ۋاقىتتا دۇنيانىڭ بىر قانچە جايلىرى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشمەكچى بولغان بولسىڭىز، سىز شۇنداق قىلالايتتىڭىز. ئاشۇنداق قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تېخنىكا ئۇ چاغدىمۇ بار ئىدى. ئەمما سىز ناھايىتى باي بولمىسىڭىز بولمايتتى. ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ ئاشۇنداق قىلىش ئىمكانىيىتى بار. ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ بۇرۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇش چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان ئىشلارنى قىلىش ئىمكانىيىتى بار. مەن يېقىندا بىر «ئىنتېرنېت چايخانىسى» غا كىرسەم، ئىنتېرنېتنىڭ بىر سائەتلىك ھەققى ئەنگلىيە پۇلىدا بىر فوند ستېرلىڭ بولۇپ، سكايىپ (Skype) بولسا ھەقسىز ئىكەن.

دېمەك، بۇرۇن چەكلەنگەن ئىمكانىيەتلەر ھازىر ھەممە ئادەم ئۈچۈن تەييار. بۇ «دۆلەت دەۋرى ئاخىرلاشتى» دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. دۆلەت ھازىرمۇ مۇھىم بولۇپ، ھازىر يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەھۋال خەلقئارا سەھنىلەرنىڭ ئويۇن ئوينايدىغانلار بىلەن بەك توشۇپ كېتىشى، بەك قىستا-قىستاڭ بولۇپ كېتىشىدۇر. سەھنىلەرگە بىرەر دۆلەت ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئەمەس كىشىلەرنىڭ چىقىشىدۇر. مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ بىر ياخشى ئىش. يەنى، سىياسىيغا بىرەر ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس كىشىلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى بىر ياخشى ئىش. يەنە بەزى جەھەتتىن بۇ بىر يامان ئىش. مەسىلەن، ئەل-قائىدە. ئۇمۇ بىرەر ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان رول ئالغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.

ئەنئەنىۋى كۆز-قاراش بويىچە بىز «ئۇرۇش» دېسەك، كاللىمىزغا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشلار كېلىدۇ. مەسىلەن، 1941-يىلىدىكى ئۇرۇش ياپوننىڭ ئامېرىكىنىڭ پېئارل خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان. 2001-يىلى بىرەر دۆلەت ھۆكۈمىتىگە تەۋە بولمىغان ئەل-قائىدە ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىپ، 1941-يىلىدىكى پېئارل خاربور پورتى ئۇرۇشىدا ئۆلگەن كىشىلەردىنمۇ كۆپ ئادەمنى ئۆلتۈردى. بۇنى بىز «ئۇرۇشنىڭ خۇسۇسىيلاشتۇرۇلۇشى» دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. دېمەك، كۈچلەرنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە بىز بىر چوڭ ئۆزگىرىشنى كۆرۈۋاتىمىز.

3. كۈچ -Power -دېگەن نېمە؟

كۈچ دېگىنىمىز باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزىڭىز ئىستىگەن نەتىجىگە ئېرىشىش دېمەكتۇر. بۇنداق قىلىشنىڭ 3 خىل ئۇسۇلى بار:
–1) تەھدىت، مەجبۇرلاش، ياكى «تاياق»
–2) پۇل بېرىش، پارا بېرىش، ياكى «سەۋزە»
–3) باشقىلارنىمۇ سىز ئىستىگەن نەرسىنى ئىستەيدىغان قىلىش

باشقىلارنى مەجبۇرلىماي، ياكى باشقىلارغا پۇل تۆلىمەي، ئۇلارغا سىز ئىستىگەن ئىشنى قىلغۇزۇشنى مەن «يۇمشاق كۈچ» دەپ ئاتايمەن. ھازىرغىچە كىشىلەر مۇشۇنداق يۇمشاق كۈچكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمىدى، ھەمدە ئۇنى توغرا چۈشىنەلمىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ناھايىتىمۇ مۇھىم. ئەگەر سىز يۇمشاق كۈچتىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋالىدىكەنسىز، سىز تاياق ۋە سەۋزە جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان كۈچنى تېجەپ قالالايسىز.

ئىلاۋە: غەربتە «تاياق ۋە سەۋزە» دېگەن سۆزنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. ئۇ باشقىلارنىڭ ياخشى ئىپادىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇكاپات بىلەن جازادىن تەڭ پايدىلىنىش چارىسىگە قارىتىلغان. ھەمدە بۇ ئۇقۇم بىر ھارۋىكەشنىڭ ھارۋىنى سۆرەۋاتقان قېچىرغا ئالدى تەرەپتىن بىر سەۋزىنى تەڭلەش ۋە ئارقا تەرەپتىن بىر تاياقنى تەڭلەش ئەھۋالىدىن كېلىپ چىققان. قېچىر سەۋزىدىن ئىبارەت بىر مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ھارۋىنى ئالدىغا تارتىدۇ، شۇنداقلا تاياق يېيىشتىن ئىبارەت بىر جازاغا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن يەنىلا ھارۋىنى ئالدىغا تارتىدۇ. «سەۋزە ۋە تاياق» ئۇقۇمى خەلقئارا مۇناسىۋەتتە «قاتتىق كۈچ» نىڭ ئەمەلىي ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنى سەۋزە ئىقتىسادىي پايدىغا، تاياق بولسا تەھدىت ۋە پىسخولوگىيىلىك زوراۋانلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ. «سەۋزە ۋە تاياق» ئۇقۇمى ئەڭ دەسلىپىدە 1948-يىلى غەرب ئەللىرىدە قوللىنىشقا باشلىغان.

Name: 20170811_nye2.jpg Views: 75 Size: 15.9 KB
2-رەسىم: «سەۋزە» ۋە «تاياق».

ئەنئەنىۋى كۆز-قاراش بويىچە ئېيتقاندا، «كۈچ» دېسە كىشىلەر پەقەت ھەربىي كۈچنىلا كۆزدە تۇتىدۇ. ئەمما 21-ئەسىردىكى كۈچلەرنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن كۈچلەرگە يېڭى ئېنىقلىما بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 21-ئەسىردە ئۇرۇشلار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئەمما «كۈچ» دېگىنىمىزدە پەقەت ئۇرۇشلاردا غالىب كېلىدىغان كۈچلەرنىلا كۆزدە تۇتساق بولمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلار «كىمنىڭ ئارمىيىسى يەڭدى» دېگەندىن باشقا، يەنە «كىمنىڭ گېپى يەڭدى» دېگەن بويىچە بولىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ھېكايىمىز ياكى ئۆز گېپىمىز ئۈستىدە قاتتىق باش قاتۇرۇپ، ھېكايىمىزنى ئەڭ ئۈنۈم بېرىدىغان ھالەتكە ئەكەلمىسەك بولمايدۇ.

4. كۈچلەرنىڭ دۆلەتلەر ئارا يۆتكىلىشى

بىز ھازىر كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشى ۋە تۆۋەنگە چۈشۈشى ھەققىدە كۆپ سۆزلىشىمىز. يەنى، جۇڭگونىڭ ئۆرلىشى ۋە ئامېرىكىنىڭ چۈشۈشى ھەققىدە كۆپ سۆزلەيمىز. 2008-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن كۆپلىگەن كىشىلەر «مانا بۇ دۇنياغا ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېيىشكە باشلىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قاراش كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىز يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق، «ئامېرىكا تۈگەشتى» دېگەن كۆز-قاراشنىڭ ھەر 10 – 15 يىلدا بىر قېتىم پەيدا بولۇپ تۇرغانلىقىنى بايقايمىز. 1958-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى «Sputnik» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەرگەندە كىشىلەر «ئەمدى ئامېرىكا تۈگەشتى»، دېدى. 1973-يىلى نېفىت سودىسى مەنئى قىلىنغاندا كىشىلەر «ئەمدى ئامېرىكا تۈگەشتى»، دېدى. 1980-يىللىرىدىكى رىگان پرېزىدېنت بولۇۋاتقان ۋاقىتتا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا-غەرب رايونلىرىدىن كالىفورنىيەدىكى كىرىمنىي جىلغىسىغا يۆتكەلگەندە كىشىلەر «ئەمدى ئامېرىكا تۈگەشتى»، دېدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قاراشلارنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى. 2000-يىللىرى كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ كۈچىنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلەپ، «ئامېرىكا ھەر قانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دېگەن قاراشتا ئىش ئېلىپ باردى. نەتىجىدە تاشقى ئىشلار سىياسىتىدە ئامېرىكا ناھايىتى ئېغىر بالايىئاپەتلەرگە دۇچ كەلدى. ھازىر بولسا كىشىلەر قايتىدىن «ئەمدى ئامېرىكا تۈگەشتى»، دېيىشكە باشلىدى. قىسقىسى، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئامېرىكا ياكى يۇقىرىغا چىقىدۇ، ياكى بولمىسا تۆۋەنگە چۈشىدۇ. بۇ بىزگە كىشىلەردە ساقلىنىۋاتقان بىر خىل پىسخولوگىيىلىك ھالەتنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بەرمەيدۇ.

ئەگەر بىز ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشەنمەكچى بولساق، ئامېرىكا ۋە جۇڭگوغا دائىر ھازىر قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىدىن بىرى بولغان گولدمان ساكس «جۇڭگو ئىقتىسادى 2027-يىلىغا بارغاندا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادقا ئايلىنىدۇ»، دېگەن مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. نوپۇس سانى 1.3 مىلياردتىن ئاشىدىغان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى مەلۇم بىر ۋاقىتقا بارغاندا چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئەمما، گولدمان ساكسنىڭ مۆلچىرىگە ئوخشاش مۆلچەرلەر كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى ھەققىدە ئەمەلىي ئەھۋالنى يورۇتۇپ بېرەلەمدۇ-يوق، مەسىلىسىدە بىز ناھايىتىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشىمىز كېرەك.

ئۇنداق مۆلچەرلەر ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان. بىرىنچىدىن، ئۇ مۆلچەر تۈز-سىزىقلىق ئۆزگىرىش يۈزلىنىشى بويىچە كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان. يەنى، ئۇ مۆلچەر «ئامېرىكا ماۋۇ سىزىق بويىچە مېڭىپ، جۇڭگو ئاۋۇ سىزىق بويىچە ماڭسا، بۇ ئىككى سىزىق ماۋۇ جايدا ئۆز-ئارا كېسىشىدۇ»، دېگەن قاراش بىلەن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان. تارىخ تۈز-سىزىق بويىچە ماڭمايدۇ. تارىخىي يوللاردا ئوي-دوڭغۇللار كۆپ بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەگەر «جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ چوڭلۇقى 2030-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنى بېسىپ چۈشىدۇ»، دېسەك، بۇ ئىقتىسادنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، ھەرگىزمۇ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ ئىقتىسادنىڭ تەركىبىي قىسىملىرىنى ئېچىپ بەرمەيدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىدا تەرەققىي قىلمىغان ساھەلەر يەنىلا ناھايىتى كۆپ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم بىر ئىقتىسادنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەرسە بولۇپ، ئۇ جەھەتتە جۇڭگو ئامېرىكىغا 2050-يىللىرىدىن بۇرۇن يېتىشەلمەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، يۇقىرىدىكى مۆلچەر پەقەت بىرلا ئۆلچەم (one-dimension) بويىچە چىقىرىلغان. يەنى، ئۇنىڭدا ئىقتىسادىي كۈچ پەقەت GDP ئارقىلىقلا ئۆلچەنگەن. GDP ھەربىي كۈچ ۋە يۇمشاق كۈچ ھەققىدە ھېچ نېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، مەن يۇقىرىدا ئاسىيانىڭ قايتىپ كېلىشى ھەققىدە توختالدىم. ئاسىيا پەقەت بىرلا دۆلەت ئەمەس. ياپونلارنىڭ نەزىرىدىكى ياكى ھىندىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو بىلەن جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدىكى قەد كۆتۈرگەن جۇڭگو پۈتۈنلەي باشقا-باشقىچە ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ. ئامېرىكا كۈچىنىڭ بىر پايدىلىق تەرىپى ئاسىيادىكى كۆپلىگەن ئەللەر جۇڭگوغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكىنىڭ كاپالىتىنى ئىستەيدۇ. جۇڭگونىڭ قوشنىلىرى جۇڭگوغا دۈشمەنلىك كۆزلىرى بىلەن قارايدۇ. دېمەك، گولدمان ساكسنىڭكىگە ئوخشاش مۆلچەرلەر كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى ھەققىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

5. كۈچلەرنىڭ تەقسىماتى ۋە ئۇنىڭ كۈچلەرنىڭ تارقىلىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

ھەقىقىي كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى توغرا چۈشىنىش تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر سىز بۇ مەسىلىدە توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولالمايدىكەنسىز، سىز تۈزگەن تاشقى ئىشلار سىياسىتى پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. نۇرغۇن كىشىلەر «21-ئەسىر ئىچىدە 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر قايتا تەكرارلىنىدۇ»، دەپ قاراۋاتىدۇ. 20-ئەسىردە ياۋروپادىكى ئەللەر ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇش سالاھىيىتىنى يوقاتتى. ئۇنداق بولۇشىنى گېرمانىيەنىڭ كۈچلىنىپ كېتىشى ۋە شۇ سەۋەبتىن ئەنگلىيەدە پەيدا بولغان ئەندىشە كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا كىشىلەر «ئاشۇنداق ئەھۋال بۈگۈن يەنە تەكرارلىنىدۇ»، دېيىشىۋاتىدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە ئۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ئۇ بىر ناچار تارىخ بولۇپ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب 1900-يىللىرىدىلا گېرمانىيە سانائەت كۈچى جەھەتتە ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر سىزدە يۇقىرىقىدەك چۈشەنچە بار بولىدىكەن، ئۇ سىزدە بىر ئەندىشە پەيدا قىلىپ، سىز ئۇنىڭغا قارىتا چارە قوللانغاندا چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئىشلار كېلىپ چىقىدۇ. كۈچلەرنىڭ غەربتىن شەرققە يۆتكىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ چوڭ خەتەر ئۇ پەيدا قىلىدىغان ئەندىشىدىن ئىبارەت. بىز جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ كېتىشىدىن ياكى ئاسىيانىڭ ئەسلىگە قايتىشىدىن قورقۇپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئەگەر بىز تارىختىكى ئەھۋاللارنى توغرا چۈشەنگەن ئاساستا ئىش ئېلىپ بارساق، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيمىز.

دۇنيادىكى كۈچلەرنىڭ بۈگۈنكى تەقسىملىنىش ئەھۋالىنى بىر 3 ئۆلچەملىك شاھمات تاختىسى (3-dimensional chess game) غا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئۇ تاختىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىگە دۇنيادىكى ھەربىي كۈچلەر تىزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت ئامېرىكىلا بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ھەمدە بۇنداق ئەھۋال يەنە 20 – 30 يىل ئىچىدە ئۆزگەرمەي داۋاملىشىدۇ. بۇ ھەربىي تاختاينىڭ ئۈستىدە جۇڭگو ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

ئوتتۇرا قەۋەتتىكى تاختايغا ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچلىرى تىزىلغان. بۇ قەۋەتتە كۈچلەر كۆپ قۇتۇپلۇق ھالەتكە كىرگەن بولۇپ، ئامېرىكا، ياۋروپا، جۇڭگو ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئوخشىمىغان قۇتۇپلار بىر-بىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ.

شاھمات تاختىسىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە ئوخشىمىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا باغلانغان كۈچلەر تىزىلغان. مەسىلەن، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى، زەھەرلىك چېكىملىك سودىسى، ئىقتىسادىي جىنايى ئىشلار ۋە يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىقلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى ئىشلارغا كىرىدۇ. بۇ ساھەنى ھېچ كىم كونترول قىلمايدۇ. بۇ تاختايدا كۈچلەر قالايمىقان تارقالغان. بۇ تاختايدىكى مەسىلىلەر بىز مۇشۇ ئەسىر ئىچىدە دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن-بىر ئۇسۇلى ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش. بۇ دېگەنلىك يۇمشاق كۈچ ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

بىز 21-ئەسىردە كۈچلەر ھەققىدە ئويلىغان ۋاقتىمىزدا، «كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى نۆل بولىدۇ؛ مەن ئۇتسام، سەن چوقۇم ئۇتتۇرىسەن» دېگەن ئىدىيىدىن يىراق تۇرۇشىمىز كېرەك. كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى بەزىدە ئىجابىي نەتىجىمۇ بولالايدىغان بولۇپ، ئۇنداق ئەھۋالدا سىزمۇ ئۇتۇپ، مەنمۇ ئۇتىمەن. ئەگەر جۇڭگو ئېنېرگىيە يېتىشتۈرەلمەسلىك مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ھاۋانى بۇلغاشنى ئازايتسا، ئۇ بىز ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق. شۇڭلاشقا ئەگەر بىز جۇڭگونىڭ ھاۋاغا ئىس تارقىتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلساق، ئۇ ھەممىمىز ئۈچۈن پايدىلىق.

6. زېرەك كۈچ

بۇ دېگەنلىك 21-ئەسىردە دۆلەتلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىش ئېلىپ بېرىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دېگەنلىك ئەمەس. 21-ئەسىردىمۇ دۆلەت قوشۇنلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇرۇشلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. باشقىلار بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاش ئوخشاشلا مۇھىم ئورۇندا تۇرۇۋېرىدۇ. قاتتىق كۈچمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ ماڭىدۇ. ئەمما، ئەگەر بىز قاتتىق كۈچلەر بىلەن يۇمشاق كۈچلەرنى «زېرەك كۈچلەر ئىستراتېگىيىسى» بويىچە بىرلەشتۈرۈپ ئىش كۆرمەيدىكەنمىز، بىز 21-ئەسىردىكى چوڭ مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلالمايمىز.

بىز بۇ يەردە ئويلانمىساق بولمايدىغان مۇھىم تېما، بىز دۇنياۋى دائىرە ئىچىدە قانداق ھەمكارلىقلارنى ئىشقا ئاشۇرساق، پۈتۈن دۇنياغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلەيمىز، دېگەندىن ئىبارەت. دۆلەت مەنپەئىتىگە قانداق ئېنىقلىما بەرگەندە، كۈچلەرنىڭ يىغىندىسى نۆل بولماي، بەلكى ئىجابىي نەتىجە پەيدا قىلىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا بىز 21-ئەسىردە دۆلەت مەنپەئىتىگە ئېنىقلىما بەرگەندە، بىز چوقۇم ئۆزىمىزگىمۇ پايدىلىق، ۋە باشقىلارغىمۇ پايدىلىق بولىدىغان بىر يولنى تاللىشىمىز كېرەك. مانا بۇ بىز 21-ئەسىردە كۈچلەر ئۈستىدە ئويلانغاندا ئەستە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. بىز بۇ ئەسىردە قاتتىق كۈچ ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، دۇنيانىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىگە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىشلارنىمۇ تەڭ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ يۇمشاق كۈچىنىمۇ ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ھىلارى كلىنتون ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇلارنىڭ سىياسىتى زېرەك كۈچ سىياسىتى بولىدىغانلىقىنى، ئاشۇ سىياسەت بويىچە بولغاندا، ئۇلار ھەربىي كۈچ، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە يۇمشاق كۈچلەر قاچىلانغان «تاشقى ئىشلار سىياسىتى سايمانلىرى ساندۇقى» دىكى سايمانلارنىڭ ھەممىسىدىن ئاقىلانىلىك بىلەن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەن يۇقىرىدا 21-ئەسىردىكى كۈچلەر تەقسىماتىنىڭ ئالاھىدىلىكى كۈچلەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە كۈچلەرنىڭ تارقىلىشىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇڭلاشقا بىز بۇنىڭدىن كېيىن ئاشۇ ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، قاتتىق كۈچ بىلەن يۇمشاق كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشقا سالىدىغان بىر زېرەك كۈچ ئىستراتېگىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مەن سىلەرگە دەپ قويماقچى بولغان ياخشى خەۋەر شۇكى، بىز ئاشۇنداق ئىشنى قىلالايمىز [1].

ئىلاۋە: دوكتور ناي ئەپەندىنىڭ مەزكۇر لېكسىيىسى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ئۇ 2015-يىلى 10-مارتتا ئامېرىكىدىكى «بافېي ئىنستىتۇتى» (Buffett Institute) دا بەرگەن بىر دوكلاتىدا نېمە ئۈچۈن جۇڭگو يۇمشاق كۈچ جەھەتتە تەرەققىي قىلالمايدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپتۇ. تۆۋەندە مەن ئاشۇ مەزمۇننى بايان قىلىپ ئۆتىمەن [2].

Name: 20170818_nye.jpg Views: 19 Size: 52.4 KB
3-رەسىم: جوسېف ناي 2015-يىلى 10-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى «بافېي ئىنستىتۇتى» دا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرۈنۈش.

7. جۇڭگو نېمىشقا يۇمشاق كۈچتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

گەرچە خۇ جىنتاۋ «جۇڭگو يۇمشاق كۈچ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك»، دېگەن بولسىمۇ، ھەمدە جۇڭگو ھازىر يۇمشاق كۈچ تەرەققىياتى ئۈچۈن مىليارد دوللارلاپ پۇل خەجلەۋاتقان بولسىمۇ، جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتە ھەر خىل چەكلىمىلىرى بار. بۇ ئىش جۇڭگو سىياسىي تۈزۈمى ماھىيىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. يۇمشاق كۈچنىڭ تەرەققىي قىلىشى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقات قوراللىرىنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس بولۇپ، بۇ نۇقتىنى جۇڭگولۇقلار ئانچە چۈشەنمەيدۇ. يۇمشاق كۈچنى ئاساسىي جەھەتتىن ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر سىز ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ ئەركىن ھەرىكەتلىنىشىگە يول قويمايدىكەنسىز، سىز يۇمشاق كۈچ جەھەتتىكى ئىقتىدارىڭىزنى زور دەرىجىدە چەكلەپ قويىسىز.

مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەيدان دوكلات بەرگەندە، بىر ئوقۇغۇچى مەندىن «جۇڭگو قانداق قىلسا ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مەن سىزگە ئۇنىڭ سىرىنى دەپ بېرەي، ئەمما سىز چوقۇم مېنىڭ جاۋابىمنى ياقتۇرمايسىز: ھەر خىل ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ. ھوللىۋودنىڭ ئامېرىكا يۇمشاق كۈچى تەرەققىياتىدا ئويناۋاتقان رولىغا قاراپ بېقىڭ. ھىندىستاندىكى بالىۋۇد ئامېرىكىدىكى ھوللىۋودقا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرەك كىنو ئىشلەپ چىقىرىدۇ. جۇڭگودىكى ئىقتىدارلىق دىرېكتورلار ۋە كىنو ئارتىسلىرىنىڭ سانى ھەرگىزمۇ ھىندىستاندىكىدىن ئاز ئەمەس. ئەمما جۇڭگودا ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈپ جازالاش (censorship) ئورۇنلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ. بۇ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ئامېرىكا ۋە ھىندىستانغا يېتىشىۋېلىشى تولىمۇ قىيىن. سەۋەبى جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمى ماركىسىزم-لېنىنىزملىق تۈزۈم بولۇپ، ئۇ لېنىننىڭ كوممۇنىزم ئىدىيىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان. جۇڭگودىكى كىشىلەر كوممۇنىزمغا ئانچە ئىشەنمەيدۇ، ئەمما جۇڭگو كوممۇنىزم ئىدىيىسى بويىچە ئىدارە قىلىنىدۇ. ھازىر جۇڭگو يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مىللەتچىلىككە تايىنىپ ئاشۇنداق تۈزۈمنى قانۇنلۇق ئاساسقا ئىگە قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال جۇڭگونىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈمدىكى ئەللەردىكى يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرگەن بىلەن، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا ئۇنداق قىلالمايدۇ. »

دېمەك، جۇڭگونىڭ ئالدىدا قانداق قىلىپ يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەسىلىسى بار. ئۇلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلار قاتارىدا قىلغان ئىشلىرىنىڭ ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن دۇنيا ئولىمپىك مۇسابىقىسى ۋە شاڭخەيدىكى سودا يەرمەنكىسى قاتارلىقلار بار. مەن ئۆتكەن يىل ئاشۇ سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، ناھايىتىمۇ تەسىرلەندىم. ئەمما جۇڭگو ئۇنىڭدىن كېيىنلا ليۇ شاۋبونى تۈرمىگە قاماپ، ئۇنىڭ ئوسلودىكى نوبېل مۇكاپاتى مۇراسىمىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى توسۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكىدەك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بارغان ئىشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى يوق قىلدى. شۇڭلاشقا ئامېرىكىدىكى بىر ئورۇن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇمشاق كۈچ جەھەتتە ئامېرىكا جۇڭگودىن كۆپ ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. مېنىڭچە جۇڭگونىڭ سىياسىي تۈزۈمىدە ئۆزگىرىش بولمىغۇچە، بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىپ مېڭىۋېرىدۇ.

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ
http://forum.uyghuramerican.org/foru…Cch-Bolalmaydu

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…liqi-Qanchilik

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…E9rek-B%E9ridu

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە
http://forum.uyghuramerican.org/foru…Assimilyatsiye

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…e-Y%E9tekleydu

[6] جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا
http://forum.uyghuramerican.org/foru…2gha-Chiqqanda

[7] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە جۇڭگو
http://forum.uyghuramerican.org/foru…siya-we-Junggo

[8] جۇڭگو نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…qiy-Qilalmaydu

[9] نېمىشقا لىدېرلار يالغانچىلىق قىلىدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…nchiliq-Qilidu

[10] جۇڭگونىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
http://forum.uyghuramerican.org/foru…e-Ch%FCshenche

[11] جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈدىغان يېڭى يىپەك يولى
http://forum.uyghuramerican.org/foru…ngi-Yipek-Yoli

[12] پاكىستان پارچىلىنىپ كېتەمدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…inip-K%E9temdu

[13] جۇڭگو «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟
http://forum.uyghuramerican.org/foru…gha-Chiqalamdu

پايدىلىنىش مەنبەلىرى:

[1] Joseph Nye – Global power shifts: hard power, soft power and smart power
https://www.youtube.com/watch?v=JsE_1sY0lfU&t=2s

[2] Joseph Nye: The Future of Power
https://www.youtube.com/watch?v=rRd4mrxF3os&t=3s

Share
1407 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.