logo

trugen jacn

جۇيۇڭكاڭنىڭ خىتايلارغا قىلغىنى جىنايەت،ئۇيغۇرلارنى قىرغانلىقى تۆھپىمۇ؟

images

مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

 

جۇيۇڭ كاڭ بىيجىڭ ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن 2014.يىلى 12. ئاينىڭ5.كۈنى پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ،قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرۇلغانلىقى ئىلان قىلىندى.شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىنى سۇيىىستېمال قىلىپ، شەخسى نەپسىگە چوغ تارتىش، دۆلەتنىڭ مۈلكىگە ئېغىر زىيان سېلىش، پارىخورلۇق-خىيانەتچىلىك، چېرىكلىك، پاھىشىۋازلىق قاتارلىق قاتارلىق 6 خىل جىنايەت بىلەن ئىيىپلەنگەن.خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەغلۇپ بولغان رەقىپلىرىنى ”خىيانەتچى،پاشىۋاز“ دەپ ئىيىپلشى بىر ئەنئەنىۋى ئادەت،ئەلبەتتە. ئامما،جۇيۇڭكاڭنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مىللىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى توغرۇلۇق ھىچقانداق سۆز ئىچىلمىغان
جۇيۇڭكاڭ 2002.يىلى خىتاي بىخەتەرلىك منىستىرلىگىنىڭ مىنىستىرى قىلىپ بىكىتىلگەندىن كىيىنلا ۋاڭلوچىۋەننىڭ ئۇيغۇرلارلارنى باستۇرۇشىدىكى بىرىنجى ئارقا تىرىگى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان .جۇيۇڭكاڭ 1969.يىلدىن باشلاپ نىفىت ساھەسىدە ئۆسۈشكە باشلىغان.2002.يىلى 16.قۇرۇلتايدا مەركىزى كومىتىت سىياسى بىروسىنىڭ ئەزاسى بولىشى بىلەن خىتاي دۆلىتىنى باشقۇرغۇچى  رەھبەرنىڭ قولىدا قۇرال بولغان،تەسىر كۇچى كۇچلۇق بىر ئەزاسىغا ئايلانغان ئىدى.جۇيۇڭكاڭ 2007.يىلى17.قۇرۇلتايدا مەركىزى كومىتىت سىياسى بىيوسىنىڭ دايىمى ئەزاسى ۋە سىياسى قانۇن كومىتىتىنىڭ باشلىق بولغاندىن  كىيىن شەرقى تۈركىستاننىڭ خىزمىتىگە قانۇنلۇق بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلىش ھوقۇقىغا ئىرىشتى.كىيىن ۋاڭلوچۇۋەننىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا ئەڭ مۇھىم يەنە بىر ۋەزىپە بىرىلدى.يەنى جۇيۇڭكاڭ “مەركىزى كومىتىت شىنجاڭ خىزمەتلىرىنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى” دەپ ئىلان قىلىندى.مۇئاۋىن باشلىقلىققا ۋاڭلوچۇۋەن تەيىنلەندى.بۇ گۇرۇپ 11 نەپەر ئەمەلداردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئىچىدە بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى.شۇنىڭ بىلەن جۇيۇڭكاڭ شەرقى تۈركىستاندىكى نىفىت،گاز،كان بايلىقلىرىنى كونتىرول قىلىشنى ۋاڭلوچىۋەننىڭ ياردىمى بىلەن تامامەن قولغا كىرگۈزۈپلا قالماي،خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھەربىي،بىڭتۈۋەن،ساقچى ۋە مەمۇرى ھۇقۇقلىرىنى تىزگىنىگە ئالدى

20120519134301444
جۇيۇڭكاڭ شەرقى تۈركىستاندا بىر تەرەپتىن بۇ زىمىننىڭ بايلىقلىرىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن سۈمىرسە،يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ “قەھرىمانلىق” ئوبرازىغا جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، ئەن-ئەنىۋى خىتاي ھىلىسىنى تۈزۈپ چىقتى؛ئۇيغۇرلارغا قارشى سىياسى،دىنى،ئىختىسادى،ئىجتىمائى بىسىمنى كۈچەيتىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىسيان قىلىشقا مەجبۇرلاش ۋە بۇ ئىسيانلارنى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرۇش ئارقىلىق مەركەز ۋە خىتاي خەلقى ئالدىدا “ۋەتەننىڭ پۈتۈنلىكىنى قوغدۇغۇغۇچى باش قەھرىمان” دەيدىغان ئوبرازىنى يارىتىشنى مەخسەت قىلدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاڭلوچۈۋەن،ياڭگاڭ ،نۇر بەكرى قاتارلىقلارغا بارلىق ئىمكانىيەتلەرنى يارىتىپ بەردى.جۇيۇڭكاڭ ۋە ۋاڭلوچۇۋەننىڭ “مىللىي زۇلۇمنى كۈچەيتىپ ئىسيان چىقىرىش” تاكتىكىسى ئاخىرى “مىيۋە”سىنى بەردى. “5.ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى”نىڭ پارتلىشىغا ئىجتىمائى زىمىن تەييارلىدى.بىراق “5.ئىيۇل ۋەقەسى” ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس،خىتايلارغىمۇ قاتتىق زىيان سالغانلىقى ئۈچۈن،شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي ئاھالىسىنىڭ نارازىلىقى بىلەن مەركەز ۋاڭلوچۇۋەننى بىيجىڭغا يۆتكەپ كەتمەكچى بولغاندا،يەنە ۋاڭلوچۇۋەننى جۇيۇڭكاڭ ئۆز يىنىنغا ئالدى ۋە سىياسىقانۇن كومىتىتىگە مۇئاۋىن رەئىس قىلدى.مەقسىدى ھەم سىياسى ھەم ئىقتىسادى خىيانەتلەرنى بىرلىكتە ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىدى

indir
جۇيۇڭكاڭ پۈتۈن خىتاي مىقىياسىدا سىسىشقا باشلىغان بىر ۋاقىتتا يەنە كومىنىست پارتىيەسى 18.قۇرۇلتايدا شىنجاڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.تەڭرىتاغ خىتايچە تورى 2012.يىلى 5.ئاينىڭ 19.كۈنى مۇنداق دەپ يازدى؛ “ كومىنىستىك پارتىيە شىنجاڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 17-18.ماي كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئىچىلدى.مەركىزى كومىتىتنىڭ يولداش جۇيۇڭكاڭنى شىنجاڭدىن ۋەكىل قىلىپ سايلاش تەكلىۋى،يىغىنغا قاتناشقان 630 نەپەر ۋەكىلنىڭ ھەممىسىنىڭ بىلەت تاشلىشى بىلەن 18.قۇرۇلتاي شىنجاڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى،دەپ ئىلان قىلىنغاندا پۈتۈن زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭراپ كەتتى.” ختاي خەلقى تەرىپىدىن تۈكۈرۈپ تاشلانغان ئۈلىۋاتقان بىر قىرى يولۋاس يەنە شەرقى تۈركىستاندىكى پاشىست خىتايلار تەرىپىدىن قايتا تىرىلدۈرۈلۈش ئۈچۈن تەرەددۇتسىز بىيجڭغا ياردەمچى بولدى.
جۇيۇڭكاڭنىڭ خىتاي دۆلىتىگە ۋە خەلقىگە سالغان زىيانلىرى خاتا،ئۇيغۇرلارغا سالغان زىيانلىرى ئۇتۇقمۇ؟خىتاينى ئۆلتەرسە جىنايەت،ئۇيغۇرلارنى ئۆلتەرسە تۆھپىمۇ؟

تارختا ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلىغان ۋە يۇرتىمىزدا مىللىي زۇلۇم قىلىشتا داڭ چىقارغان ھىچبىر خىتاي ئەمەلدار،خىتاي ھاكىمىيەتلىرى ۋە خەلقى تەرەپتىن ئىيىپلەنگىنى يوق.جۇيۇڭكاڭدىن بارلىق ھىساپلار سورىلىشى مۇمكىن،ئامما،ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن مىللىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھىساۋى سورۇلمايدۇ.ئۇيغۇر خەلقى بۇ نوقتىنى ئىسىدىن چىقارماسلىقى لازىم
مەنبە

 

中央新疆工作领导小组机构设

新疆选出42名出席党十八大代表 周永康当选

 

Share
1917 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.